- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-26
- تىزىملاش
- 2010-8-27
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 201سائەت
- جۇغلانما
- 2379
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 875
- تېما
- 86
- توردا
- 201سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 14
- يازما
- 875
- تېما
- 86
|
بىز ھونلارنىڭ ئەجدادىمۇ ؟
ئەگەر بىز ھونلارنىڭ ئەجدادى بولساق مەشھور ھون سەردارى(ئاتىللا)راسلا بىزنىڭ بوۋىمىزمۇ ؟؟
مان بۇ ئاددى ئەمما چوڭقۇر مەنىلىك سوئالغا جاۋاپ تاپالماي ،كىتاپخانىدا قاتىراپ يۈرگەن ۋاقتىمدا «تەڭرى قامچىسى ئاتىللا »دېگەن كىتاپقا كۆزۈم چۈشتى ۋە ئۆيگە ئەكىلىپ پۈتۈن زېھنىم بىلەن ئوقۇشقا كىرىشتىم بۇ كىتاپتىكى (ھونگىر رىۋاياتلىرىدىكى ئاتىللا )دىگەن قىسىمى مىنى ئالاھىدە قىززىقتۇردى بۇ قىسىمدىكى مەزمۇنلار بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغاچقا بىرنەچچە قېتىم ئوقۇپ ئاندىن مەزمۇنىنى چۈشەندىم.
تۆۋەندە سىلەرگە شۇ بىزگە ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى بايان قىلىدىغان بىر بۆلىكىنى سۆزلەپ بېرەي:
مىلادىيە 2-ئەسىردىن باشلاپ ،فىن -ئوغۇر تىللىرى ئائىلىسىگە مەنسۇپ ماجارلار (ئەسلى ئاتىلىشى مانسى-ماگنىي،ئۇلار تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ،تۈرۈكچە [ئەر(ئار)] قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ،ئۇلارنىڭ نامى ماجار دىگەن نام بىلەن ؟اتىلىدىغان بولدى) ھونلار بىلەن ئالاقىدى بولۇپ ،ھونلارنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچۇرغان .مىلادىي 374-يىلى ھونلار ئىتىل دەرياسىدىن ئۆتۈپ ،ياۋروپاغا كۆچكەندە ، ئەسلى جايلىرىدا تۇرۇپ قالغان بىر قىسىم ھونلار ماجارلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن . ياۋروپا ھون ئېمپىرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ،ماجارلار ھونلارغا قارىغان .مىلادىيە 469-يىلى ياۋروپا ھون ئېمپىرىيىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ،ھونلارنىڭ زور بىر قىسىمى ئاتىللانىڭ كىچىك ئوغلى ئىرنەكنىڭ باشچىلىقىدا قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە بۇ جايلارغا يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئون ئوغۇرلارنىڭ ئىچىگە قوشۇلۇپ كەتكەن .شۇنۇڭ بىلەن ›ئون ئوغۇرلار يەنە «ھون ئوغۇر»دەپمۇ ئاتالغان .مىلادىيە 8-ئەسىرگە كەلگەندە ،ئىتىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن بويلىرىدىكى ماجارلار جەنۇپقا سۈرۈلۈپ ،ھونئوغۇرلارنىڭ تەركىنىگە قوشۇلۇپ كەتكەن .نەتىجىدە ماجارلار تۈرۈكلىشىشكە باشلىغان . بۇگۈنكى ھۇنگىرلار مانا شۇ ئون ئوغۇر (ئۇغۇر)،ھون،ماجارلارنىڭ ئۆز-ئارا قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن بولغاچقا ،
ئۇلار ئاتىللانى ئۆزلىرىنى ئۇلۇغ داھىسى دەپ قاراپ كەلمەكتە .شۇڭا ھازىرقى ئۇيغۇرلار:ھون، ماجار ۋە ئۇغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن .
تورداشلارنىڭ بۇ كىتابنى سېتىۋىلىپ تېخىمۇ كۆپ بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇشى ئۈچۈن بۇ كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى چىقىرىپ قويدۇم سىلەرنىڭ پايدىلنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
«تەڭرى قامچىسى ئاتىللا» |
|