- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-17
- تىزىملاش
- 2012-6-26
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 55سائەت
- جۇغلانما
- 1197
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 289
- تېما
- 32
- توردا
- 55سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 9
- يازما
- 289
- تېما
- 32
|
ئىستىقبال سەۋدالىرى
( مەھمۇت سىجاڭنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدى - كەينىدە )مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى
1937 - يىلى شىنجاڭ خەلقى بولۇپمۇ قەشقەر خەلقى ئۈچۈن تازىمۇ ياراشمىغان بىر يىل بولدى ، ھاۋانىڭ باشقا يىللارغا قارىغاندا قاتتىق سوغۇق بولۇشى خەلق ئاممىسىغا ئېغىر كۈلپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى . بۇنى ئاز دېگەندەك ، كىشىلەر قەلبىنى ۋەسۋەسىگە سالىدىغان خەۋەرلەر كەينى - كەينىدىن تارقالدى . بۇ خەۋەرلەرنىڭ بىرى ، قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاتلىق قىسىم 6 - دېۋىزىيە قوماندانى مەھمۇت سىجاڭنىڭ جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىشى ئىدى . مەھمۇت سىجاڭ ئۈرۈمچىگە كېتىپ قايتىپ كەلمىگۈدەك دېگەندەك خەۋەرلەر بىردىنلا قەشقەر شەھىرىنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا تارقىلىپ ، كىشىلەرنىڭ يۈرىكىگە سوغۇق سۇ سېپىلگەندەك بولدى . گەرچە بۇنداق چاقىرتىلىشنىڭ مەزمۇنىدىن ئۇنىڭ سىجاڭلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدىغانلىقى ئاشكارىلانمىغىنى بىلەن ، ئۇنىڭ ھەربىي قوشۇندىن ئايرىلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭغا قانداقتۇر بىر خىل شۇملۇقنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىق بىلىنىپ تۇراتتى . چۈنكى ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن كىشى مۇشۇنداق چاقىرتىلىش ئارقىلىق قەتلى قىلىنغانىدى . خەلق ئۆزلىرىگە " تېرەك " دەپ تونۇپ كەلگەن كىشىلەردىن 1 - قېتىمدا ، 1 - بىرىگادىدىن سالىھ لۈيجاڭ بىلەن مۇئاۋىن لۈيجاڭ ھەمدەم بەگ ھاجى ، 2 - بىرىگادىدىن لۈيجاڭ پازىل بەگ بىلەن مۇئاۋىن لۈيجاڭ توختى ئاخۇن قاتارلىقلار مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ھەربىي قوشۇندىن ئايرىۋېتىلگەنىدى . بۇ تۆت كىشى قۇمۇل قوزغىلىڭى ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۈرەش يالقۇنىنى تۇتاشتۇرغۇچىلار بولۇپ ، قۇمۇلدىن تارتىپ قەشقەرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى كەڭ ۋادىدا زالىم جىن شۇرىن ئىستىبداتىغا قارشى ئۇرۇشلاردا ، شۇنىڭدەك ، باسقۇنچى ماجوڭيىڭغا قارشى كۈرەشلەردە جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلغان ھەمدە قوزغىلاڭچى كۈچلەرنى باشلاپ ، خەلقنىڭ نومۇس ۋە ئىپتىخارىغا مۇناسىۋەتلىك زورلۇق زۇمبولۇقلارغا دادىل قارشى تۇرغان قەھرىمانلار ئىدى . قۇمۇل قوزغىلىڭىنى قوزغاپ چىققان باش ئاۋانگارتلاردىن سالىھ دورغا بىلەن پازىل دورغا ۋە تۆمۈر سىجاڭنىڭ قول ئاستىدىكى ئاتاقلىق سەركەردىلەردىن بولغان ھەمدەم بەگ ھاجى بىلەن توختى ئاخۇن 6 - دىۋىزىيە قۇرۇلغاندا يۇقىرىقى ئىككى بىرىگادىنىڭ بىرىگادىرلىق خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىنغانىدى ، لېكىن بۇلارنىڭ رەھبەرلىكىدىكى جەڭچىلەر ماجوڭيىڭ باندىتلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا پەۋقۇلئاددە كېمىيىپ كەتكەنلىكتىن ، ئىككى بىرىگادىدا پەقەت بىرنەچچىلا ئادەم قالغانىدى . 