
كۆز يېشىمدىن سەن ئاينى سۈزەي 
ئۆتەتتىم دەملەردە شۇ قەدەر غەمكىن، كۈتۈشلەر ئىلكىدە بەزلەپ ئۆزەمنى. كۈلەلمىدىم بىرەر قېتىم قېنىپ مەن، قەلبىمنى قاپلاپ مۇھەببەت تۇمانى. 
خىياللىرىم تىپىرلايدۇ گاھى تىنماي، ئاسمانغا قاراپ تىكلىپ تەمكىن. چاڭقىغان قەلبىمدە شىرىن خىيال، ھىسلىرىمغا قۇشۇلار بۇلۇپ غەمكىن. 
بىلەلمىدىم قەلبىڭدىكى خىيالنى، غايىبانا ئاشىق بۇلۇپ يۈرۈۋەردىم. كۆز يېشىمدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، دەريا-ئۆستەڭدە سەلكىندەك ئېقىۋەردىم. 
كۆز- يېشىمدىن سۈزۈلدى ئارمان، مەغرۇرلۇقۇم بۇلۇپ ھەم نەپەس. كۈندۈزى ئالدىراش كەچتە تىلەيىتتىم، ئۆكسۈپ يىغلاپ كۆزلىرىم ئەلەس. 
تۈن -كىچە ئاللادىن تىلەيىتتىم، ئەڭ پاك ئىشقىمدا مۇڭلىنىپ شۇنچە. تىلكىم ئىجادەت بولدىمۇ تۇيۇقسىز، كەلدىڭ يىراقتىن كۆتۈرۈپ گۈلدەستە. 
بىلەمسەن شۇنچە پەسىل كۈتتۈم، پىنھان مۇھەببىتىمنى قەلبىمگە يۇشۇرۇپ. ئىشقىمغا جۆر بولغىن ئەقىدەڭ بىلەن، قالمىسۇن قەلبىمىز پۇشايمانغا تۇلۇپ. 
تەلمۈرگەن كۆزلىرىم قالمىسۇن غەمدە، چىھرىڭدىن خوش كۈلكىلەرنى كۆرەي. مۇڭ باسقان قەلبىم تاپسۇن تەسەللى، كۆز يېشىمدىن سەن ئاينى سۈزەي. 
ھايات يۇلى تىنىمسىز ئۇزاق يول، ۋىسالغا يىتىشكە جاسارەت مۇھىم. قەلبىمدىن سۈيۈشكە تاللىدىم سىنى ، ئىرادە ئىشەنچە بەرمەكتە تۇيغۇلۇرۇم. 
ئىشەنگىن سۆيگۈمگەگۇمانلا ھەرگىز، شۇنچە ئۇزۇن تەلمۈرگەن ئاشىق مەن. يالقۇنلاپ بارار سۆيگۈم قەلبىم قېتىدا، سەن ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆچمەس چىراق مەن. 
مەنبە قەلمىم 
|