ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر بەدىئى فوتو-سۈرەتلەر كەشپىياتچى ئالىمجاننىڭ يىڭى خەۋىرى
كۆرۈش: 1286|ئىنكاس: 17
go

كەشپىياتچى ئالىمجاننىڭ يىڭى خەۋىرى

Rank: 8Rank: 8

توردا
204سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
267 
تېما
35 

شەرەپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-12 23:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
]



[size=4]ئالىمجاننىڭ قىسقىچە تەرجىمالى:
ئالىمجان ئەر،ئويغۇر،جۇڭگۇ شىنجاڭ قەشقەر يوپۇرغاناھيىسى سىيەك يېزا4- (سىيەك)كەنتىدىن.1966-يىلى تۇغۇلغان.2ياش ۋاقتىدا ئائىلىسى بىلەن غۇلجا ناھىيەجېلىليۈزى خوتەن مەھەلىسىگە بارغان.ئۇ يەردە 20 يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ قالغان .1998- يىلىدىن باشلاپ قەشقەر يوپۇرغاناھيىسى سىيەك يېزىسىغا قايىتىپ كەلگەن.ئالىمجان ئەسلى ياغاچچى بولۇپ غۇلجا ۋە قەشقەردە ياغاچچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەم يىراق -يېقىنغا نامى چىققان.ئۇ يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە ياغاچچىلىق بىلەن بىرلىكتە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قازىنىپ دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزگە زور شان-شەرەپلەرنى كەلتۈردى.
ئالىمجاننىڭ كەشپىياتلىرى ھەققىدە:
1.ھاۋانى  بىردىنبىر ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىپ ھەركەتلىنىدىغان ماتۇر
بۇ ماتۇرغا ھاۋا ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىنىدۇ.سىلىقلاش مېيى(جىيۇ)دىن باشقا ھەر قانداق نىفىت ماتىرىيالى(بىنزىن ياكى سەلەركە)ئىشلىتىلمەيدۇ.ئۇنىڭ مۇھىت بۇلغاش نىسبىتى -مۇتەخىخەسىسلەر ۋە دۇنيا ئالىملىرى تەرپىدىن «%0»(دۆلەتلىك پاتنىت ئىدارىسىى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەن ،ھەم 6-ئاينىڭ 25-كۈنى دۇنيا پەن تېخنىكا كومتىتىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان)دەپ ئېلان قىلىندى.ماتۇر ئىچىدە كۆيۈش ھادىسىسى بولمىغاچقا ئۇنىڭ كېرەكسىز گاز  قويۇپ بىرىش ئېغىزىدىن ساپ ھاۋا چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئات كۈچى ئادەتتىكىدىن(بىنزىن ياكى سەلەركە يېقىلغۇ قىلغاندىكىدىن)نەچچە ھەسسە ئارتۇق.بۇ ماتۇرنىڭ دۇنياغا كىشىلى  ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلىك ئېنىرگىيەگە ئېرىشىش خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي يەنە مۇھىت بۇلغۇنۇش سەۋەبىدىن كىلىدىغان تۈرلىك خەۋىپ - خەتەرلەر ئەندىشىسىنىمۇ پۈتۈنلەي يوقاتتى. 6-ئاينىڭ 25-كۈنى دۇنيا پەن تېخنىكا كومتىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى يىغىنىدا كومتىت ئىجرائىيە ئەمەلدارى لوس جىبران ئالىمجاننىنىڭ بۇ كەشپىياتىغا« ئىنسانلار ھازىرغىچە بايقىغان ئەڭ ياخشى پەن تېخنىكا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ»دەپ يۇقۇرى باھا بەردى ۋە مۇنداق دېدى مەنبە:www.yahoo.com htthp:www.bolg.sohu.com/n/vw/2831072):«جۇڭگۇلۇق ئويغۇر يىگىتى ئالىمجان قالتىس ماھارەت بىلەن  ھاۋا ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغان ماتۇرنى ياساپ ،دۇنيادا قىس بولىۋاتقان ئېنىرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.ئالىمجاننى ئېينىشتىيىندىن كىيىنكى كاللىسى ئىشلەيدىغان
ئىككىنچى ئېينىتىيىن دەپ قاراشقا بولىدۇ».
2.سۇ كۈچى ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغان مەڭگۈلىك دىۋگاتىل