1936 - يىل 3 - ئايغا كەلگەندە ، بۇ " قورچاق بىرىگادا " ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، بۇ تۆت باشلىق مەمۇرىي خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى ، بۇ كىشىلەردىن قۇمۇللۇق سالىھ دورغا ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ۋالىيلىققا تەيىنلەندى ، قۇمۇللۇق پازىل دورغا پىچان ناھىيىسىگە ھاكىم قىلىندى ، توقسۇلۇق مۇئاۋىن لۇيجاڭ ھەمدەم بەگ ھاجى شايار ناھىيىسىگە ھاكىم قىلىندى ، توقسۇنلۇق مۇئاۋىن لۇيجاڭ توختى ئاخۇن قەشقەردە قۇرۇلغان قارا كالتەكلىك پولتسىيە ( ساقچى ) ئىدارىسىگە باشلىق قىلىندى ، ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ كىشىلەر شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ كېتىلدى . 2 - قېتىمدا دىۋىزىيەنىڭ قەھرىمانى بولغان پولات تۈئەنجاڭ چاقىرتىپ كېتىلدى . پولات تۈئەنجاڭ تۇرپانلىق كىشى بولۇپ ، تۇرپان قوزغىلىڭىدىن بۇرۇن خاڭدا ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن . ئۇ تۇرپاندا ئىنقىلاب پارتلىغاندا ، ئىشچىلارنى تەشكىللەپ خاڭنى ئىدارە قىلغۇچى ئەزگۈچىلەر ئۈستىدىن ئىسيان كۆتۈرۈپ غەلىبە قازانغان ۋە تۇرپاندىكى بارلىق ئۇرۇشلاردا ، جىمىساردىكى قانلىق كۈرەشلەردە بولۇپمۇ ماجوڭيىڭغا قارشى كۈرەشلەردە ئىنتايىن باتۇرلۇق كۆرسەتكەنىدى . 6 - دىۋىزىيە تەشكىللەنگەندە ئۇ يەكەندە تۇرۇشلۇق پولكنىڭ باشلىقى بولغان ھەمدە ئالدىنقى سەپ ئاتالغان يەكەن دەرياسىنى قوغداشتا قاراۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇندىغانىدى . 1936 - يىلىغا كەلگەندە ، ئۇ يەكەندىكى 34 - پولكتىن قەشقەردىكى 32 - پولكقا يۆتكىلىپ ، بۇ پولكقا باشلىق بولۇپ تەيىنلەندى . ئۇ قەشقەرگە يۆتكىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ قوشۇندىن ئايرىۋېتىلدى . 3 - قېتىمدا ، باش شتابتىن باش كاتىپ نىزامىدىن ئەپەندى ، تەرجىمە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئەييۇپ بەگ ، ھەربىي سوت باشقارما باشلىقى ئابدۇل مۆمىن ھاجى ، مۇئاۋىن باش شتاب باشلىقى نېمىتۇللا خەلپەت قاتارلىق كىشىلەر شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ كېتىلدى . بۇلاردىن نىزامىدىن ئەپەندى كۇچارلىق بولۇپ ، شۇ مۇھىتتىكى زىيالىيلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن تۆمۈر سىجاڭغا ماسلىشىپ كۇچارنىڭ ئازاد بولۇشىغا كۈچ چىقارغان ھەمدە ئاقسۇ ( جام ) ، مارالبېشى ( تۇمشۇق ) لاردىكى ئۇرۇشلاردا خىزمەت كۆرسەتكەن ، كېيىنكى كۈنلەردە قەشقەردە تۆمۈر سىجاڭغا باش كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن . ئەييۇب بەگ باي ناھىيىسىدىن بولۇپ ، خەنزۇچە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ياڭ زىڭشىن ، جىن شۇرىن دەۋرىدىكى بىلىملىك كىشىلەردىن ھېسابلىناتتى ، ئۇ ئۇلۇغچات قاتارلىق ناھىيىلەرگە ھاكىم بولغان كونا ئەمەلدارلاردىن بولسىمۇ ، لېكىن سەپدىشى ياقۇپبەگ لاۋسىلارغا قارىغاندا ئاڭلىق ئىدى . كېيىنكى كۈنلەردە ئىنقىلابتا خىزمەت كۆرسەتكەن ۋە خوجا نىياز ھاجى قېشىدا جەنۇبىي شىنجاڭ مۇھاپىزەت قوماندانلىق شتابىدا بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان ، 1933 - يىل 9 - ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىگە ۋالىي بولۇپ تەيىنلەنگەن ، كېيىن 6 - دىۋىزىيىدە تەرجىمە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن . بۇ پېشقەدەملەر ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ كېتىش بىلەن بىرگە ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مەخسۇس تەربىيىلەنگەن " يېڭى قانلار " بېكىتىلگەنىدى . شەرت - شارائىتنىڭ ئۆز رايىغا مايىللىشىۋاتقانلىقىنى سەزگەن شېڭ شىسەي 6 - دىۋىزىيىنى ئۆزى خالىغانچە باشقۇرۇش ئۈچۈن ، مەھمۇت مۇھىتىنى 6 - دىۋىزىيىدىن ئايرىۋېتىش يولىدا ھەر خىل چارە - تەدبىرلەرنى قوللاندى . 1 - قەدەمدە دېۋىزىيە باش شتاب ئاپپاراتىنى قىسقارتماقچى بولدى ، مەھمۇت سىجاڭنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ گارنىزون مۇئاۋىن قوماندانلىقىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ، ئۇنىڭ يېڭىشەھەردىكى گارنىزون قوماندانلىق شتابىغا قايتىپ چىقىشنى ، دېۋىزىيە شتابىنى گارنىزون قوماندانلىق شتابى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى . 2 - قەدەمدە 6 - دېۋىزىيەگە قاراشلىق 1 - ، 2 - ، 3 - ، 4 - پولكلارنى 31 - ،32 - ،33 -، 34 - پولكلارغا ئۆزگەرتىپ ، بۇ پولكلارنى 6 - دېۋىزىيە تەركىبىدىن ئاجرىتىۋەتمەكچى ياكى بولمىسا ئۈرۈمچىگە قاراشلىق بىۋاسىتە پولك ياكى مۇستەقىل پولك قىلىپ تەشكىللىمەكچى بولدى . شېڭ شىسەي بۇ ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، ھەربىر پولكقا تامغا ئەۋەتتى ، بۇ تامغىلاردا " 6 - دېۋىزىيەگە قاراشلىق " دېگەن خەت ئېلىپ تاشلانغانىدى . لېكىن مەھمۇت سىجاڭ بۇ ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى چىقىپ ، 6 - دېۋىزىيە تەشكىلىنى ساقلاپ قالدى . بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى دائىرلىرى پولك تامغىلىرىنى قايتىدىن يەڭگۈشلەشكە ۋە دېۋىزىيە شتابىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇر بولدى . ئىش مۇشۇ خىلدا بولغان بولسىمۇ ، شېڭ شىسەي يەنىلا ئۆز ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ ، دېۋىزىيە باشقارمىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى گارنىزون قوماندانلىق شتابىدىن بىر دەرىجە تۆۋەنلەتتى ، كادىرلارنىڭ مائاشىنى بىر دەرىجە چۈشۈرۈۋەتتى ، 1935 - يىلى يولغا قويغان قوشۇنلارنىڭ شتاتىنى رەتلەش چارىسىنى 1936 - يىلى يەنە قايتا قوللىنىپ ، بىرنەچچە خىل قىسىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ پولكتىكى ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى 720 دىن 610 غا قىسقارتتى .
