ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىلىم پۇلدىن مۇھىم
پۇل مۇھىممۇ بىلىممۇ؟ دىگەن تىمىدىكى مۇنازىرىگە قارتا ئۆز قارشىمنى ماقالە سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويماقچىمەن.
ئالدى بىلەن پۇل ۋە بىلىمنىڭ نىمىلىگىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالايلى.
پۇل دىگىنىمىز ماركىسنىڭ ( كاپىتال) دىگەن ئەسىرى ۋە گىرمانىيە، ياۋرۇپا پەيلاسوپلىرى، ئىقدىساد شۇناسلىرىنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيىتقاندا، ئۇ تەڭ قىممەتتە مال ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى، ئۇ ھۇكۇمران سىنىپنىڭ قانۇننى ئۆزىگە تايانىچ قىلىدۇ، ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ھۈكۈمرانلىقنىڭ مەھسۇلى، جەمئىيەتتە قايسى خىل پۇلنى ئىشلىتىش ھۈكۈمراننىڭ ئىرادىسى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بىر رايۇنىدىكى پۇلنىڭ ئاز ياكى كۆپلىكى بولسا شۇ رايۇندىكى ئىقدىسادنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى يەنى بايلىقنىڭ ئاز ياكى كۆپىلى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ئىقدىسادىي قانۇنىيەت بويىچە بولغاندا بىر دۆلەتتە قانچىلىك بايلىك بولسا شۇنىڭغا ماس ھالدا بايلىق بولىشى كېرەك، بايلىق پۇلدىن جېق بولسا پۇلنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ، بۇ دۆلەت ياكى شۇ رايۇننىڭ كۈچلۈكلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ، ئەكسىچە بايلىق ئاز پۇل جېق بولغاندا پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىقدىساد تەڭپۇڭلۇق ھالىتىنى يوقۇتىدۇ، شۇ دۆلەت ۋە رايۇننىڭ ئىقدىسادىي كۈچىنىڭ ئازجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ.
مىسال ئالىدىغان بولساق پۇلنىڭ تارىخدا بىز قانچىلىك پۇللارنى ئىشلەتمىدۇق، قانچە خىل پۇللاردىن ۋازكەچمىدۇق، قايسى خىل ھۈكۈمەت بارلىققا كەلسە شۇنىڭغا ماس ھالدا شۇخىلدىكى پۇل بارلىققا كەلدى. بىراق بايلىق بىرخىل بۇلۇپ كەلدى، شۇ بايلىقنى تەقسىملەش ۋاستىسى بولغان پۇل ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرۈپ قىمىتىنى يوقۇتۇپ كەلدى خالاس. پۇلنىڭ ئۆزىدە قىممەت يوق، ئۇنىڭ قىمىتى پەقەت قانۇن تەرپىدىن بەلگىلىنىپ كەلدى، بىر پۇلغا قانچىلىك بىر نەرسىنى ئالماشتۇرۇش بايلىقنىڭ ئاز كۆپلىكى بىلەن تەتۈر تاناسسىپ بۇلىدۇ.
بىلىم چۇ؟
بۇيەردىكى بىلىم ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيتىلغان بۇلۇپ، ئۇ ئەقىل- ئىدراك، ئىقتىدار، پاراسەت، تېخنىكا، تەجىربە، ماھارەت قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان بۇلىدۇ. بۇ ئادەمىنڭ روھىيىتىگە مۇجەسسەملەشكەن مەھۇم نەرسە بۇلۇپ، ئۇ پەقەت ئەمىلىيەت ئارقىلىقلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بىلىم بولسا شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى كۆزىتىش، تەجىربىلەردىن پايدىلىنىش، ئۆتكەندىن ساۋاق ئېلىش، تەكشۈرۈپ تەتىقىق قىلىش، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق مەيدانغا كىلىدۇ. بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ قانداق بۇلىشى تەجىربىلەرنى يەكۈنلەش، ئەمىليەتكە تەدبىقلاشقا باغلىق، بىلىمنىڭ يېڭىلىنىش شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگەللەش ۋە پايدىلىنىشقا باغلىق بۇلىدۇ.
ئىككىسىنىڭ قايسىسىنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلەشتىن ئىلگىرى تارىخىقا نەزەر سالساق، بىزدىن شۇنداق پۇلدارلار بايلار ئۆتكەن، مەسىلەن ھەممىگە تۇنۇشلۇق بولغان مۇسا بايۇپلاردەك، ئەخمەت ھاجى ( ئازاتلىقتىن ئىلگىرى توقسۇ دىيارىنىڭ مال- چار ۋۇلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگى شۇنىڭ ئىكەندۇق). مىنىڭ دادامنىڭمۇ بايلىقى شۇنچىلىك كۆپ ئىكەندۇق، شۇ ئۆز بايلىقى بىلەن مەھەلىسىدىكى 27 ئائىلىك كىشىلەرنى ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن ھەجىگە ئاپىرىپ ئەكەپتىكەن، يەنە مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان بايلار بار، بىراق ئۇ بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى ھىچقانداق ئۆزگەر تەلىگىنى يوق.