بۇ سۇكۈچىدىن پايدىلىنىپ  ھەركەتلىنىدىغان ماتۇر بولۇپ ئۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشقا تولىمۇ باب كىلىدۇ.مەلۇم بىر ئورۇنغا قاچىلىۋالغان مەلۇم مىقداردىكى سۇ  مەلۇم تېخنىكا بىلەن ئۆزلىكىدىن يۇقۇرىغا چىقىپ ،تۆۋەنگە چۈشۈشتە نۇرغۇن ئىش ئىشلەپ ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئېنىرگىيە ھاسىل قىلىپ بىرىش بىلەن بىرگە پاكىزە مۇھىت بەرپا قىلىشقا ئاساس سالىدۇ.ئەگەر بۇ ماتۇرنىڭ قۇرۇلمىسى ماس نىسبەتتە چوڭايتىلسا ئۇنىڭ كۈچى ۋە ئىشلىگەن ئۈنىمىمۇ ماس ھالدا ئاشىدۇ.ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئېنىرگىيە مەنبەسى كەتمەيدۇ.ئۇ  مەلۇم  بىر ئورۇن(توكقا بولغان ئىھتىياج قانچلىك چوڭ بولۇشتىن قەتئىينەزەر)،زاۋۇت ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ مەڭگۈلىك توك مەنبەسىنى  بىمالال ھەل قىلىپ كېتەلەيدۇ.
3.ھاۋانى ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىدىغان يېقىلغۇگاز
بۇ گاز ھاۋانى بىردىنبىر ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىدۇ.ئۇ گازتۇڭىغا قاچىلانغان ھاۋاغا مەلۇم بىر تېخنىكا ئىشلىتىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرىلىدۇ.ئۇ زەھەرسىز،پۇراقسىز كۆيۈشچان گاز بولۇپ  پاكىزە ھەم ئەرزان تەننەرقىلىق ئېنىرگىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئۇنى نۆۋەتتىكى كۆيۈشچان دەپ قارىلىدىغان،سانائەت ياكى تۇرمۇشتائىشلىتىلىۋاتقان ھەر قانداق بىر گازنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە تامامەن بولىدۇ.
4.كۆپ ئىقتىدارلىق توغراش ماشىنىسى
بۇ ماشىنا تۆۋەن سەرپىيات بىلەن يۇقۇرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ،ئۇ چوڭ پولوخانىلاردا سەۋزە توغراش،سامسىخانا ۋە مانتىخانىلاردا پىياز ۋە گۆش توغراش،ئاشخانا ۋە رېستۇرانلاردا سوغاق سەي ماتىرىياللىرى(ياڭيۇ،سەۋزە،تەرخەمەك...قاتارلىقلار)دا سوغاق سەي تەييارلاش،ئائىلىلەردە قورۇما تەييارلىقلىرى... ،كاۋاپخانىلاردا (خالىغان ھەجىم ۋە شەكىلدە) گۆش توغراش...قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
5.كۆپ ئىقتىدارلىق ئۆپكە – ھېسىپ قۇيۇش ماشىنىسى
بۇ ماشىنا نۆۋەتتە يىمەك – ئىچمەك ساھەسىدىكى بىر بوشلۇقىنى تولدۇرۇش بىلەن بىرگە ،ئۆپكە – ھېسىپ  تەييارلاش جەريانىنىڭ مۇرەككەپلىكى،قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقۇرى بولۇشى،يۇقۇرى ئىش سەرپىياتى تەلەپ قىلىشتەك بىر قاتار جەريانلارنى بىراقلا ئاددىيلاشتۇرۇپ،  يىمەك- ئىچمەك ساھەسىنىڭ ئېلىكتىرۇن دەۋرىگە قەدەم قويۇشىنى تىزلىتىپ،ئاز ئىش بىلەن كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇردى.بۇ ماشىنا ئارقىلىق سائىتىگە ئون يۈرۈش ئۆپكە - ھېسىپ  تەييارلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.بۇئۆپكە-ھېسىپ قۇيۇپ توپ ۋە پارچەسېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا،ئائىلىسىدە ئۆپكە – ھېسىپ تەييارلاش...قا ماس كېلىدۇ.
6.كۆز قارچۇقى ئارقىلىق نىشان بەلگىلەشكە بولىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق كەپشەرلەش كۆز ئەينىكى
بۇ ئەينەك نۆۋەتتە كەپشەرلەش تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ بىر قولىدا كۆتۈرۋالىدىغان قالقانسىمان قالپىقى،كۆزىگە تاقىۋېلىپ قول ئارقىلىق ھەركەتلەندۈرىدىغان قوش گەۋدىلىك كۆرۈش ئەينىكى قاتارلىقلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدىغان كۆپ  ئىقتىدارغا ئىگە يېڭى بىر ئەۋلات كۆز ئەينەك بولۇپ ئۇ يېنىك،ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك،تەننەرقى تولىمۇ تۆۋەن بىراق ئىش ئۈنۈمى يوقۇرى بولغان ،توك ئارقىلىق كەپشەرلەش،گاز ئارقىلىق كەپشەرلەش،كىسىش... تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ كۆزىنى ئاسىراش بىلەن ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قوش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.ئۇسىزنى قولدا باشقۇرۇش،يۆتكەپ كونتىرول قىلىش...قا ئوخشاش ئاۋارىلىقلاردىن خالاس قىلىدۇ.
