ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 257|ئىنكاس: 7
go

ياتاقتكى پاراڭلار

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
273 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 01:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


بەلكىم ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىسەم بۇلارنىڭ راستلىقىغىمۇ ئىشەنمەيتىم.
مەكتەپنىڭ ياتىقىنى مەينەت، ھەم باشقا ئوقۇغۇچىلار ياتاقتا ئەيمەنمەي نىشە چىكىپ، ھاراق ئىچىپ يۈرگەچكە سىرتنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىجارە بېرىدىغان ياتىغىدا تۇراتتىم. ئۇ ياتاقتىكىلەر ئاساسەن خۇسۇسىيلار ئاچقان تەربىيىلەش مەكتىۋىدە ئوقۇيدىغان بالىلار تۇراتتى. بەزى ئالىقاپلىرى چىقسىمۇ ھەرھالدا مەن بىلەن پىكىرداش، مەن بىلەن ئوخشاش ئىدىيىدىكى، ئەخلاقلىق بالىلارمۇ بار دەپ ئويلىغان ئىدىم.ئەپسۇس........
ياتاققا كەلگەن تۇنجى كۈنى ئۇلار ماڭا قىزغىن مۇئامىلە قىلىشتى. مەنمۇ تىزلا چىقىشىپ كەتتىم. بىللە نەرسە-كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئارام ئالاي دەپ كارۋىتىمغا چىقىپ تۇرىشىمغا، ساقىلىنى سەل قويىۋەتكەن بىر ئاداش مەندىن گەپ سورىدى:
-قەيەردىن سىز؟
-قەشقەردىن.
-ئوقۇمسىز ياكى تىجارەت قىلامسىز؟
-شىنجاڭ ئۇنىۋىرىستېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتىتىدا ئوقۇيمەن.- بۇنى ئاڭلىغان باشقا ياتاقداشلىرىم سەگەكلىشىپ پارىڭىمىزغا قۇلاق سالدى.
-نىمىشقا مەكتەپنىڭ ياتىقىدا تۇرمايسىز؟
-تۇرغۇم كەلمىدى.-ئۇنىڭغا ئارتۇق سەۋەب كۆرسىتىشىمنى خالىمايدىغانلىقىمنى بىلدىمۇ ئەتىمالىم. ئۇمۇ ئاغزىمنى تاتىلىمىدى.
-قىز دوستىڭىز باردۇ؟
-ياق.
ئۇ سەل ئىشەنمىدى.-ھازىرقى قايسىبىر سىتۇدېنتنىڭ قىز دوستى يوق؟ يالغان سۆزلەۋاتامسىز؟
-يالغان سۆزلەپ نېمە قىلاي، ئۇ ئىشلارنى ئويلىغۇدەك بولمىدىم. بولمىسا ھايات پىلانلىرىمغا تەسر قىلىدۇ.
-بۇ ئۈرۈمچىدە بىرەر قىزدوستى بولمىسا زېرىكىپ كىتىدىكەن كىشى. شاياردا بولغان بولسام ھازىر مۇشۇ چاغدا بىرسىنىڭ قوينىدا بولاتتىم.-ياتاقتا يىنىك كۈلكە كۆتىرىلدى.ئەمما مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم.
شۇنىڭ بىلەن ياتاقداشلىرىم قىزلارنىڭ پارىڭىنى باشلاپ چۈشۈپ كەتتى. مەن بۇ ئىشنىڭ<<ئەھلى>>بولمىغاچ قولۇمغا ژورنىلىمنى ئېلىپ ئوقۇغىلى تۇردۇم.
بىردەمدىن كىيىن ھىلىقى شايارلىق بالىنىڭ تېلفونى جىرىڭلىدى، قارىغاندا بىرەر قىز ئىدى. ئۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدىلا ئۇ قىز بىلەن ھاياسىز پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتى. بەلكى قىز ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىدىغانلىقىنى ئىيتقان بولسا كېرەك، ئۇ بىردىنلا ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، روھلىنىپ سۆزلەشكە باشلىدى.
-ئەگەر راستتىن ئۈرۈمچىگە كەلسەڭ سىنى ئالىمەن. ئەسلى سېنى ئالماسلىق قارارىغا كەپ بولغان. ئەمما ئۈرۈمچىگە كېلىدىغانلىقىڭنى ئاڭلاپ نىيىتىمدىن ياندىم......
ئۇ مۇشۇ تەرىقىدە بىر ھازا گەپ ساتتى. 15مىنۇتچە سۆزلىشىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن تېلفوننى قويدى.
