باشقىلار تەرىپىدىن ھەر قانچە ياخشى دەپ كۆككە كۆتۈرۈلگەن نەرسىمۇ ئەگەر ئېھتىياجىمىزدىن چىقالمىسا ئۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن. بۇ ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر مۇھتاجلىققا، ئېھتىياجغا تولغان قىسمەت.
خۇددى ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىگە يېىتىش ئۈچۈن پەقەت شۇ ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بەرگەندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت (دوستلۇق، دۈشمەنلىك) نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئەمما ئادەتتە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى كۆپ كىشىلەرنىڭ بىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ (بەلكىم بۇ ئادەم بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بىزنىڭ يېقىن دوستىمىز بولۇشى مۇمكىن، دۈشمىنىمىز ھېساپلىنىشىمۇ مۇمكىن.) ھەقىقىي ماھىيىتىنى كۆپ ھاللاردا ھېس قىلالمايمىز. بەزىلەر بەلكىم بىزگە ئېھتىياجى بولغانلىقى ئۈچۈنلا "كۆۋرۈكتىن ئۆتىۋېلىش" ئۈچۈن بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئالاھىدە ياخشى دوستلۇق ئىپادىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار بىزدىن تىگىشلىك نىسىۋىنى ئېلىپ "كۆۋرۈك" تىن ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىزدىكى ئېھتىياجى ئاللىبۇرۇن بىز تەرىپىمىزدىن قاندۇرۇلۇپ بولۇنغان. بىزنىڭ ئۇلارغا داۋاملىق كېرىكىمىز بولمىغانلىقتىن بىز ئۇلارغا ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا ئۇلارنى تاپالماسلىقىمىز مۇمكىن. پەقەت ئادەتتە بىز بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلار ئارىسىدا "بىز دېگەن ئۇنداق دوست، مۇنداق دوست، سەن ئۈچۈن جېنىم پىدا" دېگەندەك بىر تالاي گەپلەرگە مۇنداقلا كۆلۈپ قويۇش بىلەن ئۆتكۈزىۋەتسەك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق "جان جىگەر"دوستىمىز ئىكەنلىكىنى پەقەت ۋاقىت ئىسپاتلايدۇ. پەقەت بىز بىلەن ئۇ ئادەم ئوتتۇرىسىدا مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بەرگەندىلا ئۇ ئادەم يا بولسا ئۆز مەنپەئىتىدىن ۋاز كېچىپ دوستىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ ياكى بولمىسا دوستىدىن يۈز ئۆرۈپلا ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن دوستىنىڭ مەنپەئىتىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدۇ. دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىز زادى كىمنىڭ ھەقىقىي دوستىمىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
خۇددى، يۇقىرىدىكى دوستلۇق ھەققىدىكى بايانغا ئوخشاش، ھەر قانداق بىر نەرسىگە "ياخشى" ياكى "ناچار" دەپ باھا بېرىشكە توغرا كەلسە، پەقەت بىزنىڭ ئېھتىياجىمىز چۈشكەندىلا ئاندىن ئۇ نەرسىگە ھەقىقىي ماھىيەت جەھەتتىن باھا بېرەلىشىمىز مۇمكىن. مانا بۇ رىئاللىق.
بۈگۈن ئېنتىرنىتنىڭ بىر قىسمى بولغان ئىزدەش ماتورى ھەققىدە ئازراق توختىلىپ باقماقچىمەن.
بەلكىم ئارىمىزدا ئىزدەش ماتورى ھەققىدە ئىنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغانلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللىشى مۇمكىن. بۇ مەزمۇن ئىلقۇت بلوگىدىن كۆچۈرۈلگەن
خوش، ئۇنداق بولسا ئىزدەش ماتورى دېگەن نېمە؟
ئىزدەش ماتورى ھەققىدە
ئەگەر ئىزدەش ماتورى بىزگە زادى نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدۇ؟ دەپ سۇئال چۈشسە، خېلى كۆپ كىشىلەر بۇنىڭغا تۇلۇق، قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا (بولۇپمۇ تور ساھەسىدە) بىز ئىزدەش ماتورىنىڭ ياردىمىدىن پەقەتلا ئايرىلالمايمىز…
بەزىلەر بەلكىم ئىزدەش ماتورى دېگەن شۇ بەيدۇ (百度)، گوگول (Google) دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن.
بۇ مەزمۇن ئىلقۇت بلوگىدىن كۆچۈرۈلگەن
مىكروسوفتنىڭ چوڭ قامۇس كىتابىدا ئىزدەش ماتورىغا بېرىلگەن ئىزاھات مۇنداق:
ئىزدەش ماتورى دېگىنىمىز: ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ كومپىيوتىرىدا، ئېنتىرنىتتا ساقلانغان ئۇچۇرلارنى ئىزدەش مەشغۇلاتىدىن ئىبارەت. ئىشلەتكۈچى ئىزدىمەكچى بولغان مەزمۇن ھەققىدە ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئىزدەش ماتۇرىغا كىرگۈزۈپ ئاندىن كۈچلۈك بولغان ئىزدەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرغا ئېرىشىش مەقسىتىگە يېتىدۇ.
