ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ھىكايە،رومان،پوۋىستلار بەختىمنىڭ سەۋەبچىسى قېينانام
كۆرۈش: 145|ئىنكاس: 7
go

بەختىمنىڭ سەۋەبچىسى قېينانام

توردا
1134سائەت 
نادىر تېما
دوست
118 
يازما
6334 
تېما
587 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

(ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كېلىننىڭ ھېكايىسى )

ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆيىمىزگە يېقىن يەردىكى بىر فابرىكىدا ئىشلەشكە باشلىدىم.ئىشداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى خوتۇن-قىزلار ئىدى.ئىشىمىزمۇ ئاسانئىدى،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىش ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلاتتى.

ئون سەككىز يېشىمدا ھازىرقى ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كىردىم،قېينانام بى قاراشتا تولىمۇ سىرلىق،ئىچىمدىكىنى تاپ دەيدىغانلارغا ئوخشاپ كېتەتتى،مەھەللىدە نۇرغۇن ئاياللار ئۇنىڭدىن ھېيقاتتى،مەنمۇ دەسلىپىدە سەل قورۇنۇپ يۈردۈم،كېيىن قېينانامنىڭ ئاقىل،مىھىربان ئىكەنلىكىنى بىلدىم.قېينانام بىرەر يەردە ئىشلىمىگەن ئىكەن،بەلكى شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك.ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغىنىمىزدا ھەممىمىزگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرەتتى،خۇدددى ئىشلىگەنلەرگە ھەۋەس قىلغاندەك قىلاتتى.

تېز ئارىدا قېينانام بىلەن ناھايىتى ئىناق بولۇپ كەتتۇق،ئانا-بالا،ھەدە-سىڭىلدەك بولۇشۇپ كەتتۇق،قانداقلا ئىش بولسا بىرگە قىلاتتۇق.كىيىمنىمۇ بىر خىل كىيىشكە تىرىشاتتۇق،ئۆزۈمچە مەندە بەخىتلىك ئادەم يوق ئىدى،ئۆز ئانام ۋە ئاتاممۇ مېنىڭدىن خاتىرجەم ئىدى.

لېكىن.........بەزىدە بەختىم ئۇزاققا سوزۇلمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى.سەۋەبى....ئارىدىن ئۈچ-تۆت يىل ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي،تېخى پەرزەنتىلىك بولمىغان ئىدۇق،سېزىپ تۇراتتىم،قېينانام مېنىڭدىنمۇ ئارتۇق بىئارام بولۇپ تۇراتتى.نەۋرە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى.ئەمما ئۇمۇ خۇددى ئوغلىغا ئوخشاش ئىچىدىكى بۇ تۇيغۇلىرىنى ماڭا سەزدۈرمەسلىككە تىرىشاتتى.يىللار ئۆتكەنسېرى ئىچىم تېخىمۇ تىت-تىت بولاتتى.كۆپ ھاللاردا ھېچكىمگە سەزدۈرمەي يىغلاپمۇ ئالاتتىم،ئەنە شۇنداق ۋاقىتلاردا قېينانام چىرايىمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ قالسا،كايىپ كېتەتتى.

-نېمىشقا ئۆزىڭىزنى قىينايسىز؟دوختۇرلارنىڭ گېپىگە قارىغاندا ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەسلىك كېرەك ئىكەن.بۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن بالىلىق بولۇپ كەتسىڭىز ئەجەپ ئەمەس.شۈكۈر قىلىڭ،ياخشى ئېرىڭىز بار،ياخشى ئىش ئورنىڭىز بار،بۇ ھەم كاتتا دۆلەت بالام،ئويلاۋېرىپ ئۆزىڭىزنى كېسەل قىلىۋالماڭ...

قېينانامنىڭ بۇ گەپلىرى ماڭا تەسەللىي بولاتتى،بىراق بالا ئائىلىنى باغلاپ تۇرىدىغان زەنجىر دەپ بىكارغا ئېيتمىغان ئىكەن.ئەنە شۇ ئەڭ مۇھىم زەنجىرنىڭ ئائىلىمىزدە كەمتۈكلۈكى بىلىنىپ تۇراتتى.چۈنكى بۇ ئائىلىدە مەن يالغۇز كېلىن ئەمەستىم.

