- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-6
- تىزىملاش
- 2012-8-7
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 39سائەت
- جۇغلانما
- 926
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 198
- تېما
- 31
- توردا
- 39سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 2
- يازما
- 198
- تېما
- 31
|
ئەسلەش ئىككەيلەن تۇنجى قېتىم قار تېيىلغان چېغىنى ئەسلىشىپ قاپتۇ .باشتا بىرسى قوپۇپ :
- مەن پەقەت ياخشى تېيىلالمايتتىم ، ئورنۇمدا قېتىپ تۇرۇپ ،ئازراقمۇ ھەركەت قىلالمايتتىم ،-دېسە ،يەنە بىرسى قوپۇپ :
مەن ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئىدىم ، شۇنداق ھەركەت قىلاتتىم ،شۇنىسى پەقەت ئورنۇمدىن تۇرالمايتتىم ،-دەپتۇ .
ئاپتۇبوس شوپۇرى يولۇچىلار بىلەن لىق تولغان ئاپتۇبۇس دۆڭدىن سىيرىلىپ مېڭىپتۇ ،ئاپتۇبۇسنىڭ ئارقىسىدىن يۇگۈرۈپ كېلىۋاتقان بىرەيلەننى كۆرگەن يولۇچى دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ ۋارقىراپيۇ :
بۇرادەر بولدى يۈگۈرمەڭ ، بەرىبىر يېتىشەلمەيسىز .
- يېتىشمىسەم پەقەت بولمايدۇ ، مەن بۇ ئاپتۇبۇسنىڭ شوپۇرى ،- دەپتۇ ،ئۇ كىشى .
سالام بېرىش بىر پالچى دائىم ئادەملەرگە ئېگىلىپ تەزىم قىلغاندا شۇنداقلا ئېگىلىپ قويىدىكەن ، شۇڭا باشقىلار ئۇنىڭغا تەربىيە بېرىپ :
- تەزىم قىلغاندا ئىچىڭدە يانۋار ،فېۋرال ، مارت ، دەپ تاكى دېكابىرغىچە ساناپ ، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرسەڭ ئاندىن تولۇق تەزىم قىلغان بولىسەن ،-دەپتۇ .
بىر كۈنى پالچى كوچىدا كېتىۋاتسا ئۇنىڭ تۇتۇق دادىسى يولۇقۇپ قاپتۇ ،پالچى تازىمنى ۋاي دادىغا يەتكۈزۈپ قىلاي دەپ تۇتۇق دادىسىغا ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ ئىچىدە :<< يانۋار ، فېۋرال....>> دەپ سانىغىلى تۇرۇپتۇ ، تۇتۇق دادىسىنىڭ يەنە ئىشى بولغاچقا ،پالچى بېشىنى شۇنداق كۆتۈرۈپ قارىغۇدەك بولسا ئالدىدا ھېچكىم يوق ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلاردىن سوراپتۇ :
- تۇتۇق دادام قانچىنچى ئايدا كېتىپ قالدى ؟
مەنبە : ساغلاملىق ۋە مودا ھەققىدىكى كىتابتىن ئېلىندى
|
|