ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر يۇمۇر چاقچاقلار قىنى كۈلۈڭ، قانچىلىك كۈلىسىز!
كۆرۈش: 989|ئىنكاس: 21
go

قىنى كۈلۈڭ، قانچىلىك كۈلىسىز!  

توردا
47سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
173 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-21 12:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بالام ، ماڭا خوش دېگىن

مەمەت تاللا بازىرىدا مال ئىلىۋاتسا ، بىر موماي ئۇنىڭغا راسا تىكىلىپ قارىۋىتىپ دەپتۇ :
- ۋىيەي ، ۋىيەي ، سەن ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلۇمغا ئەجەپمۇ ئوخشايدىكەنسەن، بالام، ئىغىر كۆرمىسەڭ، مەن ماڭغاندا <خەيرى - خوش ئاپا> دەپ قول شىلتىپ قويساڭ.
مەمەت مومايغا ئىچ ئاغرىتىپ قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ دەپتۇ :
- خەير- خوش ئاپا !
مومايمۇ ئىشىكتىن چىقىپ كىتىۋىتىپ ئۈنلۈك توۋلاپتۇ :
- خوش بالام !
مەمەت سودىسىنى قىلىپ ئىشىكتىن چىقىشىغا مۇلازىم ئالدىنى توسۇپ دەپتۇ :
- ئەپەندى، ئاپىڭىز ئالغان نەرسىلەرنىڭ پۇلىنى تۆلىۋىتىڭ .

موماينىڭ تىلفۇنى

بىر موماي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە تىلفۇن بىرىپ سوراپتۇ :
- ئالو ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىمۇ؟
- ھەئە، تىز سۆزلەڭ، نەگە ئوت كەتتى؟ !
- مەن ئىشىكىم ئالدىغا مىڭ بىر جاپادا جۈخاگۈلى، مودەنگۇل تىرىغانىدىم، تازىمۇ ئوبدان غۇنچىلىغانىدى...
- ئالو، خانىم گۈللەرنى قانداق پەرۋىش قىلىشنى باغۋەنچىلىك ئىدارىسىدىن سوراڭ!
- ئالو، ئالو، ۋەي گىپىمنى بۆلمەي تۇرۇڭ! قوشنامنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتتى، سىلەر ئوت ئۆچۈرگىلى كەلگەندە گۈللىرىمنى دەسسىۋەتمەڭلەر...

ھاجىتى يوق، دادا

- قاچا- قومۇچلارنى يۇيۇۋىتىڭ، - ئىرىگە بۇيرۇق قىپتۇ خوتۇنى. ئەر خوتۇننىڭ بۇيرۇقىنى رەت قىلىشىنى بىئەپ كۆرۈپ ئوغلىنى ئىشقا سالماقچى بوپتۇ:
- ئوغلۇم، ھازىر مەن ساڭا قاچا يۇيۇشنى مەشىق قىلدۇراي. ئۆگىنىۋالساڭ، كەلگۈسىدە خوتۇنىڭغا ئوبدان ياردەم قىلالايسەن.
- ھاجىتى يوق، دادا، كەلگۈسىدە مەنمۇ بالامنى قاچا يۇيۇشقا سالىمەن.

مەن باجگىر

- پاھ، دۇكىنىڭىز قالتىس ئىكەنغۇ، نىمىدىگەن جىق ئىسىل ماللار، - دەپتۇ بىر كىشى دۇكانغا كىرىپ ،
- كەلسىلە، كەلسىلە، - دەپتۇ دۇكان ئىگىسى بۇرۇتىنى تولغاپ، ئۇدۇلىمىزدىكى ئاۋۇ سولتەك تۆت تال ماتانى داڭلاپ كۈنىگە نەچچە مىڭ تەڭگىلىك سودا قىلىۋاتىمەن دەپ مەندىن بازار تالىشىۋاتىدۇ، مال دىگەن مۇنداق بولىدۇ دېسىلە،
- سودىڭىز قالتىس بولۇۋىتىپتۇ - دە؟
- شۇنداق، تەقسىز، كۈنىگە بەش مىڭ تەڭگىدىن تۆۋەن بولمايدۇ، خوش ، ئۆزلىرى قايسى رەخىتتىن ئالىدىلىكىن؟
- يوقسۇ، سودىڭىز ياخشى بولسا باجنى تۆلىۋەتسىڭىز، مەن باجگىر بولىمەن.
- ...

يەنە ئويغىتىمەن

رىستوراندا بىر مىھمان مەسىت بولۇپ بىشىنى ئۈستەلگە قويۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ، بىر مۇلازىم، ئۇنى ئويغاتماقچى بوپتىكەن، نىرىدا تۇرغان يەنە بىر مۇلازىم ئىشارەت قىلىپ ئۇنى يىنىغا چاقىرىپ سوراپتۇ:
- ئۇ مەستىنى نىمە قىلاي دەيسەن؟
- ئويغىتىپ تالاغا چىقىرىۋىتىمەن .
- ئۇنداق يىتىۋالسا، كىرگەن مىھمانلار تاماق يىمەي چىقىپ كىتىدۇ- دە .
- ھەي ئەخمەق، ئۇنى باياتتىن ئىككى قىتىم ئويغاتتىم، ھەر قىتىم ئويغانغاندا پۇل تۆلەشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دەپ، بىر مۇنچە پۇل بەردى. سەل تۇرۇپ يەنە ئويغىتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا miskin0709 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-21 12:43

توردا
185سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
408 
تېما
35 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-21 13:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەجەپ ياقتا بۇ يۇمۇر ھەقىقەتەنمۇ قىزىقالىقكەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-21 13:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن قىزىقارلىق يۇمۇرلاركەن ... كۈلدۈرگىنىڭىزگە رەھمەت ! ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-21 13:41

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
67سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
247 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-21 14:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
1000 
تېما
52 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-21 15:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاۋۇ مۇمايلار قىزىقچى ئىكەن ھە......

توردا
129سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
177 
تېما

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-21 15:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىرىنچى يۇمۇر بەك قىزقارلىقكەن

توردا
129سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
177 
تېما

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-21 15:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
47سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
173 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-21 15:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئىنكاس قايتۇرۇش miskin0709 نىڭ يازمىسى

يەنە بىر يۇمۇر

مەن سىنى ئەڭ يىقىن ئادىمىم دەپ يۇرسەم، مىنى باشقىلارغا تىللاپ بىرىپسىزغۇ؟
- توۋا ! ! !
- بۇندىن كىيىن مىنى ئىزدىمەڭ.
- مەن سىزگە ئۆچ...
- بولدى مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن...



دەپتۇ: توشقان موزايغا ھا... ھا...ھا 哈 哈 哈

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا miskin0709 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-21 15:58

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-21 16:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك قىززىقكەن

توردا
96سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
261 
تېما
24 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-21 21:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىرىنچى يۇمۇر بەك قىزىقارلىق ئىكەن ................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-17 16:48

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.