بىزنىڭ تويىمىزدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن قېينئىنىمنىڭ تويىنى قىلىدۇق،بىر يىل ئۆتمەي يەڭگەمنىڭ ئانىسى ئوغۇل نەۋرىسىگە بۆشۈك ياساپ ئېلىپ كەلدى،بۆشۈك تويىدا ئالدىراپ خىزمەت قىلىۋاتىمەنۇ،نەزىرىمدە ھەممىسى ماڭا قاراۋاتقاندەك قىلاتتى.ئۆزۈمدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئۆزۈم بىلىمەن.ئۇلار (خۇدايىم سىزگىمۇ ھەم پەرزەنت ئاتا قىلسۇن)دېگەن تىلەكلىرى.(پالانى يەردە بىر ياخشى دوختۇر بار ئىكەن.پالانچى ئون يىلدىن كېيىن تۇغۇپتۇ)دېگەن گەپلىرى يۈرىكىمگە تىكەندەك سانجىلاتتى.

كەيپياتىم بارا-بارا ئۆزگىرىپ ئىلىگىرىكى خۇشال،كۆڭلى توق كېلىنگە ئوخشىماي قالدىم.رەڭگىم سولۇپ،ئورۇقلاشقا باشلىدىم.قېينىنىمنىڭ چىرايلىق چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىنى ئوينىتىۋاتقىنىمدا ئۇنىڭ تاتلىق قلىقلىرىغا مەھلىيا بولۇپ،ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ يايراپ كېتەتتىم،لېكىن بۇ خۇشاللىقىم بىردەمدىلا غايىپ بولاتتى،قېيناناملار مېنىڭ خۇشاللىقمنى كۆرۈپ خۇرسەن بولۇشىسا،مەن ئۇلار ماڭا ئېچىنۋاتىدۇ دەپ ئويلاتتىم.

قېينانامنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىككى-ئۈچ يىلدىن بېرى داۋالىنىپ كېلىۋاتاتتىم،گەرچە مېنى داۋالىغان دوختۇرلار داڭلىق دوختۇرلار بولسىمۇ،لېكى بۇ داۋالاشنىڭ نەتىجىسى چىقمايۋاتاتتى،ئېرىممۇ قېيناناممۇ ماڭا تەسەللىي بېرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ،بىر كۈن ئەمەس بىر كۈنى ئۇلانرىڭ سەۋرى تاقىتىنىڭ ھامان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ قالاتتم. ئاخىرى شۇنداق بولدى.

ئالتە يىل بولغاندا ،بىر كۈنى ئېرىم ئۆيگە قاتتىق مەست بولۇپ قايتىپ كەلدى.ئىلىگىرى بۇنداق ئەھۋال زادىلا يۈز بەرمىگەن ئىدى،شۇڭا نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.قېينانام كېلىپ ياردەملەشتى،بىر ئامال قىلىپ ئېرىمنى ياتقۇزۇپ قويدۇق.

-قەيەردە بۇنداق بولۇپ كەلگەندۇ بۇ يۈزسىز-دېدى قېينانام.ئارىلاپ-ئارىلاپ،شۇنداقتىمۇ ئۇ ئائاخىرى ئۇخلاپ قالدى،

بۇنىڭدىن ئۈچ-تۆت كۈن بۇرۇن بىر دوستىنىڭ ئۇنى ئوغۇل تويىغا چىللاپ كەلگىنى ئېسىمگە چۈشتى.شۇ يەردە دوستلىرى ئارىسىدا بېشىنى كۆتۈرەلمەي ئولتۇرغان بولسا كېرەك .شۇ ئەلەم بىلەن ئىچكەندۇر،-دەپ ئويلىدىم ئۆزۈمچە.

تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقمىدىم،ئېرىممۇ بىئارام بولۇپ چىقتى،نېمە ئۈچۈن تۇيمايسەن دەپ تەنە قىلسىمۇ بۇنچىلىك قىينالماستىم،شۇنىڭ بىلەن تاڭغىچە يىغلاپ چىقىتىم.تاڭغا يېقىن ئېرىم بىردىنلا جىمىپ كەتتى،قاراپ باقاي دەپ كىرسەم بېشى يەردە يېتىپتۇ،ياستۇقى نېرىدا سۈرۈلۈپ كېتىپتۇ،ياستۇقنى قويۇپ بېرەپ دەپ تۇتقىنىمنى بىلىمەن،شۇئان سەزدىمكى،ياستۇق ھۆل ئىدى.دېمەك ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش يىغلاپتۇ.بۇنىڭ بىلەن كۆكسۈمگە بىراۋ خەنجەر سانجىغاندەك بولدى.

