- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-12-29
- تىزىملاش
- 2010-4-8
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 52سائەت
- جۇغلانما
- 68
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 24
- تېما
- 7
- توردا
- 52سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 0
- يازما
- 24
- تېما
- 7
|
توۋا دەيمەن، بۇرۇن باشقىلاردىن " ياخشى كۈرمەن " دىگەن گەپنى ئاڭلىسام مازاق قىلاتتىم، بىر ئادەم ئۈچۈن شۇنچە ياش تۈكۈش ئەرزىمدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم . ئەسلى مەن تۇلمۇ گۈدەك ۋە نادانكەنمەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈزۈمنىڭ دەل شۇ ئاشىق سەۋداسغا مۇپتىلا بۇلشىمنى، مۇھەببەت سەۋەپلىك بۇنچە ئازاپ تارتىشىمنى ئەسلا خىيالىمىغا كەلتۇرمىگەنكەنمەن. ئاخىردا ياش ئەمەس قان تۈكۈش ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمىگەن. بىلەمسەن نۇر سىنى ئۇچراتقاندىن باشلاپ مەندىن ئۇخىياللار يىراق بولدى، ساڭا بولغان سۆيگۈم سەۋەپلىك سەن ئۈچۈن ئۈلۈمگىمۇ پىسەنىت قىلماس بوپ قالدىم. ئەمدى چۈشەندىمكى بېلىق سۇدىن ئايرىلالمىغىندەك ئادەممۇ مۇھەببەتتىن ئايرىلالمايدىكەن.
مانا بۈگۈن سەندىن " مەن ساڭا بەك ئۆچ بولدۇم." دىگەم گىپڭنى ئاڭلاپ قۇلقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. ئەسلى ماڭا ئامراقلىق قىلىپ دىگەن بۇ گىپىڭنى راس دەپ قاپتىمەن، " كەچۈرگىن ئۇماق چاقچاق قىلىپ قويدۇم." دىسەڭمۇ ئاڭلىماي، قۇلۇمغا سېلېپ قويغان ئۈزۈكىڭنى ئالمساڭ ئۇنماي ئالدىڭغا تاشلاپلا ماڭدىم. لىكىن مەن سەندىن ئايرىلىشنى خالمايتىم. سىنىڭ " سىنى سۈيمەن جېنىم" دىگەن گىپىڭنى ئاڭلىغان بولسان شۇ ھامان ئۈزۈمنى قوينىڭغا ئاتقان بۇلاتتىم، لىكىن سەن گەپ قىلمىدىڭ، قۇلۇمنى تۇتقان قۇلۇڭنى سىلكىپ تاشلاپتىمەن، بىلسەڭ ئىدىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلىشنى خالمايتىم. تۇرۇپلا قالدىڭ، كۆزلىرىڭگە قاردىم، لىق ياش تولغان كۆزلىرىڭگە قاراشقا جۈرئىتىم يوق،چۈنكى ئۈزۈم ئۈكسۈپ يىغلاشقا چۈشكەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا باغرىڭغا ئۈزۈمنى ئاتقىم كەلدى، لىكىن .......... كۆزلىرىمنى سەندىن ئەپ قاچتىم. سەن يەنلا ماڭا قاراپ جىم تۇراتتىڭ. جىمجىت تۇرىۋەرگۈم كەلمەي يىغلاپ تۇرۇپ " خوش" دىدىم. كۆزلىرىڭدىن چىقىپ كىتەيلا دەپ قالغان ياش تامچىسنى كۈرۈپ بەكمۇ ئازاپلاندىم. سەنمۇ بوش ئاۋازدا " خوش" دىدىڭ. شۇنداق دىدىڭيۇ كۈزۈڭدىن تامچىغان ياش مەڭزىڭگە چۈشتى. يۇركۈم قاتتىق ئاغرىدى، لىكىن ساڭا قارىمىدىم، سىنىڭ سۈيدىغانلىقىڭنى شۇنداقلا ئۈزۈمنىڭمۇ سىنى نەقەدەر سۈيدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرساممۇ سەندىن ئايرىلدىم. يالۋۇرۇشلىرىڭغا قارىماي كىتىپ قالدىم. نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغاندىمەن، بۇنى بىلمەيمەن، لىكىن خۇشال بولمۇدۇم. سەندىن بارا-بارابىر قەدەم بىر قەدەمدىن يىرقلاپ كىتۋاتمەن، سەندىن ئايرىلغۇم يوق، ئىشەنگىن راسلا ئۇنداق نىيتىم يوق. يۈركۈم ئارقامدا قالدى، مۇھەببىتىم، سۆيگىنىم ھاياتىم ئارقامدا قالدى.
