ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ھىكمەت ئۈنچىلىرى بۈگۈنكى ھېكمەتلەر(ئۇقۇپ قۇيۇڭ)
كۆرۈش: 245|ئىنكاس: 6
go

بۈگۈنكى ھېكمەتلەر(ئۇقۇپ قۇيۇڭ)

Rank: 8Rank: 8

توردا
335سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
182 
تېما
99 

ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-13 20:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۈگۈنكى ھېكمەتلەر

كىم ئۆزىنىڭ ئەيبىنى بىلسە، بىراۋلارنىڭ ئايبى بىلەن ئىشى بولمايدۇ.
كىم تەقۋا لىباسىدىن يالىڭاچ قالسا، ئاڭا ھېچ كىم پەردە تۇتالمايدۇ.
كىم ئاللاھنىڭ بەرگەن رىزقىغا رازى بولسا، بىراۋلارنىڭ ئىلكىدىكى روزغارغا خاپا بولمايدۇ.
كىم زۇلۇم قىلىچىنى سۇغارسا، شۇ قىلىچ بىلەن ئۆزىنىڭ قولى كەسىلىدۇ.
كىم ئۆز بۇرادەرىگە ئورا قازسا، ئۇ ئورىغا ئۆزى چۈشىدۇ.
كىم بىراۋنىڭ غۇرۇرىنى ئاياق ئاستى قىلسا، ئۆزىنىڭ ئەۋرىتى ئېچىلىدۇ.
كىم ئۆز خاتاسىنى ئۇنۇتسا، بىراۋنىڭ خاتاسىنى كاتتا بىلىدۇ.
كىم كاتتا ئىشلارگا كىرىشسە ۋە ئۆزىگا خەتەرلىك يولنى تاللىسا، ئۇ ھالاك بولىدۇ.


ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن پەس كەلمىگەن ئىنسان بۈيۈكدۇر.


نادانلىقتىن يامانلىق كېلىدۇ پەقەت ،
نادانغا يانداشما ، باسمىسۇن غەپلەت .

شانۇ - شەۋكەت يۈكسەك مەقسەد تامان ئىنتىلگەننىڭ مۈلكىدۇر.

دانالار سۆزىگە قۇلاق سالمىساڭ ،
ئەڭ نادان سەندۇرسەن ، بىلگىن بىلمىسەڭ.

پەندۇ - نەسىھەتدىن كىم ئۆرىدى يۈز ،
زەھمەتى مىڭ بولۇر ، پۇشايمانى يۈز .


تەجرىبىلىك ئىت يولۋاس تۇتۇپ يەر ،
قاچار تۈلكىدىن جەڭ كۆرمىگەن شەر.

كىمكى تىغ كۆتۈرەر بىراۋ جانىغا ،
زامان تەشنا بولار ئانىڭ قانىغا.

بىراۋغا سېغىنسا ھەركىم يامانلىق ،
نىھايەت ئۇ ئۆزى تاپماس ئەمىنلىك.

توغرىلىقدىن كەلمىشتۇر ھەممە ئىزگۈ ئات ،
ئەگرىلىكتىن پايدا كۆرمىدى ھېچقانداق بىر زات.

قايدا روشەن بولسا توغرىلىق نۇرى،
ئەگرىلىك سۇنىدۇ ، قۇرۇيدۇ شورى.

سۆزلىمە سۆزلىرىڭ ئىچىڭدە نىھان،
ھەر تامان يېيىلار ئېيتقىنىڭ ھامان.

ئۆزىنىڭ ئەيبىنى بىلگەندە ئادەم،
باشقىلار ئەيبىنى سۆزلىمەستى ھەم.

ئۆزگىگە قىلغان ياخشىلىقىڭنى دوستۇڭغا ھەم، دۈشمىنىڭگە ھەم تىنما .

Rank: 8Rank: 8

توردا
739سائەت 
نادىر تېما
دوست
83 
يازما
2533 
تېما
446 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-13 21:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلىشكە تىگىشلىك ھېكىمەتلەر ئىكەن ...

توردا
719سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
1504 
تېما
269 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-14 07:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت ئەجىرڭىزگە جاپاچەكتىڭىز... شۇنداق ياخشى ھېكىمەتلەركەن بۇلار ساقلىسام رەنجىمەيدىغانسىز ھە ....؟

توردا
49سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
223 
تېما
22 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-14 11:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توۋا ~! بەزىدە ئويلاپ قالىدىكەنمەن...بىزدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەنىسى چوڭقۇر،ناھايىتى ھىكمەتلىك سۆز ۋە نەھىسىيەتلەر كۆپ بولسىمۇ،بىر قىسمىسمز مۇشىنىڭغا ئەمەل قىلىپ ياشايدىكەنمىز... يەنە بىر قىسمىمىز بولسا خۇددىي ئۆلمەيدىغاندەك...شەيتان كەبى ياشايدىكەنمىز...«ھەممە بۈيۈك ماختاشلار پەقەت االلە غا خاستۇر»...

توردا
82سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
218 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-14 12:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلىۋالساق بولغىدەك جۇمۇ بۇ ھىكمەتلەرنى .................

توردا
32سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
522 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-14 13:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلىشكە تىگىشلىك ھېكىمەتلەر ئىكەن

توردا
114سائەت 
نادىر تېما
دوست
31 
يازما
727 
تېما
12 

تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 12:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوقۇپ قويۇشىقا ئەمەس بەلىكى يادىلاپ قويۇشىقىمۇ ئەرىز گۈدەك جۇمۇ ؟.......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-4 07:28

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.