ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ئابدۇقادىر داموللام
كۆرۈش: 108|ئىنكاس: 7
go

ئابدۇقادىر داموللام  

توردا
329سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1693 
تېما
60 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىتتىپاق ئەزا شەرەپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش








ئابدۇقادىر داموللام ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان مەشھۇر ئىسلام ئالىمى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى. خەلقپەرۋەر، مەرىپەتچى شائىر ئابدۇقادىر داموللا 1862-يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ،1924-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن . ئابدۇقادىر داموللا بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىنى ئۆز يۇرتىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈپ ، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ۋە بۇخارا مەدرىسىلىرىدە ئۇزاق مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلغان . ئىلىم – پەن بىلەن خەلقنى ئاقارتىش ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش شۇئارى ئاستىدا بارلىق ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى مىللىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش ، يېڭىچە ئىلىم – پەن ۋھ مەدەنىيەتنى گۈللەندۇرۈشكە سەرپ قىلىپ ، «ئاممىغا نەسىھەت»،«زۆرۈر ئەقىدىلەر»، «گۆدەكلەرگە تەلىم»، «ھەقىقەت جەۋھىرى»، «ئەدەبىياتنىڭ ئاچقۇچى»، «ئىلمىي ھېساپ» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋە ئىلغار دېموكراتىك خاھىش سىڭدۈرۈلگەن يۇقىرى سەۋىيىلىك شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان .
يېتىملارنىڭ غەمگۈزارى
سوغۇق راسا ئەۋجىگە چىققان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ، ئابدۇقادىر داموللام ھاممام كوچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ، ھاممامنىڭ (مونچا) ئوچىقى ئەتراپىدا كۈلگە كۆمۈلۈپ ياتقان بىر توپ سەرگەردان بالىلارنى كۆرۈپ قالىدۇ . بۇ بالىلارنىڭ باش – كۆزلىرى كۈل بىلەن بۇلغىنىپ قاپقارا بولۇپ كەتكەن ، ئۆسۈپ – چىگىشلىشىپ كەتكەن چاچلىرى گەدىنىگە چۈشكەن ، يېلىڭ – يىرتىق كىيىملىرىدىن قورايدەك ئورۇق بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ قالغان بولۇپ ، ئۇلار كۈندۈزى ناۋايخانا ۋە ئاشپۇزۇللارنىڭ ئالدىدا تىلەمچىلىك بىلەن قورسىقىنى تويغۇزغاندىن كېيىن ، ئاخشىمى سوغۇقتىن پاناھلىنىش ئۈچۈن مۇشۇ يەردە تۈنەيتتى .
كۆزلىرى قۇمچاقتەك ئويناپ تۇرىدىغان بۇ ئىگە – چاقىسىز نارەسىدىلەرنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ، يۈرەك – باغرى ئېزىلگەن داموللام : _ جېنىم بالىلىرىم ، قەشقەردەك بىر چوڭ شەھەردە ھالىڭلار مۇشۇ كۈنگە قالدىمۇ ؟ يۈرۈڭلار ، مەن سىلەرنىڭ قورسىقىڭلارنى تويغۇزۇپ ، مۇزلىغان بەدىنىڭلارنى ئىسسىتاي ! _ دەپ ، بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ئەكىتىدۇ . ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئايالى نائىلە خېنىم يېتىم بالىلارنى بۇ ھالدا كۆرۈپ ، كۆز يېشىنى توختىتالماي قالىدۇ ۋە ئانىلىق مېھرى بىلەن ئۇلارنى ئىسسىندۇرۇپ يۇيۇندۇرىدۇ . ئاندىن تاماق تەييارلاپ ، ئېچىرقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزىدۇ . داموللام بۇ باشپاناھسىز بالىلارنى ئۆزى مۇددەرسلىك قىلىدىغان مەدرىسنىڭ بىكار ھۇجرىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن ، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۇلارنى بېقىپ ، ئۆز شاگىرتلىرى قاتارىدا بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ .
ئاممىغا نەسىھەت
بىر مۇنچە تالىپ بالىلار قەشقەر كوچىلىرىدا كىشىلەرگە تەشۋىق ۋەرەقى تارقىتىپ يۈرەتتى . ئۆتكۈنچىلەر يولدىن توختاپ : < ماڭا بىرنى !> ، < ماڭا بىرنى !> دىيىشىپ ، بالىلارنىڭ قولىدىكى قەغەز پارچىلىرىنى يۇلۇۋېلىشاتتى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خەت ئوقۇيالايدىغانلىرى ھۆسنخەت شەكلىدە دانىمۇ دانە يېزىلغان ۋە كىشىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتىدىغان مۇنۇ قۇرلارنى ھاياجان بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇشاتتى .: < …………بۇ دەۋر ئىلىم مەرىپەت دەۋرىدۇر ، جاھالەت ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەستۇر . سەئى ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر ، سۇسلۇق -بىكارچىلىق دەۋرى ئەمەستۇر . باشقا خەلقلەر ئىلىم – مەرىپەت كۆكىدە ئۇچماقتا ، سۇ تەكتىدە ئۈزمەكتە . بىزلەر بولساق ھامان غەپلەت ئۇيقۇسىدادۇرمىز . ئۇيقۇ _ ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر . بۇ تەرزدە داۋاملىق ئۇخلىماق زاۋاللىق ۋە ھالاكەتتۇر . ئۇيقۇدىن بىدار بولايلى ، ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت باردۇر ……….