قېين يەڭگەمنىڭ يەنە ئاي،يېقىنلاپ قالغان ئىدى،ئەگەر كۆزى يورۇپ قالسا يەنە مېنىڭ يارام ئېچىللىشقا باشلايدۇ،ئەمدى بۇنىڭغا چىدىيالمايمەن.ھېچكىمگە بىلدۈرمەي كېتىشىم كېرەك.ئاستىلا كېتىشىم كېرەك،شۇنداق قىلىپ مەن كەتمەكچى بولدۇم،نەگە بېرىشىمنى،نېمە قىلىشىمنى بىلمەيمەن. ئەمما قەتئىي قارارغا كەلگەن ئىدىم.قەيەردىن كۈچ پەيدا بولدىكى بىلمەيمەن،گېلىمغا ئاللىقانداق بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ،كىيىملىرىمنى كىيدىم،چىراغنى ياندۇرمايلا تاڭنىڭ خىرە-شىرە يورۇقىدا ئالتە يىل ياشىغا ئۆيۈمنى كۆزدىن بىر قۇر كەچۈردۈم-دە،ئاستا بوسۇغىدن ئۆتتۈم،دەرۋازىنىڭ قولۇپىنى ئاستا ئېچىۋاتقىنىمدا بىراۋ كېلىپ قولۇمنى تۇتتى، قارىسام قېينانام ئىكەن.بېشىمۇ،پۇتىمۇ يالاڭ قېينانام ئالدىمدا تۇراتتى.ئۆزۈمنى زادى تۇتۇۋالالمىدىم،قېينانامنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى تاشلاپ ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ يىغلىدىم.

-ئانا،رازى بولۇڭ،ئوغلىڭىزنىڭ ئۆمرى بۇنداق ئۆتۈپ كەتمىسۇن،سىزمۇ قېينىلىپ كەتتىڭىز.

ئەلەمدىن ئۆرتىنىپ كۆپ گەپلەرنى قىلدىم،لېكىن ھەممىسىنىڭ مەزمۇنى يۇقىرىدىكى سۆزلەرگە مۇجەسسەملەنگەن ئىدى،قېينانام ئۈندىمىدى.

شۇ كۈنى قېينانام مېنى قۇچاقلاپ ئۆز خانىسىغا ئېلىپ كىرىدى.ئىش ۋاقتى بولغىچە ماڭا تەسەللىي بېرىپ ئولتۇردى.ئالتە بالىنى چوڭ قىلغانلىقىنى،بىرەر ئورۇندا ئىشلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ كىرىلنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ يۇيۇپ بەرگەنلىكىنى،شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرۇغن قېينچىلىقلارنى سۆزلەپ بەردى.بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا مېنىڭ تەشۋىشمنىڭ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى،خۇدادىن ئەمىد كۆپلۈكىنى ئېيتتى.ئاينىڭ ئون بەزى قاراڭغۇ بولسا،ئون بەزى يورۇق بولىدۇ دېگەننى چۈشەندۈردى.

ئېرىم ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن ئۈچىمىز بىرگە ناشتا قىلدۇق،ئېرىم نە ماڭا،نە ئانىسىغا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىيالمايتتى،مەنمۇ خۇددى شۇنداق ھالەتتە ئىدىم.قېينانام چاي قۇيدى،بەلكىم بىز چاينى ئەمەس،چاي بىزنى ئىچتى...

شۇ كۈنى كېچىسى يەڭگەمنىڭ كۆزى يورىدى،بىر ئوغۇل،بىر قىز جۈپ پەرزەنت كۆردى.مەن قېينانامنى مۇبارەكلەپ كىرسەم،ئۇ مېنى باغرىغا بېسىپ يىغلىدى.بۇ مېنىڭ قېينانامنىڭ كۆز يېشىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى.