ئەمدى نۆۋەت مەھمۇت سىجاڭغا كەلگەنىدى . بۇ قېتىم مەھمۇت سىجاڭ ئۈرۈمچىگە كۆرۈنۈشتە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئۇلار بىلەن بەزى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىشكە چاقىرتىلغان بولسىمۇ ، لېكىن بۇنداق چاقىرتىلىشتىن خەۋەر تاپقان قەشقەر خەلقى بۇ چاقىرتىلىشنىڭ كەينىگە قانداقتۇر بىر خىل شۇملۇقنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى دەرھال پەرەز قىلىپ يەتتى ۋە بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىدى ، خەلق ئىچىدە ، شېڭ شىسەي مەھمۇت سىجاڭنى قەشقەردىن ئېلىپ كەتسە ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ تەربىيىلىگەن ئادەملىرىنى بېكىتىپ ، مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئۆزىنىمۇ ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان قوشۇنىنىمۇ پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ ، يەنىلا بىز يامان كۈنگە قالىمىز دېگەنگە ئوخشاش گەپلەر يامراپ كەتتى .مەھمۇت مۇھىتى شېڭ شىسەينىڭ 6 - دېۋىزىيەگە ئىشلەتكەن تۈرلۈك ھىيلە - نەيرەڭلىرىنى بولۇپمۇ 6 - دېۋىزىيىنى قورالسىزلاندۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان " كونا قوراللارنى پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ ، يېڭى زامانىۋى قوراللارنى تاپشۇرۇۋېلىش " توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلمايلا قالماستىن ، بەلكى شېڭ شىسەينىڭ ئالدى بىلەن قورالسىزلاندۇرۇپ ئاندىن يۈتىۋىتىشتەك سۈيقەستىنى ئېچىپ تاشلىدى . قەشقەر خەلقى بۇنىڭغا بارىكاللا ئېيتىشتى . لېكىن شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ، چاقىرىق- تېلېگراممىلارنى كەينى- كەينىدىن ئەۋەتىشكە باشلىدى ، خەلق بىر تەرەپتىن ئەندىشە قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن قاتتىق غەزەپلەندى . ئاخىرى قەشقەر خەلقى ئۆز ئىشلىرىنى تاشلاپ كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلدى . نامايىشچىلار ئىچىدە ئىدارە جەمئىيەت ئورۇنلىرىدىكى خىزمەتچىلەر ، مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ، ھۈنەرۋەن ، كاتىپلار ھەتتا دېھقانلارمۇ بار ئىدى . نامايىشچىلار قوشۇنى ساھەلەر بويىچە رەتلىك تىزىلغان ھالدا ، ئالدىن تەييارلانغان پلاكات ۋە بايراقچىلارنى كۆتۈرۈشۈپ باش شتاب ئالدىكى چوڭ سەيناغا كېلىپ ، " مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىغا قوشۇلمايمىز ! بۇيرۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن !! ...." دەپ توۋلىشاتتى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇمباقلىرىنىڭ ساداسى ، ئوقۇغان ناخشىلىرى ، ئىدارە - جەمئىيەت خادىملىرىنىڭ شوئار سادالىرى ، ئاددىي پۇقرالارنىڭ " بىز ئۇنى بارغۇزمايمىز دەپ يىغلىغان يىغا ئاۋازلىرى سەينانى بىر ئېلىپ كۆككە كۆتۈرۈلەتتى . " يۇمىلاق شەھەر "دەپ ئاتالغان بۇ قورغانچە ھەر كۈنى سەھەردە تاڭ ئېتىشى بىلەنلا توپ - توپ بولۇپ كەلگەن كىشىلەر بىلەن لىق تولاتتى ، كىشىلەرنىڭ شوئار سادالىرى بۇ قورغانچىنى زىل - زىلىغا كەلتۈرۈۋېتەتتى . نامايىشچىلار قوشۇنى قەلئە دەرۋازىسىدىن كىرىپلا