7.ئېنىرگىيە تىجەيدىغان يۇقۇرى ئۈنۈملىك ئېلىكتىرلەشكەن يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى
بۇ ماشىنا تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان  ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بىر گەۋدىلەشكەن تۆۋەن ئېنىرگىيە يۇقۇرى ئۈنۈملىك ئېلىكتىرلەشكەن يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى بولۇپ،ئۇ ھەر خىل تالا،پاختا،يۇڭ ... قاتارلىقلاردىن يىپ ئىشلەپىقىرىدۇ.ئۇ نۆۋەتتە بۇ ساھەدە قوللىنىلىۋاتقان تېخنىكىلاردىكى نۇرغۇن ئىش ھالقىلىرى ۋە مەشخۇلات تەرتىپلىرى شۇنداقلا كۆپ مىقداردىكى ئېلىكتىر ئېنىرگىيسىنى ۋە ۋاقىتنى تېجەيدىغان بولۇپ ،گىلەمچىلىك،ماتاچىلىق،توقۇمچىلىق... قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدەئىشلىتىشكە  بولىدۇ.
8.ئاپتۇماتىك ئوت ئالىدىغان گاز بىلەن كەپشەرلەش تاپانچىسى
بۇ مەھسۇلات نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان بارلىق گاز بىلەن كەپشەرلەش(پاياتلاش)تاپانچىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.ئۇنىڭغا ئاپتۇماتىك ئوت ئالدۇرۇش قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بولۇپ تېخنىك خادىملارنىڭ چاقماق ياكى سەرەڭگە ئىشلىتىپ گازغائوت يېقىشى ھاجەتسىز.سىز گازنى ئېچىپ  ھېچقانداق ئوت مەنبەسىگە تايانماستىن بىر كونۇپكا بىلەنلا گازنى تۇتاشتۇرۇپ خاتىرجەم كەپشەرلەش(پاياتلاش)مەقسىتىگە يىتەلەيسىز.بۇ مەھسۇلات  مۇشۇ ساھەدىكىلەرنى سىرىتقى ئوت مەنبەسىگە تاينىپ چاقماق بىلەن چېقىش،سەرەڭگە بىلەن يېقىش...تەك مەشخۇلات جەريانلىرىنى قىسقارتىش بىلەن بىرگە بىخەتەر ھەم تېزلىك بىلەن گازنى ئوت ئالدۇرۇش تېخنىكىسى بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.
خۇلاسە :
ئويغۇر يىگىتى ئالىمجان يۇقارقىدەك بىر قاتار كەشپىياتلىرى بىلەن بىزنى جاھان ئەھلىگە تونۇتۇش،ئۇلۇق ۋەتىنىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شان-شۆھرىتىنى يەنىمۇ نامايەن قىلىش يولىدا توختاۋسىز تەر تۆكىۋاتقان ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىمىزنىڭ برى. ئۇ  يۇقارقىدەك كەشپىيات مىۋىلىرىنى  روياپقا چىقىرىش جەريانىدا ئالدى بىلەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قىزغىن قوللىشى،ياردەم بىرىشى بىلەن ،ئاندىن جەميەت ھەر ساھە ،ھەر قاتلاملاردىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ يېقىندىن قوللاپ مەدەت بىرىشىگە ئېرىشتى.بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن  بىزنى قوللىغان ،ياردەمدە بولغان بارلىق كىشىلەرگە سەمىمىي ئىھتىرام ۋە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
ئارزۇ ۋە ئۈمۈت:
بىز جەمىيەت ھەر ساھە ،ھەر قاتلاملاردىكى شىركەت،كارخانىلار،زاۋۇتلار ۋە شەخىسلەرنىڭ بىز بىلەن تېخنىكا ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمكارلىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.ئۈمۈدىمىز:بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا قۇلايلىق ئېلىپ كىلىشىنى،بۇئارقىلىق ئىشلەپىقىرىش كۈچلىرىنى ئازات قىلىپ زامانىۋىلىشىش قۇرلۇشىنىڭ قەدىمنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت.
ئالاقە مەنزىلى:  13279874321   . 13179981915 .  
ئالاقىلاشقۇچى: ئالىمجان            .    ئابدۇغېنى
1.سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت.2.ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا.