چىدىمدىم. ئەمدى راسلا چىدىمدىم. ئارقامغا قاردىم. سەن تېخچىلا تۇرغان جايىڭدىن مىدىرلىماي تۇراتتىڭ، يۈركۈم پۇتلۇرۇمنى ئىزچىل سەن تەرەپكە ئېلىپ كىتۋاتدۇ. ئاستا ماڭدىم، كۆزلىرىمدىن توختىماي قۇيۇلۋاتقان ياش سىنى ئېنىق ئىلغا قىلشىمغا تۇسالغۇ بۇلۋاتاتتى، سەن قوزغالدىڭ، مەندىن يىراقلاپ كىتۋاتسەن. يۈگۈردۈم، ئارقاڭدىن يەتمەك بولدۇم، تۇلمۇ ئەپسۇس كۆز ئالدىمدىنلا غايىپ بولدۇڭ. ئەتراپىمدا نۇرغۇن ئادەملە مېڭىپ يۇرۇيدۇ، ئۇلار ماڭا قاراۋاتامدۇ، مازاق قىلۋاتامدۇ، بۇنىڭ بىلەن كارىم يوق سىنى ئىزلىدىم. تاپالمىدىم.
بىلمەپتىمەن ، سەن شۇ ماڭغانچە مەندىن ئىككى كۈنلۈك يىراق يەرگە كىتىپسەن.
جۇدالىق باستى، يىغلىدىم، يىغلىغانسىرى يىغلاۋەردىم. يۇركۇم ئاغرىدى. يىغلاپ توختايدىغانلىقىمغا كۈزۈم يەتمىدى. مەن قانداقمۇ يىغلىماي تۇرالايمەن. مىنى كەچۈرگىن نۇر. ئەپۇ قىل، ئەقىلسىزلىكىمنى، نادانلىقىمنى، ئۇساللىق قىلغانلىقىمنى كەچۈرگىن. سىنى سۈيەتتىم نۇر، ھاياتىمدىن ئارتۇق بىلەتتىم. سەن كەتتىڭ، مىنىڭ ھاياتلىق نۇرۇم يۇقالدى، مىنى " ئۇماق، " دەپ چاقىردىغان، " سىنى سۈيمەن،" دەپ باغرىغا باسدىغان بارلىقىمسەن دەپ مىنى ئاسرايدىغان ئادەمنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق ئازار بەردىم..ئەلۋەتتە تېخمۇ ئازاپلانغىنى مەن بولدۇم.
، نەدە سەن نۇر. قايتىپ كەلگىن. سىنى قانچىلىك سۈيدىغانلىقىمنى بىلەمدىغانسەن، ھاياتىمدا سەن بولمىساڭ زۇلمەت ئىچدە تەمتىرەپ قالدىكەنمەن. ماڭا قايتىدىن نۇرۇڭنى بەرگىن.
سەن " خوش" دىگەن شۇ دەقىقدىن باشلاپ ئۈلۈكتەكلا بوپقالدىم. يېنىمغا قايتىپ كىلشىڭنى، مىنى باغرىڭغا بېسشىڭنى نەقەدەر ئۈمۈت قىلمەن ھە ! ! سىنى سېغىنۋاتمەن نۇر،ساڭا قايتۇرۇپ بەرگەن ئۈزۈكنى ئەمدى قايتا سېلىپ قۇيۇشنى خالامدىغانسەن. پۇشايمان قىلۋاتمەن. قۇلۇمنى تۇتۋالغان ۋاقىتتا سىلكىۋەتكىنىمگە قاتتىق ئۈكۈنۋاتمەن. ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە سۈرگىلى بولغان بولسا ئىدى قوينىڭغا ئۈزۈمنى ئاتقان بۇلاتتىم. كەچۈرگىن. قايتىپ كەلگىن جېنىم نۇر. زۇلمەت ئىچدىن مىنى قۇتقۇزغىن. ماڭا قايتا قۇچاق ئاچقىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qeqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-27 23:56
|
|