ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ياخشى فىلىملەر شەيدائىي «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىد ...
كۆرۈش: 182|ئىنكاس: 5
go

شەيدائىي «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىدا....

Rank: 8Rank: 8

توردا
353سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
429 
تېما
225 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-19 23:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

داڭلىق خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائىي شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىدا





قۇربانجان روزى 1969-يىلى 3-ئايدا قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1987-يىلدىن باشلاپ خەتتاتلىق ئىجادىيىتىگە قەدەم قويغان. ئۇنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلىرى ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن خەتتاتلىق كۆرگەزمىلىرىگە كۆپ قېتىم تاللىنىپ، مۇكاپاتلانغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى مەملىكىتىمىزدە ئويۇشتۇرۇلغان خەتتاتلىق كۆرگەزمىلىرىگە ۋە شىياڭگاڭ، ئاۋمىن، مالايسىغيا قاتارلىق جايلاردىمۇ كۆرگەزمىلەرگە قويۇلغان. 1999-يىلدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ شەخسى خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى قەشقەر، ئۈرۈمچى، خوتەن، يەكەن قاتارلىق شەھەر ۋە ناھىيلەردە ھەمدە 2007-يىلى خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان ھۆسىن خەت كۆرگەزمىسى قەشقەردە ئېچىلىپ كەسىپداشلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ خەتتاتلىق سەنئىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ھارماي-تالماي ئىزدىنىپ مول خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى ياراتقان كۆزگە كۆرۈنگەن مۇنەۋۋەر ياش خەتتاتلارنىڭ بىرى. ئۇ مەدەنىيەت مىنستىرلىقى تەرىپىدىن « جوڭگۇدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن خەلق سەنئەتكار» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ «شەيدائى ھۆسىنىخەت ئەسەرلىرى» ۋە «شەيدائىي كومپىيوتېر ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى» دېگەن كىتابلىرى، ھۆسنىخەت شەكلىدە يېزىپ چىققان «سەيپىدىن ئەزىز روبائىيلىرى» ھەمدە «مەشھۇر شەخىسلەر ھېكمەتلىرىدىن» دېگەن بىر يۈرۈش ھۆسىنخەتلىرى نەشىر قىلىنغان.
ئۇ ھازىر جوڭگۇ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن باش كاتىپى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.


مەنبە: تۇغلان تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا menggutax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-19 23:16

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

Rank: 8Rank: 8

توردا
772سائەت 
نادىر تېما
دوست
94 
يازما
2675 
تېما
454 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-19 23:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يازمىڭىزغا تەشەككۈر ... بىلىۋالغۇلۇق تىما ئىكەن ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
633سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
489 
تېما
55 

شەرەپلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-19 23:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنىڭدەك ئىز تورىنىڭ يىقىندىن قوللىغۇچىسى ۋە ھەمكارلاشقۇچىسى. يىقىندا ئىز تورىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىتىمىزدە شەيدائىي ئەپەندىنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان نادىر ھۆسىنخەت ئەسەرلىرىمۇ بار.

/member/index.php?uid=sheydayi
شەيدائىي ئەپەندىنىڭ ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى ۋە تەرجىمالىي.
بۇ يىل ئەجەپ غەلىتە بىر يىل بولدى

توردا
1342سائەت 
نادىر تېما
دوست
40 
يازما
1627 
تېما
144 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 11:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بۇ ئاكىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى شۇنداق ياقتۇرىمەن،
كومپىيوتىردا لاھىيلىگەن ھۆسنىخەتلىرىمۇ شۇنداق ئۆزگىچە، ھەم رەڭ سىزىمىمۇ شۇنداق يۇقىرى.

توردا
235سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
1004 
تېما
52 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 16:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بۇ خەتتاتنى بىلمەيدىكەنمەن . رەخمەت ، ئەمدى بىلىۋالدىم .

توردا
68سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
237 
تېما
30 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 22:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پىروگراممىنغا مىنىڭ دوستۇممۇ قاتنىشىپتىكەن،تېلىۋىزوردا كۆرىۋالدىم،رەھمەت سىزگە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-20 07:38

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.