ئوڭۇشسىزلىقتىن پايدىلىنىش
بىر كىشى يولدا كېتىۋېتىپ بىر تاشقا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ يارىلانغان تىزىنى ئۇۋۇلىغىنىچە يولىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىپتۇ. ئۇ مېڭىۋېرىپ بىر تۇيۇق يولغا كىرىپ قاپتۇ. قارىغۇدەك بولسا ئۇنىڭ ئوڭ - سول ۋە ئالدى تەرىپى تاملار بىلەن توسۇلغان بولۇپ، پەقەت ئالدىدىكى تاملا ئۇنىڭدىن بىر باشچىلىك ئېگىز ئىكەن، ئەمما ئۇ كىشى ھەر قانچە كۈچىگەن بولسىمۇ، ئۇ تامدىن ئۆتەلمەپتۇ. بىردىنلا يولدا پۇتلىشىپ ئۇنى يىقىتىۋەتكەن تاش ئۇنىڭ ئېسىگە كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال ھېلىقى تاشنى مىڭبىر تەسلىكتە ئېلىپ كېلىپ، پۇتىنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ئالدىدىكى تامدىن ئاسانلا ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
ھېكمەت: ئادەم دائىم ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشى ئۆزلىرى يولۇققان ئوڭۇشسىزلىقلار ئىچىدىن ئۆزلىرىگە پايدىلىق يول تاپالايدۇ.
ئۆركەش ئۆتكۈر تەرجىمىسى
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
|