ئىزدەش ماتورى (Search Engines) دېگىنىمىز بىر خىل ئاكتىپلىق بىلەن ئۇچۇر (تور يۈزىدىكى سۆز، ئاددى بولغان ئالاھىدە مەزمۇن قاتارلىقلارنى ئىزدەش) ئارقىلىق، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاپتۇماتىك تىزىپ چىقىرىپ بېرىدىغان جەرياندۇر. ئىزدەش ئۇچۇرلىرى ئىزدەشكە بولىدىغان چوڭ بىر سانداندا ساقلىنىپ، ئىزدەش ئارخىپى تۇرغۇزىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ كېلەر قېتىم داۋاملىق شۇ مەزمۇننى قايتا ئىزدىشىڭىزگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
قىسقىسى ئىزدەش ماتورى ئارقىلىق كىشىلەر غايەت زور ئۇچۇر دېڭىزىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرغا ئېرىشىش مەقسىتىگە يېتىدۇ.
ئۇنداق بولسا، بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن "ياخشى"دەپ تەرىپلىنىشكە ئېرىشەلەيدىغان ئىزدەش ماتورى قايسى؟ بۇ مەزمۇن ئىلقۇت بلوگىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەگەر سىزنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىڭىز يىتەرلىك ياخشى بولسا سىز ئۈچۈن ياخشى بولغان ئىزدەش ماتورى بەلكىم بەيدۇ (百度) ۋە ياكى گوگول (Google) بولۇپ قالار. (ئەلۋەتتە، ئېنگىلىزچە ئىزدەشتە يەنىلا Google ئەڭ ياخشىسىدۇر. ئەگەر سىزنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىڭىز ياكى ئېنگىلىزچە سەۋىيىڭىز يىتەرلىك ياخشى بولمىسىچۇ؟ سىز يەنىلا شۇ بەيدۇ (百度) ۋە ياكى گوگول (Google) غا ياخشى دەپ باھا بېرەلەمسىز؟ چۈنكى بەيدۇ (百度) ۋە ياكى گوگول (Google) بۇلار بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىنى تۇلۇق قوللاپ بەرمەيدۇ. بولۇپمۇ بەيدۇ (百度) بۇ جەھەتتە تامامەن پاسسىپ پۇزىتسىيەدە بولىدۇ.
ئۇنداق بولسا خەنزۇ تىلى ۋە ئېنگىلىز تېلىدا سەۋىيىمىز يىتەرلىك ياخشى بولمىغان شارائىتتا، بىزنىڭ ياخشى دەپ تەرىپلىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئىزدەش ماتورى يەنىلا: يول ئىزدەش (http://www.yol.la) ماتورى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئىلقۇت بلوگىدا ياخشى ئەسەرلەر بار
خوش، ئۇنداق بولسا يول ئىزدەش (http://www.yol.la) ماتورىغا ياخشى دەپ باھا بېرىشىمىزدە يول ئىزدەش (http://www.yol.la) ماتورىدا زادى قانداق ئەۋزەللىكلەر بار؟ http://blog.ilqut.com
رەسىمدىن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، يول ئىزدەش ماتورى ھازىر بىزگە تەمىنلىگەن مۇلازىمەتلەردىن خەۋەر، تور دۇنياسى، ناخشى، كىنو-فىلىم، رەسىم، ئۇچۇر، لوغەت قاتارلىقلار بار. مېنىڭ يول ئىزدەش ماتورىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۇ كۈچلۈك بولغان ئىزدەش ئىقتىدارى (خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە، ئۇيغۇرچە، بەلكىم باشقا تىلارمۇ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مەن پەقەت مۇشۇ ئۈچ تىلدا ئىزدەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىمەن.) نى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەندىن سىرت مېنى ئەڭ جەلپ قىلغىنى ئۇنىڭ كۈچلۈك بولغان لوغەت ئىقتىدارىدۇر (بەلكىم بۇ مېنىڭ دائىم ئانچە-مۇنچە تەرجىمە بىلەن شۇغۇللانغانلىقىمدىن بولسا كېرەك). بۇ ئەسەرنىڭ مەنبەسى: http://blog.ilqut.com بۇ جەھەتتە، كۆپچىلىك ئەگەر يول ئىزدەش ماتورىنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدارىنى سىناپ باقماقچى بولسا خالىغان بىر سۆز، مەسىلەن: ئائىلە دەپ ئىزەپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا خەۋەر، تور بىكەت، ناخشا، فىلىم، ئۇچۇر، رەسىم، لوغەت دېگەندەك تۈرلەر بويىچە ئىزدەپ كۆرۈڭ.
سىزنىڭ يول ئىزدەش ماتورىنى خۇددى ماڭا ئوخشاش چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىدىغانلىقىڭىزغا تامامەن ئىشىنىمەن. ئىلقۇت بلوگىدا ياخشى ئەسەرلەر بار شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، سىز يول ئىزدەش ماتورى ئارقىلىق تور دۇنياسىدىكى يولىڭىزنى توغرا تاپالايسىز!
تور دۇنياسىدىكى قەدىمىڭىز يول ئىزدەش ماتورى بىلەن تېخىمۇ راۋان بولغۇسى!
مەنبە: ئىلقۇت بلوگى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pengiyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-22 12:20
|