توردا
188سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
666 
تېما
41 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 00:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بۇ كەشپىياتچى بىلەن بىر يەرلىك...............ئىككىمىز بىر يۇرتلۇق.................ھى ھى

توردا
262سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
484 
تېما
108 

ئاكتىپ ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 00:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىسمى جىسمىغا لايىق ئالىمجانكەن..
ئۇزۇن بولغان ئالىمجان توغۇرلۇق خەۋەرلەر ئۈزىلىپ قالغان...

ئەجرىڭىزگە رەھمەت،بۈگۈن كۆرىش نىسىپ بوپتۇ..
ئالىمجاننىڭ بۇندىن كېينكى كەشپىياتلىرىغا ئۇتۇق،تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن..

ئاپىرىن...
ئاتاڭنىڭ ئىززىتىنى قىل ئاناڭنىڭ خىزمىتىنى قىل

توردا
135سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
467 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 03:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى بۇپتۇ ئۇزۇن بۇپتىكەن
كۆكلەم ئوغلى

توردا
6سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
48 
تېما

ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 11:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياشا ئۇيغۇر يىگىدى

توردا
528سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
163 
تېما

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 12:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت

توردا
349سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1142 
تېما

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 12:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كەشپىياتچىمىز بىلەن ئارلىقمىزنى يىقىن قىلغىنىڭىزغا رەھمەت .