-كىمۇ ئۇ، خوتۇن ئالامسەن؟-ئۆزىنى پىچانلىق دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئاداش ئۇنىڭدىن سورىدى.
ياقەي، ئۇنى ئەخمەق قىلىۋاتقان.
-ئۇنىڭ بىلەن قانداق تونۇشۇپ قالغان؟
-ئۇ بۇرۇن دادىسى بىلەن بىزنىڭ يېرىمىزدە كىۋەز تەرگەن. شۇ چاغدا تۇنۇشۇپ قالغان
-قانچىلىك يېرىڭ بارتى خەققە تەرگۈزگۈدەك؟
-500مو!
-ھوي سېنىڭ ئۆيۈڭ ئۆيمۇ ياكى بىڭتۈەنمۇ؟
-قۇرۇق گەپنى ئاز قىلە.
-ئۇ قىز چىرايلىقما؟
-ياق، بەك چوقۇر بىرنەرسە. ئۇنىڭ چىرايىنى دىمەيمەن. ئۈرۈمچىگە چىقسا پۇل بىلەن چىقىدۇ. كوملايمەن، شۇ.
ئۇنىڭ گەپلىرىدىن سەسكىنىشكە باشلىدىم. ھەم بىر تۇرۇپ ھېلىقى قىزغىمۇ ئىچىم ئاغرىپ قالدى. بەختسىز بىچارە!
شۇ ئەسنادا يەنە بىرى ياتاققا خۇشال كىرىپ كەلدى. ئۇتتۇر كەلگەنچە مېنىڭ كارۋىتىمدا ئولتۇرۇپ، ياتاقتىكىلەرگە قاراپ:
-بۈگۈن يەنە بىر قۇشقاچنىڭ نۇمۇرىنى يېزىپ كەلدىم.
ياتاقداشلىرىم ھاياجانلىنىپ ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. ئۇ يانفونىنى چىقىرىپ بىر نۇمۇرغا ئۇرۇشقا باشلىدى.
-ۋەي، جىنىمما؟
ئۇ ماڭا يېقىن بولغاچقا قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازى ماڭا ئازىراق ئاڭلىناتتى.
-كىمنى ئىزدەيسىز؟-قىزنىڭ ئاۋازىدىن خېلى ياش ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.
-مېنى تونىمىدىڭىزما؟
-ياق، كىم سىز؟
-ۋاي جىنىم، بىز ھېلىقى كۈنى بىللە ئولتۇرغانتۇققۇ؟ ئىسىڭىزدىن كۆتۈرلۈپ قالدىمما؟
-قانداق لاۋزا نېمىسەن؟ يوقال كۆزۈمدىن.-قىز ۋارقىراپ تۇرۇپ تېلفوننى بىسىۋەتتى.
-نەدىن تاپقانتىڭ ئۇ نۇمۇرنى؟
-كوچىدا بىر ئەمۋاي ساتىدىغان قىزنىڭ نۇمۇرى ئىدى. چىرايى دېگەندەك ئەمەس، ئەمما پۇلى باردەك قىلغان، نام كارتىڭىزنى بېرىڭ دەپ ئېلىۋالغان ئىدىم.
ئۇنى ھەممسى زاڭلىق قىلىشتى. ئەمما مېنىڭ غەزىپىم تېشىپ تۇراتتى.
-ئاداش، سىڭلىڭ ياكى ئاچاڭ بولسا نۇمۇرىنى بېرە، تېلفون قىلاي.-ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا شۇنداق دېدىم. ئۇ ماڭا ھۈرپىيىشكە باشلىدى.
-نىمە دەيسەن؟
-ئۆزۈڭنىڭ مىللىتىنىڭ قىز-ئاياللىرىنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ سەن؟ سەندە ۋىجدان بارمۇ؟
-نېمە قىلسام سېنىڭ نېمە كارىڭ، ئۇ قانجۇقلارنىڭ ھەممىسى شاپاق،. قانداققىلغۇم كەلسە شۇنداق قىلىمەن.
-ئەمسە سېنىڭمۇ كارىڭ بولمىسۇن،ئاچاڭنىڭ نۇمۇرىنى دېگىنە؟
شۇنداق دىيىشىم بىلەن تەڭ ئۇ ماڭا مۇشت ئاتتى. مۇشت ئۇدۇل مېنىڭ يۈزۈمگە تىگىۋىدى، مەنمۇ كەينىدىنلا ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە نەچچە مۇشت ئۇرىۋەتتىم. ئۆزى ئۇستىخانلىق بولغىنى بىلەن سەل كالانپايكەن، تاياقنى يەپ قالدى. ياتاقداشلارمۇ بىزنى ئاجراتمىدى. ئاچچىقىمدا ھىچنەرسە كۆزۈمگە كۆرۈنمەيتى. بېرىپلا ئىشىك ئارقىدىكى پول سۈرتكۈچنىڭ سېپىنى سۇندۇرۇپ ئېلىپلا ھارغۇچە ئۇرۇپتىمەن. بىر چاغدا ئېسىمنى يىغسام ئۇ يەردە تۈگۈلۈپ ياتىدۇ، ھېلىمۇ ياخشى، بېشىغا ئۇرماپتىمەن. بولمىسا تىنقىدىن قالاتتىكەن.
گۇناھ ئۆزىدە بولغاچ ئۇمۇ ئارتۇق گەپ قىلالمىدى. مەن ئىشكنى قاتتىق يېپىپ چىقىپ كەتتىم.
كۆڭلۈم پەرىشان، ھەم ئېچىنىش ھەم غەزەپ. ھەممەخىل پىكىرلەر كاللامنى ئىلەشتۈرمەكتە ئىدى. زادى كىم شاپاق دېگەن خىيال مېنى ئازاپلايتى. ھەي


