ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مۇھەببەت لىرىكىلىرى ئايال كىم ؟. ئەرچۇ ؟
كۆرۈش: 80|ئىنكاس: 0
go

ئايال كىم ؟. ئەرچۇ ؟

توردا
3سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇنىڭ ئىسمى ۋە مىجەزى ئايال ،ئۇنىڭ بەختى ئاشۇ ئىقلىمىنى ئاسراشنى بىلىشتە . دۇنياغا ئايال بۇلۇپ كېلىپ ،ئايالدەك ياشاپ ئۆتۈشىدە ! تەن-جېنى ساق بولسا ،ئوت ياقىدىغان ئۆز ئوچىقى ، بېشىدىن يىراق كەتمەيدىغان ،ئۆز باشپاناھى ،بىر كەمپۈت بولسىمۇ ،ئۇنىڭغا ئىلىنىپ، . ئۇنىڭغا ئىنتىلىپ ئىشىكتىن كىرىپ كېلىدىغان ئەركىكى ،قىزىدۇر ،ئوغلىدۇر،ياقىسىغا چىرمىشىپ تۇرىدىغان بىر جان پارچىسى بار بولسا ،بولدى. ئايالىنىڭ ۋۇجۇدىنى تولدۇرۇپ،تىندۇرۇپ تۇرىدىغان بەختى شۇ ! ياراتقۇچى ھەر بىر ئايالغا شۇنداق ياشاپ ئۆتۈش ئىمكانىنى بەرسۇن !
ئايال ئايال ئەمەس ، روزغار دېگەن غار ئچىدە ،ئائىلە ئاتالغان بوران - چاپقۇنلۇق ،يامغۇر-يېشىلىق پەسىل ئىچىدە ھەمىشە تىترەپ تۇرىدىغان ،شۇنداقتىمۇ مۇئەتتەر ھىدلىرىنى چېچىۋېرىدىغان،تۆت تەرەپكە ئېگىلىپ، پۈكۈلۈېرىدىغان ، ئەمما نېمىشقىدۇ سولمايدىغان بىر گۈلدۇر ! ھەرگىز " كېرەك ئەمەسسەن" دەپ سالماڭ ئۇنىڭغا! "كىم ئىدىڭ سەن!" دھپ سالماڭ! قىلدەك قەددى نىھالى بىلەن قەدىمىڭىزدە چىمەن يېيىپ تۇرۇپتۇ ،بىپىسەنتىلىك بىلەن تاپىنىڭىز بىلەن ئېزىپ قويماڭ ئۇنى ! سىزنىڭ خاتالارغا تولغان شۇ تۇرۇشىڭىزدىن بەخت كۈيىنى يارىتىمەن دەپ قېشىڭىزغا كەلدى.ئۇنىڭ ياڭراق تارىلىرىنى ئۈزۈپ قويماڭ يەنە ! "مەن چىرايلىق ئەمەس ،بېگىم "دېسە ،يالغاندىن بولسىمۇ ،" ئۇنداق دېمە ،ئاي سەن ،ئايىمسەن " دەڭ ! ”سىزنى رازى قىلالمايۋاتىمەن "دوپ پۇچىلانسا ،"ياق ،ئاۋۋال مەن سەن رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلاي "دەپ پىدائىي كۆرسىتىڭ ئۆزىڭىزنى !ئۇنىڭ دۇنياغا سىغماس بەختى شۇ !ئۇنىڭ سىزدىن سوراپ تۇرغىنى شۇلا،خالاس!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-7-7 09:04

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.