توردا
679سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1186 
تېما
54 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 17:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەمدى ئىنىرگىيە مەسىلىىسى ھەل بولدىغان بوپتۇ دە. ياشا ئۇيغۇرۇم...ياشا...
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

توردا
349سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1142 
تېما

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 19:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىزگە ئالىمجان ئەپەندىنى چۈشىنىشلىك قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .
ئالىمجان ئەپەندىنىڭ كەشپىياتلىرىنىڭ بالدۇرراق تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشىنى ھەمدە ئالىمجان ئەپەندىنىڭ جاپاسىغا چۇشلۇق ھالاۋەتكە ئىرىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
569سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
416 
تېما
37 

شەرەپلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 20:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تــــــــــــــــــــــــــــوۋا ديــــــــــــــــــــــــــمەن! بۇ پەن تېخنىكا تەرىپىدىن مومكىن بولمايدۇ دەپ قارالغان كەشپىياتلار ئەسلىدە دۇنياغا ئىنقىلاپ خاراكتىرلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كىلەلىشى كىرەك ئىدى. دۇنيا ئىقتىسادىغا، سانائەت، ئىشلەپچىقىرىشقا يىڭىچە ئۆزگىرەشلەرنى ئىلىپ كىلەلىشى كىرەك ئىدى. نىمىشقا تىخىچە يوق؟
ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى تىخىچە توختىماستىن ئۆرلەۋاتمامدۇ؟
نىفىتنىڭ ئورنىنى باسىدىغان مۇشۇنداق ياخشى، پاكىز ئىنىرگىيە مەنبەسى تۇرۇپمۇ نىمىشقا تىخىچە ماينىڭ باھاسى چۈشمەيدۇ؟ ياكى بىزدە نىفىت شۈنچە كۆپ، يەر شارىنىڭ مۇھىتى شۇنچە ياخشى بولۇپ كەتتىمۇ؟
مۇشۇ كەشپىياتلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئالىمجان زامانىۋى تەجىرىبەخانىلاردا ئۆز كەشپىياتلىرىنى خاتىرىجەم ئىلىپ بارالىشى، دۇنياۋى كارخانىلارنىڭ مىلياردلىغان مەبلەغلىرىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بولالىشى كىرەك ئىدى. نىمىشقا مەن تىخىچە بۇنداق  ياخشى خەۋەرلەرنى ئاڭلىيالمايمەن؟
ئالىمجاننىڭ بۇ كەشپىياتلىرى چىققىلى خىلى بولغاندۇ، ئىشقىلىپ مەن ئاڭلىغىلى خىلى كۈنلەر بولدى، پاتنىت ھوقۇقى ئالغان خەۋەرلىرىنىمۇ ئاڭلىغانتىم. نىمىشقا تىخىچە مۇشۇنداق ياخشى ئىنىرگىيە مەنبەسى كىڭەيتىشكە ئىرىشەلمەيدۇ؟
نىمىشقا مۇشۇنداق ئاغزىمىزنى تاتلىق ئىتىدىغان پالانى ئالىم ئۇنى قىپتۇ، پۇستانى بۇنى قىپتۇ، ئۇيغۇرلار ئاق تونۇلۇپ كىتىپتۇ دىگەن ئاغزىمىزنىلا تاتلىق ئىتىدىغان خەۋەرلارنى دائىم ئاڭلايمىز-يۇ بۇ ئۇلۇغ كەشپىيات، بۇ ئۇلۇغ ئادەملەرنىڭ بىزنىڭ ئەمىلىي تۇرمۇشىمىزغا نىمشىقا بىر موچەنلىك پايدىسى بولمايدۇ؟ بۇنداق تاتلىق گەپنىڭ بىزگە نىمە كىرىكى؟!
مەن مەبلەغ سالىدىغانلارنىڭ يوقلۇقىغا ئىشەنمەيمەن. ئالىمجانىڭ كەشپىياتلىرىنى ساختا دەپ گۇمانلىنايمۇ ياكى بىرەر بىز بىلمەيدىغان باشقا ئىشلار بارمۇ؟
ئىز مۇنبىرى سۈپەتلىك تىمىلارنى ئالاھىدە قارشى ئالىدۇ. ئىزلىرىمىز ئىز تورىدا قالسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-1-1 17:13

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.