باش شتاب ئالدىغا كېلىپ ،ئۈنلۈك ۋە قايغۇلۇق ئاۋازدا مەھمۇت سىجاڭغا كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى قىلىشاتتى ، ئوقۇغۇچىلار بولسا " ئازادلىق يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قېنىمىز ..... " دېگەن مەزمۇندىكى غەزەللەرنى ئوقۇيتتى ، بۇنى ئاڭلىغان كىشىلەر قاتتىق تەسىرلىنىپ ئۈن سېلىشىپ يىغلاپ كېتەتتى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىرىدىكى لەۋھەلەر ئېگىز كۆتۈرۈلگەندە ، ئۇنىڭغا يېزىلغان " باغۋەننىڭ باغنى تاشلاپ كېتىشىنى خالىمايمىز ........" دېگەن قۇرلار كۆزگە تاشلىناتتى . ناتىقلارنىڭ ئاجايىپ بەدىئىي سۆزلەر بىلەن سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى جاراڭلايتتى . نۇتۇق ۋە شېئىر - دېكلاماتسىيىلەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى يەنىلا مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىنى توسۇشتىن ئىبارەت ئىدى ، خەلقنىڭ ئۆزىگە بولغان كۈچلۈك ئەقىدە - ئىخلاسىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ كۆزىدىن ئىختىيارسىز ياشلار تۆكۈلدى ......... مەھمۇت سىجاڭ كۆپچىلىككە " مەن ھەربىي ئادەم ، بۇ چاقىرىق ھەربىي بۇيرۇق ، شۇڭا مەن بۇيرۇققا ئەمەل قىلىشىم كېرەك ، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۆزى ھەربىي قائىدە - تۈزۈم ھەم مېنىڭ بۇرچۇم ، ۋەزىپەم . ئۈرۈمچىگە بارساممۇ پات يېقىندا قايتىپ كېلىمەن ، بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ مەندىن غەم قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق " دەيتتى .بىراق خەلق مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئۈرۈمچىگە كەتسە ھامىنى قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى پەملەپ ، ئۇنىڭ كەتمەسلىكىنى تىلەپ تېخىمۇ چىڭ تۇرۇۋالاتتى . مەھمۇت سىجاڭ خەلققە تەسەللى بېرىپ : " سىزلەرنىڭ پىكىر تەلەپلىرىڭىزلارنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلاي ، بەلكى يۇقىرى پىكىر - تەلەپلىرىڭىزلارنى قوبۇل قىلىپ قالار ، ئۇنىڭغىچە خاتىرجەملىك بىلەن كۈتۈپ تۇرغايسىزلەر دەپ كىشىلەرنى قايتۇراتتى . نامايىشچىلار يەنە تەلەپ خەتلىرىنى يېزىپ كېلىپ ، ئۇنى مەھمۇت سىجاڭغا بېرىپ بۇنى سىجاڭنىڭ يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلاتتى ، قورغانچىدا ئۈنلۈك شوئارلار توۋلىنىپ تۇراتتى . نامايىشچىلار يەنە ۋالىي مەھكىمىسىگە بېرىپ ۋالىي بىلەن كۆرۈشۈپ ، ۋالىيغا مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن خەتلەرنى سۇنۇپ ، ۋالىينىڭ ۋەدىسىنى ئالغاندىن كېيىن ، بەزىلىرى مەپە ، ھارۋىلىرى بىلەن ، بەزىلىرى ئات - ئۇلاغلىرى بىلەن ، كۆپ ساندىكىلىرى بولسا قاتار تىزىلغىنىچە پىيادە مېڭىپ يېڭىشەھەرگە باراتتى-دە ، گارنىزون قوماندانى لوبىن بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۇنىڭغا يېزىپ كەلگەن نارازىلىق خەتلىرىنى سۇنۇپ ، ئۇنىڭدىن مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئۈرۈمچىگە بارماسلىقىنى تەلەپ قىلىشاتتى ھەمدە بۇ يەردىن قايتىپ تېلېگراف ئىدارىسىگە بېرىپ ئۈرۈمچىگە نارازىلىق تېلېگراممىلىرىنى ئەۋەتىشەتتى .