ئىزاھ: بۇ خاتىرىلەر ئىلگىرى مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللانغان. ۋەقەلىك پۈتۈنلەي رېئاللىقتا بولغان ئىشلار

توردا
192سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
438 
تېما
42 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 17:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەي زاماننىڭ ئادەملىرى نىمە بۇلۇپ كىتىپ بارغاندۇ خۇددى ئۆزىنىڭ ئاچا-سېڭىلىرى يوقتەك.... تىمىڭىزغا رەخمەت

توردا
197سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1384 
تېما
77 

تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 21:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئادەملەردە ئىنساپ قالمىغىلى تۇردى ..

توردا
188سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
491 
تېما
92 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 03:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
banu يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 21:27
ئادەملەردە ئىنساپ قالمىغىلى تۇردى ..

راس دەيسىز خۇدا ھەممە بەندىسنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن .بەك ياخشى يازىپسىز دوستۇم داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ..............

توردا
22سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
111 
تېما
16 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 12:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يازىپسىز دوستۇم داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ..............

توردا
116سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
730 
تېما
12 

تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 15:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى تېما ئىگەن .....

توردا
85سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
487 
تېما
11 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-5 00:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
85سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
487 
تېما
11 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-5 12:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
غورۇرىڭىز كۈچلۈككەن. يارايسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-4 23:29

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.