- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-4
- تىزىملاش
- 2010-5-12
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 368سائەت
- جۇغلانما
- 1434
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 468
- تېما
- 119
- توردا
- 368سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 1
- يازما
- 468
- تېما
- 119
|
_نېمىشقا يىغلايسىز ؟_ ئوغلى ئاپىسىدىن سورىدى.
_چۈنكى مەن ئايالدە،_ دېدى ئاپىسى.
_گېپىڭىزنى ھېچ چۈشەنمىدىمغۇ ئاپا؟_ دېدى ئوغلى.
_سەن مەڭگۈ چۈشەنمەيسەن،_دېدى ئاپىسى ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ، كېيىن بۇ بالا دادىسىدىن سورىدى:
_ئاپام نېمە ئۈچۈن بىكاردىنلا يىغلايدۇ؟
_ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق بىكاردىنلا يىغلايدۇ،_دادىسى پەقەت شۇنداقلا جاۋاب بەرى.
بالا چوڭ بولۇپ قالدى.ئۇ ئاياللارنىڭ نىمە ئۈچۈن يىغلايدىغانلىقىنى يەنىلا چۈشەنمىدى. ئۇ ئاخىرى خۇداغا ئىلتىجا قىلدى:
_ئى خۇدا، ئاياللار نېمە ئۈچۈن يىغلايدۇ؟
_مەن ئاياللارنى ئاشۇنداق ئالاھىدە ياراتقان،_دېدى خۇدا،_ مەن ئۇنى يەلكىسىدە ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلەيدىغان قىلدىم.
شۇنداقتىمۇ يەنە ئۇنىڭغا كىشىلەرگە مۇلايىملىق بىلەن تەسەللى بېرىشنىمۇ ئۆگەتتىم. يەنە ئۇنىڭغا تۇغۇت ئازابىنى يەڭگىدەك كۈچ-قۇۋەت ئاتا قىلدىم.بالىلىرىنىڭ غەقىشلىرىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلدىم. ئۇنىڭغا يەنە ھەرقانداق ئادەم ۋاز كەچكەن ئىشلارنى قىلىپ كېتەلىگۈدەك چىدام ۋە غەيرەت ئاتا قىلىدىم.شۇڭا، ئۇلارئۆزىنىڭ ھېرىپ_چارچىشى ۋە ئاغرىق ئازابلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئائىلىسدىكىلەرنىڭ ھالىدىن ئۈن_تىنسىز خەۋەر ئالىدۇ ئالىدۇ. ئەن ئۇنىڭغا بالىلىرى قاتتىق ئازار بەرگەن تەقدىردىمۇ، بالىلىرىنى ھېچقانداق شەرتسىز ۋە شەكسىز سۆيىدىغان كۆڭۈل ئاتا قىلدىم.مەن ئەرلەرنىڭ ھەر بىر تال قوۋۇرغىسىدىن ئاياللارنى ئاپىرىدە قىلىش ئارقىلىق. ئەرلەرنىڭ يۈرىكىنى قوغدىدىم.شۇنداقلا ئەرلەرگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىپ،ياخشى ئەرنىڭ خوتۇنىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم. مەن ئاياللارغا كۆز يېشى ئاتا قىلدىم .بۇ كۆز يېشى ئاياللارغىلا مەنسۈپ. بۇ ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئاجىزلىقى. بۇ كۆز يېشى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئاقىدۇ.
مەنبە:<<بەخىت ئۆز قولىڭىزدا>> ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
|
|