بۇنىڭدىن كېيىن ئىش كۆپ بولىدۇ بالام،ئەگەر رۇخسەت قىلشىسا ئىشتىن ۋاقىتلىق توختىۋېلىڭ،ھەدە-سىڭىللىق دېگەن مۇشۇنداق چاغدا بىلىنىدۇ،يەڭگىڭىزنىڭ قىرىقى توشقىچە يېنىدا بولغىنىمىز ياخشى.

قېينانامنىڭ دېگىنىچە قىلدىم.يەڭگەم تۇغۇتخانىدىن چىقىدىغان كۈندىن بىر كۈن بۇرۇن قېينانام ئۆيۈمنى سەرەمجانلاشتۇرۇشۇمنى،شۇ ئۆيگە جاي ھازىرلىشىمنى ئېيتتى،ھەيران بولدۇميۇ،ئەمما دېگىنىنى قىلدىم،ئۇنىڭ ئويلىغانلىرى باشقا ئىكەن.

يەڭگەم بىلەن بوۋاق ئۆيگە ئېلىپ كېلىنگەندىن مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئىشكى ئالدىغا پايانداز سېلىنىدى،بوۋاق بىرىنچى بولۇپ مېنىڭ ئۆيۈمگە ئېلىپ كىرىلىدى،ھەم خۇشاللانغان،ھەم خورلۇقۇم كەلگەن ھالدا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئۇلارغا خىزمەت قىلىدىم،كەچتە قېينانام ۋە يەڭگەمنىڭ ئانسى مەن بىلەن ئېرىم ئۈچۈن زور بىر خۇشخەۋەرنى ئېيتىشتى،ئوغۇل بىزنىڭ بولارمىش،ئۇنى بىز تەربىيلەيدىكەنمىز.

مەن قۇلاقلىرىمىغا ئىشەنمەي قالدىم،قېينانام ئۇزاق سۆزلىدى،يەڭگەمنىڭ ئانىسىمۇ يىغلاپ تۇرۇپ دۇئا قىلدى.

-قۇدامنىڭ كېلىنگە بولغان مېھرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ،(ياق)دېيىشىم ئىنساپتىن ئەمەس،بىر قىزىم ئىككى بولدى،ئەمدى سىلەر يەڭگە ئەمەس،بەلكى قىيامەتلىك ئىگىچى-سىڭىل بولدۇڭلار.

مەن يەڭگەم بىلەن قۇچاقلاشتىم،ئېرىم بىلەن ئىنسىمۇ شۇنداق قۇچاقلاشتى،دېمەك قېينانام بۇنى بۇرۇنلا ئويلىغان ئىكەن،يەڭگەمنىمۇ بۇنىڭغا كۆندۈرگەن ئىكەن.
شۇ كۈنى كېچىسى بوۋاقنىڭ يېنىدا ئۇخلىماي چىقتىم،بۇ چۈشۈممۇ ياكى ئوڭۇممۇ دەپ ئويلىدىم.

شۇنداق قىلىپ بىز بالىلىق بولدۇق،پەقەت بوۋاقنىڭ قورسىقى ئاچقاندىلا يەڭگەم ئۇنى ئېمىتىپ بېرەتتى،قالغان چاغلاردا ئۇنىڭ ھالىدىن قېينانام بىلەن مەن خەۋەر ئالاتتۇق،بالىمىز ئىككى ياشقا توشقاندىن كېيىن مەن يەنە ئىشقا چۈشۈپ كەتتىم.

ئېيتىسام بەلكىم ئىشەنمەسىسىز، تۇرۇپ-تۇرۇپ بۇ بەخىتىمگە ئۆزۈممۇ ئىشەنمەيمەن،بۇ راستمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن،مېھر مېھىرنى ئويغىتىدۇ دېگەن گەپ راستمۇ ياكى دوختۇرلارنىڭ داۋاسى تەسى قىلدىمۇ،ئوغلۇمنى ئەركىلىتىپ،قىلقلىرىدىن سۆيۈنۈپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە خۇشاللىقمىغا يەنە خۇشاللىق قوشۇلدى،مەن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي ئانا بولۇپ قالغانلىقىمنى مەن ھامىلىدار بولغان ئىكەنمەن،بۇ خەۋەر ئالدى بىلەن قېينانامغا ئېيتتىم،قېينانام سۆيۈنگەنلىكىدىن كۆزلىرىگە ياش ئالدى.

