- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-19
- تىزىملاش
- 2010-10-16
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 173سائەت
- جۇغلانما
- 2999
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 788
- تېما
- 93
- توردا
- 173سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 37
- يازما
- 788
- تېما
- 93
|
بىر ئېقىن بار ئىدى، ئۇ ناھايىتى يىراق بىر تاغدىن باشلىنىپ نۇرغۇن سەھرا -دالىلاردىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا قۇملۇققا يېتىپ كەلدى، ئۇ ئېقىن ئالدىغا ئۇچۇرىغان نۇرغۇن توسالغۇلارنى قانداق بۆسۈپ ئۆتۈپ كەلىگەن بولسا، بۇ قۇملۇقنىمۇ شۇنداق بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولىدى ، لېكىن ئۇ قۇملۇقىنىڭ ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ سۈيىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى.
ئېقىن سېنىڭ پىشانەڭگە مۇشۇ قۇملۇقنى بۆسۈپ ئۆتۈش يېزىلغان ، دېگەنگە ئىشىنىپ كەلىگەندى لېكىن ئۇنىڭ يولى توسۇلۇپ قالىدى . دەل مۇشۇ چاغدا قۇملۇقىنىڭ ئۆزىگە يۇشۇرۇنغان بىر ئاۋاز ئۇنىڭ قولىقىغا شىۋىرلىغاندەك ئاڭلاندى ؛
شامال قۇملۇقىنى بېسىپ ئۆتەلەيدۇ، شۇڭا ئېقىنىمۇ كېسىپ ئۆتەلەيدۇ.
- سەن ئۆز خلىڭ بىلەن ئالدىڭىغا ئېتىلىۋەرسەڭ ، بۇ قۇملۇقتىن ئۆتەلمەيسىەن ، يا غايىپ بۇلىسەن ، يا سازلىققا ئايلىنىپ كېتىسەن . سېنى پەقەت شاماللا نىشانغا ئاپرىپ قۇيالايدۇ
-شامال قانداق ئاپىرىپ قۇيالايدۇ؟
-ئۆزۈڭنى شامالغا سۈرتىسەن .
بۇ تەكلىپىنى ئېقىن قۇبۇل قىلالمايتى . قانداقلا بولسۇن ئۇ ئىلىگىرى بۇنداق قىسىمەتكە ئۇچىراپ باقمىغان ، ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى يوقىتىپ قويغۇسى يوق ئىدى . ئەگەر خاسلىقىنى يوقىتىپ قويسا يەنە قايتىدىن بىر ئېقىن بۇولۇپ شەكىللىنەمدۇ، بۇنى ئېقىن نەدىن بىلىدۇ ؟
بۇ ئىشىنى شامالىنىڭ ئۆزگە قۇيۇپ بەت ،-ئۇ سۇنى ئېلىپ قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدۇ ، ئاندىن ئۇنى يەنە يەرگە قۇيۇپ بىرىدۇ ، سۇ يامغۇر شەكلىدە يەرگە چۈشىدۇ ، ئاندىن بىر يەرگە يىغىلىپ ئېقىن ھاسىل قىلدۇ .
-شۇنداق بولغانلىقىغا قانداق ئىشىنەلەيمەن ؟
-شۇنداق بۇلۇشىدا گەپ يوق . ئەگەرئۇنىڭىغا ئىشىنەلمىسەڭ ، ھالاكەت يولغا ماڭغان بۇلسەن ، ھالىڭ ئەڭ ياخشى بولغاندىمۇ بىر پارچە سازلىققا ئايلىنىسەن ، تېخى سازلىققا ئايلىنىشىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن، نۇرغۇن يىللار كېتىدۇ ، يەنە كېلىپ سازلىق دېڭىزىنىڭ ئېقىنىغا پەقەتلا ئوخشىمايدۇ .
لېكىن ھازىرىقى ھالىتىمىنى تۇلۇق ساقلاپ قالالايمەنمۇ ؟
- ھەر ئىككى ئەھۋالدا تۇلۇق ساقلاپ قالالايسەن ،- دېڭىز شىۋىرغان ئاۋاز.
سېنىڭ ماھىيەتلىك قىسىمىتىڭ ئېلىپ كېيىلىپ قايتىدىن بىر ئېقىن شەكىللىنىدۇ، ھەتتا سېىنىڭ ( ھازىرىقى سەن) دەپ ئاتىلىشىڭىدىكى سەۋەب قايسى قىسىمىتىڭىنىڭ ماھىيەتلىك قىسىمى ئىكەنلىكىڭىنى ئۆزۈڭمۇ بىلمەيسەن .
ئېقىن بۇ سۆزىنى ئاڭلغاندىن كىيىن ، بەزى ئەكس- سادالار ئۇنىڭ مېڭىسىدە كۆتۈرۈشىكە باشلىدى. ئۇ گاراڭلىق ئىچىدە بىر ھالەتنى ئەسلىدى ، ئۇ ھالەتتە، ئۇنى ياكى ئۇنىڭ بىر قىسىمىنى ئىلىگىرى شامال يېتەكلەپ ماڭغان ئىدى . ھەقىقەتەن شۇنداق بىر ئىش بولغانمۇ؟ئېقىن جەزىمىلەشتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، بۇ ئۆزى ھەقىقىي قىلىماقچى ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيىتىقۇسى كەلدى . بولمىسا بۇ ئىش ئۇنىڭغا گۇڭگا ئىدى.
ئېقىن پارغا ئايلىنىپ شامالىنىڭ باغرىغا دوستانە سىڭىپ كەتتى ، شامال مۇلايىم يېنىك ھەركىتى بىلەن ئۇنى بىللە ئېلىپ ئالغا ئىلىگىرىلىدى ، ئۇلار يېراقتىكى تاغ چوقىسىغا يېتىپ بارغاندا ، شامال ئۇنى ئاستا يەرگە قۇيۇپ بەردى. ئېقىن دەسىلەپتە گۇمانلانغىنى ئۈچۈن ، ئۇ تەجىرىبىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى كاللىسىغا مەھكەم ئورنىتىۋالدى .
( شۇنداق ئويلىدى ئۇ -مەن ھازىر باشقىلارنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلۇشىنى ئۈگۈنۋالدىم .) ئېقىن ئۈگۈنۋاتىدۇ. لېكىن قۇم شىۋىرلاۋاتىدۇ؛
-بىز بىلىمىز، چۈنكى بىز مۇنداق ئىشىقا ھەر كۈنى شاھىت بۇلۇپ تۇرىمىز، چۈنكى بىز قۇملا ئېقىن بۇيىدىن تاغلارغىچە سوزۇلغان بۇلىمىز.
بەزىلەر مۇشۇ سەۋەبتىن شۇنداق دەيدۇ؛ ھايات ئېقىنى داۋاملىق ئىلىگىرلەيدىغان يول قۇم ئۈستىگە يېزىلغان .
مەنبە؛ ئوشۇ ھىكايەتلىرى
|
|