- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-28
- تىزىملاش
- 2010-12-28
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 9سائەت
- جۇغلانما
- 236
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 37
- تېما
- 8
- توردا
- 9سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 1
- يازما
- 37
- تېما
- 8
|
مۇھەببەت سەن شۇنچە ئۇلۇغسەن،سېنى مەدھىلىمەيدىغان،سېنى كۈيلىمەيدىغان،سەن ئۈچۈن ياش تۆكمەيدىغان،ھەم سەن ئۈچۈن كۈلمەيدىغان ھەم يەنە سەن ئۈچۈن بارلىغىنى ئاتىمايدىغان مەۋجۈدات بولمىسا كېرەك.مانا مەن سەن ئۈچۈن بارلىغىنى ئاتىغانلارنىڭ بىرى ئەمەسمۇ؟....مەن ساڭا شۇنچىلىك مۇھتاج،مەن سەندىن ھەرگىز ئايرىلالمايمەن..مەن سېنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلارنى بېرىشكە تەييارمەن....مېنى تاشلاپ كەتمىگىن...مەن ساڭا تولىمۇ مۇھتاج.مەن سېنىڭ يېقىملىق پەپىلەشلىرىڭگە،چىڭ قۇچاقلاشلىرىڭغا،شىرىن سۆيۈشلىرىڭگە مۇھتاج.مەن سېنى ھەر دائىم خىيال قىلغىنىمدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىدۇ،مەن سېنى ھەر دائىم يادىمدىن چىقىرالمايمەن،سەن ئۈچۈن دائىم گۈلخاندەك كۆيۈپلا تۇرىمەن.بىلەمسەن مەن بەزىدە ئۆزۈمدىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن،سەن ئۈچۈن كۆيۈپ كۈل بولۇشتىن ئەنسىرەيمەن...كۈلمىگىن...تېلىقىپ...تېلىقىپ كۈلمىگىن.مەن سەۋدا ئوخشايمەن...بىر مۇھەببەت سەۋداسى ئوخشايمەن....يەنە كۈلىۋاتامسەن...مەيلى كۈلىۋەر.مەن سېنى ھەر دائم يېنىمدا دەپ ئويلايمەن...گىرىمسەن نۇرلار ئارىسىدىن سېنى كۆرىمەن..يېشىل بوستانلار ئارىسىدىن سېنى كۆرىمەن،جىم-جىت قاراڭغۇ كېچىلەردىمۇ يەنىلا سېنى ئېنىق كۆرىمەن،لېكىن سەن ماڭا قىيا باقمايسەن....ئۇزۇن يوللاردا كېتىۋېتىپمۇ سېنى ئويلايمەن،كەينىمگە ئۆرۈلسەملا سېنى كۆرۈشنى،سېنىڭمۇ كەينىڭگە ئۆرۈلۈپلا مېنى كۆرۈشىڭنى بەكمۇ ئۈمىت قىلىمەن.
ئاھ ......مۇھەببەت،سەن شۇنداق قۇدرەتلىكسەن،سەنسىز پۈتۈن دۇنيا،پۈتكۈل مەۋجۈدات مەۋجۈت بولۇپ تۇرماس...مەن سېنى سۆيىمەن....مەن ساڭا ھەقىقى مۇھتاخ...مېنى تاشلاپ كەتمىگىن
مەنبە:ئۆز قەلىمىم سەلكىن 0999
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aygul0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-12 13:16
|
|