ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 168|ئىنكاس: 5
go

[ھېكايە] سۈكۈت...

Rank: 8Rank: 8

توردا
352سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
428 
تېما
225 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 22:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

سۈكۈت



(ھېكايە)



ئاپتورى: ئابدۇللا روزىمۇھەممەت



ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى ئەمدىلا پۈتتۈرۈپ، چەت بىر يېزا بازىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىندى ۋە بۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 3 – يىللىقىغا سىنىپ مەسئۇلى بولدى. بۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندىن ھەممىسى دېگۈدەك ئۆتەلمەيتتى. ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش دېسە بېشى ئاغرىيتتى، ئىش چىقسىلا مۇشۇ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن چىقاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم بىرلىشىپ ئوقۇتقۇچىنى ئەخمەق قىلاتتى.
زىمىستان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرى، چۈشتىن بۇرۇنقى 1 - سائەتلىك دەرس ئۇنىڭ ئىدى. ئۇ سىنىپنىڭ ئالدىغا كەلدى، سىنىپ ئىنتايىن جىمجىت بولۇپ،ئۇ سىنىپقا كىرىشتىن بۇرۇن بىر ئاز غەلىتىلىك ھېس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئارتۇقچە ئويلىمايلا سىنىپقا كىرمەكچى بولدى. دەرسخانىنىڭ ئىشىكىنى شۇنداق ئىتتىرىشىگە، ئىشىك يېنىغا قويۇپ قويۇلغان بىر داس سوغۇق سۇ تۆكۈلۈپ كەتتى. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى، بىر قىسىملىرى ھاڭ – تاڭ قېلىشتى.
ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن مۇنبەرگە چىقتى. مۇنبەرنىڭ ئۇدۇلىدىكى دېرىزەئەينىكىنى ئوقۇغۇچىلار چېقىۋەتكەنىدى. سوغۇق شامال ھە دەپ ئۇنىڭغا ئۇرۇلۇۋاتاتتى. ئۇ ئاستا - ئاستا توڭلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. پۇتلىرى ئۇيۇشۇپ مۇزلاپ كەتتى.
دەرسخانا ئىچى بىردىنلا جىمىپ كەتتى. شۇ تاپتا ئوقۇغۇچىلاردا بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇئەللىمگە قارىغۇدەك جۈرئەت يوق ئىدى. ئۇلار مۇئەللىمنىڭ ۋولقانغا ئوخشاش پارتلىشىنى كۈتۈۋاتاتتى، بىراق ئۇ يەنىلا گەپ - سۆز قىلمىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى تىترەپ، چىشلىرى كاسىلداپ كەتتى. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئوغرىلىقچە قاراشماقتا ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئېسەدەپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بىر قىز يۈرەكلىكھالدا ئورنىدىن دەس تۇردى - دە:
- مۇئەللىم، بىزنى كەچۈرۈڭ، بىز خاتا قىلدۇق، دەرھال كىيىم - كېچەكلىرىڭىزنى ئالماشتۇرۇۋېلىڭ، - دېدى. ئۇ يەنىلا گەپ – سۆز قىلمىدى.
سىنىپ بويىچە كەپسىز بىر ئوقۇغۇچى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ:
- مۇئەللىم، سۇنى مەن قويغان، سىز مېنى ئۇرۇڭ، تىللاڭ، نېمە قىلسىڭىز مەيلى، شۇ چاغدىلا كۆڭلۈم ئارام تاپىدۇ، - دېدى.
ئۇ گەپ – سۆزسىز ئۇلارغا تىكىلدى. يىغا ئاۋازى سىنىپ ئىچىنى بىر ئالدى. بۇ بىر سائەت ئوقۇتقۇچىغىمۇ، ئوقۇغۇچىغىمۇ ئىنتايىن ئۇزاق بىلىنمەكتە ئىدى. ئاخىر دەرستىن چۈشۈش قوڭغىرىقى چېلىندى، ئۇ ئۈندىمەستىن سىنىپتىن چىقىپ كەتتى. ياتىقىغا قايتقاندىن كېيىن، زۇكام بولۇپ قىزىپ كەتتى. ئەتىسى پۈتۈن بەدىنى سىرقىراپ ئاغرىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا دەرسكە كىردى. ئۇنىڭ گېلى بوغۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، توختىماستىن يۆتىلەتتى. بۇ سائەتلىك دەرسنى ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىدى.
شۇ ئىشتىن كېيىن بۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار تامامەن ئۆزگەردى. ئۆگىنىش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، شۇنىڭ بىلەن بۇ سىنىپنىڭ نامى ئىلگىرى ئەسكى ئىشلاردا چىققان بولسا، ئەمدىلىكتە ياخشى ئىش، ياخشى پائالىيەتلەردە چىقىدىغان بولدى. بۇ ئىش پۈتكۈل مەكتەپنى تەسىرلەندۈردى. ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭدىن بۇنىڭ سىرىنى سورىغان ئىدى، ئۇ «بىر داس سۇ» دەپ جاۋاب بەردى. كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن دائىم ئۇنىڭغا خەت يېزىپ، شۇ بىر سائەتلىك دەرس ۋە بىر داس سۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.


مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 22:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تېمىڭىزغا رەھمەت ! ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
259سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
631 
تېما
19 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 00:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەزىدە سۈكۈت قىلىش ئارقىلىقلمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ،رەھمەت ~!

توردا
235سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
1004 
تېما
52 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 02:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭچە سۇكۇت قىلىپ ياخشى نەتىجە ئېرىشىمەن دىگەن ياخشى ئەمەس...

توردا
96سائەت 
نادىر تېما
دوست
24 
يازما
276 
تېما
26 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 13:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەزىدە سۈكۈت قىلىشمۇ ياخشى ..........كۈتۈلمىگەن نەتىجىلەرنى ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن .

توردا
83سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
477 
تېما
10 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-6 11:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تېمىڭىزغا رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-19 09:04

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.