ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە بولغان، دۇتار ناخشىلىرى بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسى «دۇتارىم» يېقىندا بازارغا سېلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ «دۇتارىم» ناملىق پىلاستىنكىسى جەمئىي توققۇز قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مۇقام، خەلق ناخشىلىرى ۋە ئىجادىي ناخشىلار كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.
ئىگىلىنشىىچە، پىلاستىكىنىڭ تارقىتىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 29-ئىيۇن ئۈرۈمچى تۇمارىس رېستورانىنىڭ چوڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ئابدۇرىھىم ھىيىت توغرىسىدا:
ئابدۇرىھىم ھېيىت 1962-يىلى قەشقەر شەھىرىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلدە تۇغۇلغان. بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ دۇتتار،راۋاپ چېلىشقا قىزىقىپ 13يېشىدا، مەھەللىسىدە «بالا سازەندە»دەپ نام ئالغان .
ئابدۇرىھىم ھېيىت1977-يىلى 1979-يىلغىچە،قەشقەر شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇلۇقسىز سىنپىنى تاماملاپ ،نەزەرباغ يېزىسىغا قايتا تەربىيگە چۈشكەن. مۇشۇ مەزگىلدە، قەشقەر شەھىرىدىكى بىر قىسىم زىيالىلار، ئۇقۇتقۇچىلار، ھۈنەرۋەن -كاسىپلار ئۇنىڭ دۇتارىنى ئاڭلاش ئۈچۈن نەزەرباغقا چىقىپ تۇرغان . ئۇنىڭ دۇتتار چېلىشتىكى ماھارىتىگە،خەلىق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىشتىكى تالانتىغا قايىل بولغان قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپى رەھبەرلىرى ،ئۇنى مەكتەپنىڭ ناخشا كەسپىگە قۇبۇل قىلغان .
1982-يىلى قەشقەر سەنئەت مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغاندا، جۇڭگو مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئىمتىھانىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ،مەركىزى مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىغا قۇبۇل قىلىنغان.
ئابدۇرېھىم ھېيىت 1988-يىلدىن باشلاپ مۇزىكا ئىجادىيىتى يولىغا قەدەم قويغان بولۇپ، « چىللاڭ خۇرىزىم »، «ئۇچراشقاندا» « ئانا ئەللىيى »، « ئۇيغۇر گۈزىلىگە»، « ئاھ ئاتىلار »« مەن ئاق بايراق ئەمەس»« سەن يوق » قاتارلىق ئىجادىي ناخشىلىرى خەلق تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. |