ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن دۇنيادىكى ئاز ئۇچرايدىغان غەلىتە قوش كېزەك ...
كۆرۈش: 192|ئىنكاس: 7
go

دۇنيادىكى ئاز ئۇچرايدىغان غەلىتە قوش كېزەكلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ

توردا
58سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
245 
تېما
57 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىز ئۇزاقتىن بۇيان، قوشكېزەكلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئوخشاشلىق بولۇشتىن باشقا، ھېسسىي جەھەتتىن ۋە تەن سېزىمى جەھەتتىنمۇ ئۆز-ئارا باغلىنىشلىقى بولىدۇ دەپ ئويلاپ كەلگەنىدۇق بىراق يېقىندا بۇ قاراش توغرىسىدا مۇنازىرە پەيدا بولۇپ قالدى. دۇنيادا شۇنداق قۇش كېزەكلەر باركى ئۇلارنىڭ چىرايى قارمۇ قارشى ھالدا ئوخشىمايلا قالماستىن بەلكى مىجەز خاراكتېرىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ھەتتا نۇرغۇنلار ئىنتايىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. تۆۋەندە بىر شۇنداق بىر نەچچە يۈرۈش قوش كېزەكلەرنىڭ ھېكايىسىگە نەزەر سېلىپ باقايلى.



2012-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ماسساچوس شتاتىدىكى قوش باش ، بىر تەنلىك قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللار ‹‹ قوش باش بىر تەن›› دېگەن تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئاساسلىق نومۇر ئورۇنلاپ نام چىقارغان . ئۇلارنىڭ بېشى ، چوڭ مېڭىسى ۋە يۇلۇنى ئايرىم بىراق تىنى بىر ئىدى . ئۇلار تۇغۇلغاندا دوختۇر بۇنى ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك ،24 سائەت ئۆمۈر كۆرەلىشى ناتايىن دېگەن بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ ئاپىسىنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن بۇ ئاچا- سېڭىللاردا ھاياتى كۈچ گەۋدىلىنىپ ھازىرغىچە ياشاپ كەلمەكتە.



2012-يىلى 7- ئايدا ئامېرىكا 20 ياشلىق بىر جۈپ ئاچا-سىڭىللار مىچىل بىلەن شاكىرە ئەجەبلىنەرلىك ھالدا بىرلا ۋاقىتتا ھامىلىدار بولۇپ ، بىرلا ۋاقىتتا يەڭگىگەن. بۇ بىر جۈپ قۇش كېزەكلەر ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ ئۈچ ھەپتىدە ئارقا ئارقىدىن ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەن .مۆلچەرلەنگەن يەڭگىش كۈنىدىن ئىككى كۈن بۇرۇن سىڭلىسى مىچىل كولۇمبۇ دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تۇرغان، ئۇ بۇ چاغدا ئاچىسىنىڭ بۇ قىيىن شارائىتتا ئۇنى قوللىشىغا ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىگە موھتاج ئىدى . بىراق توساتتىن ئاچىسىمۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ بىر ئوغۇل بوۋاق يەڭگىگەن. بىر سائەتتىن كىيىن تۇغۇت ۋاقتى يەنە ئىككى كۈن كىيىن دەپ مۆلچەرلەنگەن مىچىلمۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا بىر جۈپ ئوغۇل بوۋاق يەڭگىگەن.


2012-يىلى 4- ئاي . ئەنگىلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق بىر جۈپ قوشكېزەك قىز جىن بىلەن لىم نىڭ تۇرقىدا تولىمۇ چوڭ پەرق بار بولۇپ جىننىڭ تېرىسى ئاپئاق، كۆزى كۆڭ چېچى سېرىق بولۇپ تىپىك ئاق تەنلىكنىڭ مەھسۇلى ئىدى . بىراق لىم بولسا قارا چاچلىق قوڭۇر كۆزلۈك ۋە تېرىسى قارا ئىدى . بۇنىڭدەك ئىككى خىل ئېرىققا تەۋە بولغان قوشكېزەكلەرنىڭ تۇغۇلۇش ئېھتىمالى مىليوندىن بىر ئىكەن . ئۇلارنىڭ ئاپىسى گەرچە ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ ھەيرانلىقى قوزغىسىمۇ بىراق ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى يەنە كېلىپ ئىنتايىن قىزىقارلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان . ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن :‹‹ بىر قېتىم ئۇلار بىرلا ۋاقىتتا چۈشكۈرگەنىدى مەن تولىمۇ كۈلكىلىك ھېس قىلدىم .››