بۇنداق نارازىلىق نامايىشلار قەشقەرنىڭ كونا شەھەر ، يېڭىشەھەر ، ناھىيىلىرىدە ئەۋج ئېلىپ قالماستىن ، بەلكى ئاتۇش ، پەيزىۋات ، يېڭىسار ھەتتا يەكەن ، مەكىت قاتارلىق جايلاردىمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتتى ، پۈتۈن يۇرت كىشىلىرى قوزغىلىپ يولنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ، ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي ، ئات - ئېشەك ، ھارۋىلىرى بىلەن توپ - توپ بولۇپ قەشقەر شەھىرىگە كېلەتتى ، بۇ ھەرىكەت يېرىم ئايغىچە داۋام قىلغانىدى . كونا شەھەر بىلەن يېڭى شەھەردىكى ئەمەلدارلار ئەمدىلا بىر توپ نامايىشچىلار قوشۇنىنى ئۇزىتىپ بولسا ، يەنە بىر توپى كىرىپ كېلەتتى ، ئەمەلدارلارنىڭ بۇ كۈنلەردىكى پۈتۈن ۋاقتى كەلگەن نامايىشچىلارنى كۈتۈۋېلىش ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلاش ۋە ئۇلارغا ۋەدە بېرىشلەر بىلەن ئۆتەتتى . قەشقەر شەھىرىدىن ئارقا - ئارقىدىن كەلگەن نارازىلىق تېلېگراممىلىرى ئۈرۈمچى دۇبەن مەھكىمىسى بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى قايمۇقتۇرۇپ قويدى . بۇنىڭ بىلەن دۇبەن شېڭ شىسەي چارىسىز قېلىپ ، ئاخىرى قەشقەر خەلقىگە مەھمۇت سىجاڭ ھازىرچە كەلمىسۇن دەپ جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى . گەرچە قەشقەر خەلقىنىڭ تەلەپلىرى بىر قەدەر ئىجازەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ ، لېكىن تېلېگراممىدىكى "ھازىرچە كەلمىسۇن " دېگەن جۈملە مەھمۇت سىجاڭنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى . شۇڭا خەلقنىڭ ئەندىشىسى تۈگىمىگەنىدى . بۇ ئەندىشە شۇنىڭ بىلەن يەكۈنلەندىكى ، قانخور شېڭ شىسەينىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشقا كۆزى يەتمىگەن مەھمۇت سىجاڭ ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ 1937 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ( جۈمە ) ۋەزىيەتنىڭ سىقىشى بىلەن ۋەتەندىن ئايرىلىپ چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى . بىراق كەلگۈلۈك مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرگە كەلدى ، ئۇلار ھۆكۈمەتكە ۋە ھەربىي بۇيرۇققا قارشى چىققۇچىلار دەپ قارىلىپ ئومۇميۈزلۈك جازاغا تارتىلىشقا باشلىدى . ئۇلارنىڭ بىر قىسمى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ چەت ئەلگە ماڭغان كۈنىنىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ قولغا ئېلىنىپ ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۇرما مەيدانىدا ئېتىلىپ ئۆلتۈرۈلدى ۋە تىرىك ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلدى ، كۆپ قىسمى ئىز - دېرەكسىز يوقىلىپ كەتتى . ئۇلار گەرچە فاشىستلىق تۈزۈمنىڭ ئاسارىتى ئاستىدا ئەركىنلىكى بوغۇلۇپ ، كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىپ ، بۇ دۇنيادىن ئېچىنىشلىق ۋىدالاشقان بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ ئىستىقبال سەۋداسىدا قىلغان كۈرەشلىرى تارىخىمىزدا مەڭگۈ ساقلىنىدۇ .
مەنبە " شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ژۇرنىلى ، 1997 - يىل 3 - سان .
| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 2225184399 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-16 13:14
|
|