مېنىڭ بارلىق بەختىمنىڭ سەۋەبچىسى مانا شۇ قېينانا-ياق،ھەقىقىي ئانام،ھازىر ئىككى ئوغلۇم،ئىككى قىزىم بار،تۇنجى ئوغلىمىز ئون ئۈچ ياشتا،ئەگەر مەن كەتمەكچى بولغان كېچىسى قېينانام مېنى تۇتۇپ قالمىغان ،يەڭگەم ئالىيجاناپ بولمىغان،كەمتۈك كۆڭلۈمنى ۋە باغرىمنى تولدۇرمىغان بولسا شۇ بالىلىرىم،شۇ بەخىتىممۇ بولماس ئىدى.

گەرچە نامىمىزنى يوشۇرغان بولساممۇ قېرىنداشلىرىمىز،قولۇم-قوشنىلىرىمىز بۇنىڭ راستىلىقىنى بىلىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم بۇ ساددا،لېكىن ئۇلۇغ ئايالغا بىر ئۆمۈر تەزىم قىلىشقا تەييارمەن.

مەنبە؛روھىم پاكلىقى

Rank: 8Rank: 8

توردا
1022سائەت 
نادىر تېما
دوست
91 
يازما
5760 
تېما
881 

تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تىمىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ئادەمىنىڭ قەلىبى تىتىرتىدىكەن . ئەلۋەتتە ئانا دېگەن ئاشۇنداق ئۇلۇغ مەيلى ئۇ قىيىن ئانا بولسۇن ۋەياكى ئۆز ئانىڭىز بولسۇن . ئۇ ئانىنىڭ قەلىبى شۇنچىلىك كەڭىرى . شۇنچىلىك ئۇلۇغكى . ئۇنى تىل بىلەن ئىپادىلەش مومكىن ئەمەس ...................... قەلمىڭىزگە رەھمەت . بەك ئېسل تىما يوللاپىسز .

توردا
364سائەت 
نادىر تېما
دوست
28 
يازما
759 
تېما
54 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يازمىنى ئوقۇپ بولغۇچە كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىدى، بىزنىڭ جەمەت ئىچىدىكى بىر ئىشمۇ منى ھەيران قالدۇرىدۇ، يىراق بىر تۇققىنىمىز بولىدىغان، توي قىلىپ 6 يىلغىچە قورساق كۆتۈرمەي ئاخىرى ئاجراشتى، كىيىن ئۇ قىزمۇ باشقا يىگىتكە ياتلىق بولدى، يىگىتمۇ ھەم شۇنداق. يىگىتمۇ تويدىن كىيىنكى يىلىلا بالىلىق بولدى، ھىلىقى 6 يىل قورساق كۆتۈرمىگەن قىزمۇ كىيىن قورساق كۆتۈردى، خەقلەر ئىشەنمەي قورسىقىغا بىر نىمە تىقىۋاپتۇ دىيىشكەنمۇ بولدى، ئەمما قورساق بارغانسىررى يوغىنىغاندا ئاندىن توۋا دەپ ياقا چىشلەشتى.....


ئەگەر بۇ قىزنىڭ قىيىن ئانىسى ئۇنىڭغا بۇنداق ئۆز ئانىسىدەك مۇئامىلە قىلمىغان بولسا بۇ قىز نىم بوپ كىتەر بولغىيىتى؟

توردا
98سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
537 
تېما
220 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنداق قېينانىلار بەكمۇ ئاز ھازىر،يوق دېسەكمۇ بولىدۇ،قېينانىنىڭمۇ قىزى بولىدۇ كېلىننىڭ ئىززىتىنى قانداق قىلسا خەخمۇ قىزىنىڭ ئىززىتىنى شۇنداق قىلىدۇ،ئۆتنە جاھان ئەمەسمۇ بۇ

توردا
159سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
1034 
تېما
20 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئائىلىڭىزىگە كۆز تەگىمىسۇن .......... تېخمۇ بەختىلىك بولۇڭ . شۇ ئەىزىز .ئانىڭىزنىڭ ئۆمۈرى ئۇزۇن بولسۇن ،...