بىزدىن بايلار جېق چىققان ، بىراق ئىلىم ئەھلىللرى ئاز، غېنىدەك باتۇرلار جېق چىققان بىراق روممىل( گىتلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى قوماندانى) ژۇكۇف ( سىتالىننىڭ ئەڭ ياراملىق قوماندانى) لاردەكلەر يوق، ناخشىچىلار جېق بىراق سىياسىيونلار يوق، شائىرلار جېق پەيلاسوپلار يوق، رومانچىلار جېق ئىقسىادشۇناسلار يوق، قىسقىسى كېسىلىمىز ئېغىر دوختۇرىمىز يوق دىگەندەك، شۇڭلاشقا بىزگە قالاقلىق ھەمراھ.
كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا پۇلدىن ئايرىلالمايمىز، پۇل ھەقىقەتەن مۇھىم ، پۇل بولمىسا كۈنلىرىمىزنىڭ غەم ئەندىشىدە ئۆتكىنى ئۆتكەن، بىلىم ئېلىش ئۈچۈنمۇ پۇل بۇلىشى كېرەك ئەلۋەتتە. پۇل ئۇ ھامان چەكلىك بىراق ئېتىياج چەكسىز، شۇڭا چەكلىك بايلىق ئارقىلىق چەكسىز ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيادا كۈرۈش توختاپ قالمايدۇ. شۇڭا شۇ چەكلىك بايلىقىنى ئۆزىنىڭ قىلىش ئۈچۈن ئەقىل پارەسەت بىلىم كېرەك، باشقىلار بايقىمىغاننى بايقاش، باشقىلار ئويلىمىغاننى ئويلاش كېرەك، شۇبايلىقنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزىمۇ كۈچلۈك بىلىم تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى مالىيە بىلىمىڭىز كەمچىل بولسا شۇبايلىقىڭىزنى ساقلاپ قالمىقىڭىز مۇمكىن بولمايدۇ، بەلكىم سىز ئىقتىدارلىق ئادەملەرنى ياللىسام بۇلىدۇ دىيىشىڭىز مۇمكىن بىراق ئۆزىڭىزنىڭ ھىچنىمىدىن خەۋىرى بولمىسا ئۆزىڭىز ياللىغان ئادەمنىڭ قولىدا ۋەيران بولىسىز. بىراق بىلىم بولسا چەكسىزدۇر، ھەرقانداق ئادەم قانچىلىك ئۆگەنسە بۇلىۋېرىدۇ، بۇ ھەم خوراپ يوقاپ كەتمەيدۇ، ھىچكىم تارتىپ ئالالمايدۇ، بۇنۇقتىدىن ئېيىتقاندا پۇل بىرخىل ساختا كۈرۈنۈشتەك بىلىنىدۇ، دىمىسىمۇ پۇل تېپىشنىڭ ئۆزى بىر ئۇيۇن ئويۇننىڭ قائىدىسنى مەلۇم بىركىملەر تۈزىگەن بۇلىدۇ، باشقلار شۇقائىدىگە ئەمەل قىلىپ پۇل تاپىمىز، گەرچە بىزمۇ نەپ ئالساقمۇ ئاخىرىدا قائىدە چىقارغۇچىلارنى سەمىرتىپ ماڭىمىز، چۈنكى تەزىر تايىقى شۇنىڭ قولىدادە قائىدىگە ئەمەل قىلمىساق بۇ ئۇيۇندىن ۋازكەچسەك ياكى جىنايەت يولىغا ماڭساق بۇلىدۇ.
يەنە ئەتىراپىمىزغا نەزەر سالساق پۇلدارلارنىڭ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىپ باققىنى كۆرمىدۇق، قىسقىسى مەن كۆرمىدۈم، شۇ بايلار بىلىملىكلەر تۈزۈپ بەرگەن قانۇنىيەت بويىچە ئۆزئىشلىرىنى داۋام ئەتمەكتە. بىراق ئالىملارنىڭ دۇنيانىڭ بىرەر رايۇننىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەنلىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز، مەسىلەن: ئېينىشتىيىن نىسبىيلىك نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، بۇنىڭدىن ياسالغان ئاتۇم بومبىسى ئارقىلىق ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، ئېدىسون توكنى كەشىپ قىلىپ دۇنياغا يېڭىچە ھۆسۈن قوشتى، ماركىس- ئېنگىلىسلار ماركىسىزىمنى بەرپا قىلىپ نەچچە مىليارد كىشىلەرنى قەبرىسىدە يېتىپ باشقۇرىۋاتىدۇ، روزۋېلىت، چېرچىل، سىتالىنلار ئۆزنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئىمتىياز ئارقىلىق دۇنيانىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ مىليارد خەلىقىنڭ تۇرمىشىغا تەسىركۆرسەتتى، يەھۇدىيلار ئۆزلرىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ئارقىلىق دۇنياغا تىسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇنداق مىساللا ناھايىتى جېق.