بۇ ئىككى قۇش كېزەك بالا 2012-يىلى 2-ئايدا تۇغۇلغان بولۇپ ئاكىسى 1.5 كىلو ، ئىنىسى بولسا ئاران 510 گرام تۇغۇلغان . دوختۇرنىڭ دېيىشىچە ئاپىسى بەلكىم بالىلارنىڭ يېتىلىش جەريانىدا كېسەللىك ئەھۋالى نورمال بولمىغاچقا بولغاچقا يەنە بىر بالىغا تەسىر قىلىپ ياخشى يېتىلمەي قالغان بولۇشى مۇمكىن . يەنە بىر بالىنىڭ قىنى يەنە بالىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى بۇ قوش كېزەك ئاكا- ئۇكىلار ئەزەلدىن بىر بىرىدىن ئايرىلىپ باقمىغان ، بىراق ئۇلار ئەينەكنىڭ ياردىمى ئارقىلىقلا بىر بىرىنى كۆرەلەيدۇ . ئەزەلدىن بىر بىرىنى يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ كۆرۈپ باقمىغان. بۇلار ئاز كۆرۈلىدىغان بىر تۇخۇمدىن تۆرەلگەن قوش كېزەكلەر بولۇپ ئۇلارنىڭ باشلىرى تۇتاش. بىرىنىڭ ئۇدۇلىغا يەنە بىرىنىڭ كەينىگە قارىغان. سىتىفېن ۋە تەيلور ئاتلىق بۇ ئاكا ئۇكىلار زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ شۇلارنى دېگەن. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئايرىم ئايرىم ئارزۇلىرى بار بولۇپ بىرىنىڭ مۇزىكانت بىرىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇش ئارزۇسى بار ئىكەن. ئۇلار مەكتەپتە بىر نەچچە يىل تۇرغاندىن كىيىن ئۆز ئارزۇلىرى بويىچە كۈرەش قىلماقچىكەن.

ئەنگلىيەدىكى بىر جۈپ ئەر ئايال 2009-يىلى 2- ئاينىڭ 27 كۈنى بىر جۈپ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان ئىدى. بىراق 2011-يىلى يەنە ئوخشاش بىر ئاي بىر كۈندە يەنە بىر جۈپ قىز پەرزەنتلىك بولغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە بىر ئائىلىدە بىر كۈندە ئىككى جۈپ قوش كېزەكنىڭ تۇغۇلۇش ئېھتىمالى 17 مىليوندىن بىر ئىكەن. ئۇلار دۇنيا جىنس قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن.



2012-يىلى 6 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا يوقاپ كەتكەن . ساقچى تەرەپ ئىزدىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر سۇ كۆلچىكىدىن جەسىتىنى سۈزۈۋالغان . بۇ بالىنى تەخمىنەن 100 دىن ئارتۇق پىدائىي ئىزدەشكە قاتناشقان. ساقچى تەرەپمۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان چىقىرىپ ئۇنى ئىزدىگەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ئۆيىنىڭ 180 مېتىر كېلىدىغان بىر كىچىك سۇ كۆلچىكىدىن تېپىلغان . ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى ئۇنىڭ قوش كېزەك ئاكىسىمۇ يەتتە ئاي بۇرۇن يەنە بىر سۇ كۆلچىكىدە تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەنىكەن.


ئاۋسترالىيىدە مۇنداق غەلىتە ۋەقە يۈز بەرگەن . بىر ئەر دوختۇرغا ئۆزىنىڭ بېشىنىڭ بەكمۇ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ، بىراق دوختۇر ئۇنىڭ بېشىدا ھېچقانداق كېسەللىك يوق ئىكەنلىكىنى دېگەن. كىيىن بايقىلىشىچە ئۇنىڭ قوش كېزەك ئاكىسىنىڭ بېشىدا بىر ئۆسمە ئۈسۈپ قالغان بولۇپ قوش كېزەك ئاكىسىنىڭ بېشى ئاغرىسا ئۇنىڭغىمۇ تەسىر قىلغان. بۇنداق ئەھۋال ئىنتايىن كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان بولۇپ بۇ تېببىي ساھەدە تېخى يېشىلمىگەن بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا .

ئەنگلىيەلىك بىر جۈپ قوشكېزەك ئاچا سىڭىللارنىڭ بوي تۇرقى ئىنتايىن ئوخشىشىپلا قالماستىن بەلكى ئىمتىھان نەتىجىسى خىزمەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ بەكمۇ ئوخشايدىكەن. بۇ بىر جۈپ ساھىبجامال قوشماقلارنىڭ ئىسمى مېر ۋە خالى بولۇپ ئۇلار ئوخشاشلا ئەلا نەتىجە بىلەن بىرلىكتە ئەنگلىيە سانتىياگو قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن. شۇنداق بولمايلا قالماي ئۇلار يەنە بىرلا ۋاقىتتا بىرلا ئادۋوكاتلار ئورنىغا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇلار خۇشاللىقتىن ھامان ئورتاق بەھرىلەنگەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئۇلار بىر بىرى بىلەن بەكمۇ بەسلىشىدىكەن .ھامان قارشى تەرەپتىن ئۆتۈپ كەتسەم دەپ ئويلايدىكەن. بىراق يەنە ئۆز ئارا رىغبەتلەندۈرۈشىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلارنى ھامان ئورتاق نەتىجىگە ئىگە قىلىدىكەن.



2012-يىلى 3- ئايدا ئامېرىكىدىكى 73 ياشلىق قوش كېزەكلەر بىرلا ۋاقىتتا ئالەمدىن ئۆتكەن. ساقچى تەرەپنىڭ ئىگىلىشىچە ئۇلار بىر ئۆمۈر سىرت بىلەن ئالاقە قىلمىغانلىقى ئۇلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىنكەن. ئۇلارنىڭ ئىسمى پاترىشا ۋە جىيەن بولۇپ بىر ئۆمۈر بىر بىرىگە تايىنىپ ياشىغانىكەن. ئەزەلدىن توي قىلمىغان، ئۇلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويغان. كىيىن فىلورىدا شتاتىدىكى چوڭ كۆلنىڭ بويىدىكى تۇرالغۇسىغا بېرىپ مەخپىي ياشىغان. كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا ھېچقانداق قان ئىزى ، ياكى ئۇرۇشقان ياكى ئۆلۈۋالغاندەك ئىزنالار كۆرۈلمىگەن. ساقچى تەرەپنىڭ دەلىللىشىچە باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز شۇنچە ئۇزاق ياشىغان بۇ قوش كېزەكلەرنىڭ بىرى ئۆلۈپ كەتكەندە يەنە بىرىمۇ بەلكىم ئۇنىڭدىن كېيىنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنكەن.

مەنبە : http://www.nur.cn/news/2012/08/78913.shtml


Rank: 8Rank: 8

توردا
444سائەت 
نادىر تېما
دوست
28 
يازما
628 
تېما
18 

تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇف،توۋا دۇنيادا ئاجايىپ ئىشلار يۈز بېرىدۇ ھە!!!
ئوينىۋال جاھاندا بىركۈن بولسىمۇ دىگىنىڭ يوقال!
ئالو ..پالو دىيىشىپ ئۇيغۇرنى بۇزغىنىڭ يوقال!

توردا
111سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
1098 
تېما
16 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توۋا خۇدايىم ساقلىسۇن

توردا
193سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
1233 
تېما
28 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەممە قادىر شۇ ئاللاھ ... ئاڭلىمغان خەۋەر ئىكەن . تىمىڭىزىغا رەھمەت . يەنە بولسا يوللاپ تۇرۇڭ .

توردا
55سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
289 
تېما
32 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
72سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
75 
تېما
12 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاجايىپ رەسىملەكەن ، ئاللاھ ساقلىسۇن

توردا
230سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
955 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش oho0995 نىڭ يازمىسى

قوش كىزەك بوپ قېلىشتىنمۇ؟

توردا
230سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
955 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن كۆرۇپ بوپتىكەنمە يەنە بىر كۆرگنىمدىن خۇشالمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-8-19 01:11

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.