توردا
535سائەت 
نادىر تېما
دوست
80 
يازما
1283 
تېما
124 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بۇنداق ئىشلارنى كۆپ ئاڭلىغان، 5-10 يىل بالىلىق بولالمىغان قىز-يىگىتلەر بالىدىن بىرنى بىقىۋالسا ،ئۇنىڭغا ئۆز بالىسىدەك مىھرىنى بىرىپ چوڭ قىلسا پات ئارىغا قالماي ئاللا بۇنىڭ مۇكاپاتىنى پەرزەنىت ئارقىلىق مۇكاپاتلايدىكەن . ئاللا ھەممىمىزگە ئىمانلىق ،ئىنساپلىق پەرزەنىت ئاتا قىلىسۇن.............

توردا
353سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
1605 
تېما
110 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەزى قىينئانىلار كىچىك ئىشنى دەپمۇ ئوينى بۇزىۋىتىدۇ.بالىسى بار بولسىمۇ شۇ كىلىننىڭ يىشىغا قارماي بالىنى يىتىم قىلىدۇ.ئۇلارنىڭمۇ قىزى بار شۇنى ئويلىمامدىغاندۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
578سائەت 
نادىر تېما
12 
دوست
55 
يازما
1720 
تېما
482 

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەش قول ئوخشاش بولمىغىنىدەك قېينى ئانىلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.قېينى ئانا بىلەن ، كىلىنلەر ئوتتۇرسىدىكى ئازارچىلىق ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ھەمىمىز ئاڭلاپ تۇرۇمىز ھەتتا ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈمىز.
سېنىڭ ئۆيۈڭگە خەقنىڭ بىر قىزى كىلىن بولۇپ كەلدىمۇ، دىمەك ئۇ سېنىڭ ئۆز قىزىڭ دىگەن گەپ.قېينى ئانا- قېينى ئاتا شۇنداق قارىشى كېرەك.چۈنكى سېنىڭمۇ قىزىڭ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىلىن بولۇپ بارىدۇ ئەمەسمۇ؟بۇ تېمىدا تەرىپلەنگەندەك قېينى ئانىلارمۇ بار.كىلىنى بىلەن شۇنداق ئىناق، ئىجىل. بۇنىڭدىن ئەكسىچە بىرە ئېغىز گەپ ئارتۇق كەتسە ياكى بىرەر سەۋەنلىك سادىر قىلىپ قالسائۇنى كىلىننىڭ چوققىسىغا قويۇپ بېزار قىلىپ بىر ئوبدان ئۆينى بۇزۇدىغان قېينى ئانىلارمۇ بار.ھازىرغۇ كىلىنلەر توي قىلىپلا ئايرىم ئۆي تۇتىمەن دەيدىكەن.بەلكىم ئەشۇنداق قېينى ئانىلاردىن بىزار بولۇپ شۇنداق قىلىدىغاندۇ.ئەمما مەن قارىسام كىلىنلەرمۇ مىنى باشقۇرۇدىغان ئادەم بولمىسا ئۆز ئۆيۈمدەئۆزەم نىمىنى خالىسام شۇنى قىلسام،تاشلىغىنىم تاشلىغان يەردە تۇرۇۋەسە،ھەپتىدە ياكى نەچچە كۈندە بىر ئۆينى يىغىشتۇرۇپ قويسام......دەپ ئۆي ئايرىپ كېتىشكە ئالدىرايدىغان ئوخشايدۇ.(كۆپ ساندىكى كىلىنلەر ئۆز ئۆيىنىڭ ، ئېرىنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىش بىلەن بىرگە قېيىنى ئاتا- قېينى ئانسىنى پات- پات يوقلاپ، خەۋەر ئىلىپ تۇرۇدۇ) .بۇ تېمىدىكىدەك كېلىنلەرمۇ نۇرغۇن.سىز مەيلى ئوغۇل، مەيلى قىز بولۇڭ توي قىلغاندىن كېيىن ئۆز ئاتا- ئانىڭىزنى قەدىرلىگەندەك قېينى ئاتا- قېينى ئاتىڭىزنىمۇ شۇنداق قەدىرلەڭ.كەمتەر بولۇڭ،ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىززىتىنى قىلغىنىڭىز ئەلۋەتتە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-7-21 14:09

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.