دەۋرىمىزدىكى ئۇرۇش قان تۈكۈلمەيدىغان ئۇرۇش يەنى ئىقدىسادىي ئۇرۇشتۇر، بۇنىڭ مەركىزى يەنىلا ئىقتىساسلىقلار ئۇرىشى، كىمنىڭ ئىقتىساسلىق خادىملىرى كۆپ، تېخنىكىسى يۇقىرى بولسا شۇ باشقىلارغا باشچىلىق قىلىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەۋاتىدۇ، مىسال ئالىدىغان بولساق: 2- دۇنيا ئۇرىشىدا سېۋىت ئىتىپاقى گىرمانىيىىنڭ ئىقدىسادىنى تالان – تاراج قىلىشنى ئاساس قىلغان، ئامىرىكا بولسا ئىقدىساسلىق خادىملىرىنى ئېلىپ كەتكەن، ئاقىۋەت قانداق بولدى؟ ھازىر يەنىلا ئامىرىكا كۈچلۈك. ياپۇنىيە، گىرمانىيە 2- دۇنيا ئۇرىشىدا ئېغىر مەغلۇپ بولغان، ئىقدىسادىي بايلىقىمۇ ناھايىتى ئاز، بىراق خەلقىنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەلىكىگە تاينىپ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ ئەڭ باي دۆلەتكە ئايلىنىپ يەنىلا يەرشارىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەرەپ ئەللىرىدە بايلىق جېق بىراق تەرەققىي قىلمىغان، دۇنيا جامائەتچىلىكىدىمۇ ئورنى يوق دىيەرلىك، چۈنكى ئۇلاردا ياراملىق خادىملار ناھايىتى ئاز، ھازىر بۇنۇقتىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئەرەبلەر ئىلىم پەنگە يۈرۈش قىلماقتا. بىزدە بىرگەپ بار « مال پۇل ئەمەس ھۈنەر پۇل».
ئۇنداقتا پۇل مۇھىم ئەمەسمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس پۇلمۇ مۇھىم، بىز پۇلدىن ئايرىلالمايمىز، بۇيەردىكى مەسىلە قايسىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم قايسىسىنىڭ ئىككىنجى ئۇرۇندا ئىكەنلىكى مەسىلىسى. بىراق مەيلى پۇل بولسۇن ياكى بىلىم بولسۇن ئۇ كىشلىك تۇرمۇشتىكى ۋاستە خالاس، يەنى ئۆزىمىزنىڭ مەقسىدىمىزگە يىتىشتىمىزدىكى ۋاستە، ئۇنداق بولغاندا قايىسى ۋاستە بىزنى ئۆز مەقسىدىمىزگە ئەڭ ياخشى، ئۇزاق مۇددەت، تۇلۇق يەتكۈزەلەيدۇ، كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپىئەتنى كۆزلىسەك پۇل شۇنداق قىلالىشى مۇمكىن، بىراق ۋاقىتلىق خالاس، مەڭگۈلۈك بۇلالمايدۇ ھەم كىيىنكىلەرنىڭ بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەر تەلىشى ناتايىن. ئۇمۇمىيلىق نۇقتىسىدىن قارىساق ۋە يىراقنى نەزەرگە ئالغاندا بىلىم بۇ بىز ئۈچۈن كۈچلۈك قورال، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېيىتقاندەك « بەخىت بەلگىسى بىلىم ( قۇتاد غۇبلىك)».
خۇلاسە قىلساق بىزدەك قالاق ئارقىدا قالغان ، ئۆز تەقدىرىمىز ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان مىللەت ئۈچۈن كىيىنكىلەرنى بەخىتكە ئېرىشتۈرەلەيدىغان، كىيىنكىلەرنى دۇنياغا تۇنۇتالايدىغان بىلىم بىزنى ۋاقىتلىق راھەت پاراغەتكە ئېرىشتۈرىغان پۇلدىن مۇھىم، شۇندىلا بىزنىڭ كەلگۈسىمىز تېخمۇ پارلاق بۇلىشى ئنىق.
ئەگەر ئوخشىمايدىغان پىكىرىڭىز بولسا پاكىتلىق ئىلمىي ئوتتۇرغا قويسىڭىز بۇلىدۇ. مەن بىلەن مۇزىرلەشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىسقا مەرھەممەت: http://tanhaburkut.blogbus.com/logs/81867723.html
مەنبە: ۋلقان ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگى |