- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-18
- تىزىملاش
- 2012-8-16
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 3سائەت
- جۇغلانما
- 30
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 4
- تېما
- 1
- توردا
- 3سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 0
- يازما
- 4
- تېما
- 1
|
ھازىر يۇرتىمىزدىكى ھەممە ئائىلىلەردە تىلىۋېزور ئاساسەن ئومۇملاشتى. تېخى مېھمانخانا ياتاقلىرىغىمۇ تىلىۋېزور ئورۇنلاشتۇرۇش نۇرمال ئىشقا ئايلاندى. تىلىۋېزور كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر تىلىۋېزورنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش بىلەن تىلىۋېزورغا تەلەپ قۇيۇشنىمۇ ئۆگەندى. يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىنى شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ نەق مەيداندىن تارقىتىشىنى ھەم نەق مەيداندىن تارقىتالمىغان بولسىمۇ بىرەر كۈندىن كىيىن بولسىمۇ پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىتىپ، تىلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ رولىنى، قىممىتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى ئارزۇ-ئۈمىتلىرى بىلەن يېزىلغان ئوچۇق خەتلەرمۇ تور دۇنياسىدا قىزغىن مۇنازىرە قىلىنىۋاتىدۇ. ھەممىمىز بىلىمىز، شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىسى جوڭگۇدىكى ئەڭ كۆپ تىلدا تارقىتىش بىرىدىغان، ئەڭ كۆپ قانال تەسىس قىلىنغان يەرلىك تىلىۋېزىيە ئىستانسىسى. ئالتە قانالدا ئۇيغۇرچە، ئالتە قانالدا خەنزۇچە، ئىككى قانالدا قازاقچە، بالىلار قانىلىدا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ھەم قىرغىزچە خەۋەرلەر تارقىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس-سان ئەھۋالىغا ئاساسەن تىلىۋېزىيە قاناللىرىنى تەسىس قىلغانلىغىنى بىلىنىپ تۇرىدۇ
تىلىۋېزىيە قاناللىرىغۇ مۇشۇنداق ھەر خىل تىللاردا تارقىتىلىدىكەن. ئەمما، ئاشۇ ئۇيغۇرچە تىلىۋېزىيە قاناللىرىدىكى تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك باشقا مىللەت، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن ئىشلەنگەن تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش ھالىتىدە بۇلۇپ، تىلى ئۇيغۇرچە بولغان بىلەن، ئەمما ئايلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ ئىشلەنگەن تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇنداق بىر سۇئال ھەممىمىزنىڭ كاللىسىغا كەلمەي قالمايدۇ. ئۇيغۇرلار تىلىۋېزىيە تىياتېرى ئىشلىيەلمەمدۇ؟
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى، مىللەتلەر نەشرىياتى قاتارلىق نەشرىياتلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ھاياتى، تۇرمۇشى، قىممەت ئېڭى، كىشىلىك زىددىيەتلىرى، خىزمەت، كەسىپ، ئىگىلىك تىكلەش جەھەتلەردىكى سەرگۈزەشت-كەچۈرمىشلىرى، سۆيگۈ-مۇھەببەت ھىكايىلىرى، نىكاھ-مۇھەببەت مەسىلىلىرى، جاھاندارچىلىقتىكى كومىدىيەلىك ھەم تىراگىدىيىلىك تەغدىرى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى يۇقۇرى بەدىئى ماھارەت، ئاجايىپ ئىستىتىك زوق، چوڭقۇر مۇھاكىمە، ئىلغار ئىدىيە يىتەكچىلىگى بىلەن يېزىپ چىققان ئۇيغۇر يازغۇچى-ئەدىپلەرنىڭ ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇپ كۆپلەپ نەشىر قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا كىتاب چىقىرىدىغان-چىقىرالايدىغان بۇ نەشرىياتلار تىلىۋېزىيە ئىستانسىدەك تەرجىمىگە دۈم چۈشۈۋالغىنى يوق. ھەممەيلەن بىلمەي قالمايمىز، سىنارىيە بولغىدەك نى ئىسىل كىتابلار بار، سىنارىيە يازالىغىدەك نى تالانتلىق يازغۇچىلار بار. تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرى كۆرىدىغان ئون مىليۇن ئۇيغۇرلار بار. ئاسىيانىڭ كىندىكىگە جايلاشقان ھەم تۆت ئەتراپى تاغلار بىلەن ئورالغان ئىچكى قۇرۇقلۇق زىمىن-مۇھىتىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىلىق كىسىشمىسىدىكى تۇرمۇشىدىن ئىشلەنگەن تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىنى باشقا تىل، باشقا دۆلەتلەرگە سېتىپ پۇل قىلسىمۇ بۇلىدۇ. ئەمما، نۆۋەتتە تەييارغا ھەييار بۇلۇپ، خەنزۇلارنىڭ، كورىيەنىڭ، ھىندىستاننىڭ، تۈركىيەنىڭ دىگەندەك باشقا مىللەت -دۆلەتلەرنىڭ تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرى تىلىۋېزور ۋە تورلاردىن كىشىلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىلىۋاتىدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرلار باشقىلارنىڭكىنى كۆرۈشنى بىلگەن بىلەن ئەمما ئۆزلىرىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدىن تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرى ئىشلىمەيۋاتىدۇ، ئىشلەشنى بىلمەمدىكىن دىسە، نى داڭلىق ئارتىسلىرى بار، خەلقنى يىغلىتالايدىغان ھەم كۈلدۈرەلەيدىغان، دۇنيانى چۆرگىلەپ ئويۇن كۆرسىتەلەيدىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنى «سەنئەتخۇمار» مىللەت دەپ ئاتىۋېلىشىمىز بار. بۈگۈنكىدەك كىنو-تىلىۋېزور، ئىنتېرنىت تورى ئومۇملىشىشقا باشلىغان، سىنئالغۇ-سىنقويغۇلارنى ئىشلىتىش شەخىسلەرنىڭ ئائىلىرىگىچە كېڭەيگەن دەۋىردە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدىكى ئەلگە تۇنۇلغان ئارتىسلار خۇددى قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندەك « ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق» ھەم ئەنگىلىيەلىكنىڭ «قالايمىقانچىلىق» دىگەن دىراممىلىرىنى ئىشلەپ پالاخشىپ يۈرىشىۋاتىدۇ. بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق كىنو-تىلىۋېزور، ئىنتېرنىت تورى كۆرۈش ئېكرانى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگىچە سىڭىپ كىرگەن ئەھۋال ئاستىدا سەھنىدىن ئايرىلالمايدىغان دىرامما ئارقىلىق قانچىلىك ئۈستۈنلۈك ياراتقىلى بۇلار؟! تارىختا بۈگۈنكىدەك تارقىتىش تېخنىكىسى بولمىغان ئەھۋالدا بارلىققا كەلگەن دىرامما بىلەن دەۋرىمىزدە قانچىلىك بازار ئىگەللەپ، قانچىلىك قىممەت ياراتقىلى بۇلار؟ ئەسلى مەقسىدىمىز دىرامما توغرىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىلىۋېزىيە تىياتېرىنى ئىشلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق مىللى-ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئۇيغۇر تىلىۋېزىيە تىياتېرچىلىغىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا يول ئېچىش.
مىنىڭچە، ئىچكىرىدىكى تىلىۋېزىيە ئىتانسىلىرى، باشقا مىللەتلەر ئىشلىگەن تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىنى شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىسى ھەم ئۇيغۇرلارمۇ ئىشلىيەلەيدۇ. ئون مىليۇنلۇق نوپۇستىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تەرەققىيات ئەھۋالى، يەنى تۇرمۇشتىكى خوشاللىق-بەخىتلىرى، سۆيگۈ-مۇھەببەتلىرى، ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى، كومىدىيە ھەم تىراگىدىيەلىك ھىكايەتلىرى، ئۆرۈپ-ئادەتلىرى، شەھەر-يېزىلار ئارا تۇرمۇش-مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى، نىكاھ-ئائىلە مەسىلىلىرى قاتارلىق تەرەپلەر تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرى مەزمۇن- كۆرۈنۈشلىرىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلسە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەلۋەتتە ئىجابى-پايدىلىق تەسىر-ئۈنۈم كۆرسىتەلەيدۇ. چۈنكى. ھەممەيلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتقىنىمىزدەك، تىلىۋېزور كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن ئايرىلالمايدىغان ھالدا ئومۇملۇشۇپ كەتتى. ئەمما، ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز ئارتىسلىرى ئۆز مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئىشلىگەن تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىنى تىلىۋېزوردىن ھەر كۈنى ياكى مەخسۇس بىر قانالدا بولسىمۇ كۆرۈشنى ئويلايدۇ، ئارزۇ-ئارمان قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيەت -تۇرمۇشىدىن ئىشلەنگەن ئىلغار ئىدىيەدىكى تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ قىممەت ئېڭى، مىجەز-خارەكتىرى، ئائىلە كۆزقارىشى، ئىقتىسات چۈشەنچىسى دىگەندەك تەرەپلىرىنى سېلىشتۇرىدۇ. ياخشىلىق-يامانلىق،گۈزەللىك-رەزىللىك، ئەخلاق-ئەخلاقسىزلىق تەرەپلىرىدىن ئىستىتىك زوققا، تەربىيىۋى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ. ھەرگىزمۇ باشقا مىللەتنىڭ، باشقا دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىكەن، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز، ئەخلاقى چۈشۈنچىمىز، قىممەت ئېڭىمىز، مىجەز-خارەكتىرىمىز،ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىز، ئائىلە-نىكاھ قائىدە-يۇسۇنلىرىمىز، ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز، تەرەققىيات دەرىجىمىز ئۇلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ دەپ ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك كۆرۈپ قۇيۇپلا ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋالدا بولمايدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت خاسلىغى كۈچلۈك بۇلۇپ، ئۇيغۇر بالىسى تۇغۇلۇپ ئىسمى قۇيۇلغاندا ئىمام ئۇنىڭغا ئامەت تىلەيدۇ، تويى بۇلۇپ نىكاھى ئوقۇلغاندا ئىمام ئۇنىڭغا بەخت تىلەيدۇ، قازا قىلىپ نامىزى چۈشۈرۈلگەندە ئىمام ئۇنىڭغا جەننەت تىلەيدۇ. مۇشۇ ئامەت، بەخت، جەننەت ئارىلىقىدا تىل-مەدەنىيەت كىشىلەرنىڭ بايلىقىغا ئايلىنىپ كىتىدۇ. مۇشۇنداق مەدەنىيەت تىلىۋىزوردىكى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن مەدەنىيەتكە ئانچە ۋاي دەپ كەتمەيدۇ. پەقەت، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتى ئەھۋالى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى تۇنۇشنى، ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئىسلاھ قىلىشنى، ئۆزلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئېھتىياجىنى تاپالايدۇ. ئۆزگە مەدەنىيەت ئۇيغۇرلارغا خۇددى ساياھەتتەك بىلىنسە، ئۆز مەدەنىيىتى خۇددى ئەينەكتەك كۆرىنىدۇ. ئەينەك ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ياسايمىز، ئۆزىمىزنى گۈزەللەشتۈرىمىز، ئۆزىمىزنى قىياپەتكە ھەم سالاپەتكە ئىگە قىلىمىز. ساياھەتتە كۆرۈپ قۇيۇمىز، ھوزۇرلۇنۇپ قۇيۇمىز، ھەيران قالىمىز، ماختاپ قۇيۇمىز. بىزگە ئوخشىمىغانلىغى ئۈچۈن دورىغىمىز، ئوخشىغىمىز كەلمەيدۇ.
قىسقىسى، شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ تىلىۋېزىيە تىياتېرى تەرجىمە مەركىزى بولغاندەك، تىلىۋېزىيە تىياتېرى ئىشلەش مەركىزى بولسا، مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتتا، مانچە تىلدا ئۇيغۇرچە تارقىتىۋاتىمىز دىگەن بىلەن، ئىشنى چالا قىلماي ئۇيغۇر مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىكى تىلىۋېزىيە تىياتېرى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى، زامانىۋى قىممىتىنى بىلىپ يىتىپ، تىلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ تەشۋىقات، تەربىيىلەش، يىتەكلەش رولىدىكى تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرىغا نىسبەتەن تەرجىمىگە ئادەتلەنگەن بىرتەرەپلىمىلىكىنى تۈزۈتۈپ، يەرلىك تىلدىكى قاناللارنى يەرلىكتىكى خەلقلەرگە ھەقىقى يۈزلەندۈرۈپ ،دۆلەتنىڭ رادىيۇ-تىلىۋېزىيەنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلان-خىزمىتىنى تولۇق ئەمىللەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن ئىشلەنگەن تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرى ئىشلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويماسلىق، پىلانغا ئالماسلىق، ھەركەتكە كەلمەسلىك ئۇيغۇرلاردىن باشقا ھىچكىمنىڭ خاتالىغى ئەمەس. دۆلەتمۇ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلەۋاتىدۇ. مەدنىيەت ئۆزىنى تۇنۇشقا باشلىغاندا تەرەققياتقا يۈزلىنىش كۈچۈيىدۇ، ئىقتىساتقا يۈزلىنىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇدۇ، ئاندىن جەمىيتنىڭ گۈللىنىشى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ.
قېنى دوستلار ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى تىلىۋېزورلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-ھاياتىدىكى تىلىۋېزىيە تىياتېرى نىمىشقا يوقنىڭ ئورنىدا! ئەگەر ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تۇرمۇشىدىكى تىلىۋېزىيە تىياتېرلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى تىلىۋېزىيە قاناللىرىدا كۆپ سالماقنى ئىگەللىسە قانداق پايدىلىق تەرىپى، قانداق ئىجتىمائى قىممىتى بۇلىدۇ؟ مۇھاكىمە-مۇنازىرە قىلىپ باقايلى. مەدەنىيەت تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن زېھنىمىزنى ئايىمايلى.
|
|