> تەشۋىق ۋەرەقىسىگە يېزىلغىنى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ < نەسىھەتى ئامما > ( ئاممىغا نەسىھەت) دىگەن ئەسىرى بولۇپ ، داموللامنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى بىر نەچچە يۈز نۇسخا كۆچۈرۈپ چىققانىدى . ئابدۇقادىر داموللامنىڭ < نەسىھەتى > گويا قاراڭغۇ روجەكلەردىن بۆسۈپ كىرگەن قۇياش نۇرىدەك خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭۈل قەسىرىنى نۇرلاندۇردى . ئۇلارنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ ، كۈرەشچانلىق ئېڭىنى ئۆستۈردى . شۇنىڭ بىلەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ باشچىلىقىدا چەتئەل جاھانگىر كۈچلىرىنىڭ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى خەلق كۈرىشىنىڭ يېڭى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى .
ئالىمنىڭ ئۆلۈمى
1924-يىلىنىڭ يەر -جاھاننى زۈلمەت قاپلىغان بىر كېچىسى ئابدۇقادىر داموللام ئۆز كۈتۈپخانىسىدا ئولتۇرۇپ ، ئىلمىي مۇتائىلە قوينىغا چۆكۈپ كەتكەنىدى . توساتتىن بىر شەپە ئاڭلانغاندەك بولدى – دە ، داموللام : < كىم ؟> دىگەن سۇئال بىلەن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئۈلگۈرمەستىنلا شام يورۇقىدا ۋال -ۋۇل قىلغان بىر زەھەرلىك پىچاق ئالىمنىڭ كۆكسىگە سانجىلدى . داموللام سۇسقىنا ئىڭراپ ، ئوتقاشتەك گىلەم ئۈستىگە يىقىلدى . ۋەتەن – مىللەت ئىشقىدا ئوت بولۇپ كۆيگەن يالقۇنلۇق يۈرەك بۇ ئەجەللىك زەربىدىن قانسىراپ ، ئاستا – ئاستا سوقۇشتىن توختىدى ! ………
بۇ _ چەتئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرى ، مۇتەئەسىپ روھانىيلار ۋە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمران دائىرىلىرى بىرلىكتە پىلانلىغان رەزىل سۇيقەستنىڭ ئۇلارغا ياللانغان ئىت يۈرەك خائىن تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئىدى . بۇ شۇم خەۋەر بىر پەستىلا شەھەر – يېزىلارغا پۇر كەتتى . قەشقەردىكى مۇددەرس – ئالىملار ، ياش تالىپلار ، ھۇنەرۋەن -كاسىپلار ۋە يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كىرگەن دېھقانلار ۋە يېتىم – يېسىرلارنىڭ ھەممىسى چەكسىز قايغۇ – ھەسرەتكە چۆكتى .خەلقنىڭ يىغا – زارى ئاسمان – پەلەككە كۆتۈرۈلدى . ھېيتگاھ مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى .پۈتۈن ئەل- يۇرت مەرىپەت ئاسمىنىدىن بىۋاقىت ئېقىپ كەتكەن بۇ يولچى يۇلتۇز( قۇتۇپ يۇلتۇزى) غا ماتەم بىلدۇردى !…….
خەلق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ دانىشمەن ئالىمىنى يادلاپ ، ئۇنىڭ شەنىگە مۇنداق قوشاقلارنى توقۇپ چىقاردى :
تاغۇ تاشلار تەۋرىنىپ ،
قاتتىق چاقماق چاققانمۇ ؟
تۈمەن دەريا سۇلىرى
بۇگۈن تەتۈر ئاققانمۇ؟
ئاي تۇتۇلماس دەپتىمىز ،
كۈن تۇتۇلماس دەپتىمىز .
داموللامغا دەيۈزلەر
قەست قىلالماس دەپتىمىز .
داموللام شېھىت بولدى ،
ياتار جايى بېھىش بولدى .
داموللامغا قەشقەرلىك
كۆپ يىغلاپ بىھۇش بولدى…..
بۇ قوشاقلار مەيدانغا كېلىپ ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇشتەك قانات چىقىرىپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كەڭ تارقىلىپ كەتتى .






مەنبە ئەۋلات تورى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tirixkin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-5 16:08

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
160سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
277 
تېما
18 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىسقىچە تەرجىمھالى بىلەن تونۇشتۇرغانلىقىڭىزغا تەشەككۈر!!!!!

توردا
100سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
103 
تېما
43 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىما ئىگىسىگە رەھمەت!

Rank: 8Rank: 8

توردا
920سائەت 
نادىر تېما
دوست
84 
يازما
5332 
تېما
816 

تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قەلمىڭىز ھارمىسۇن ........

توردا
63سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
463 
تېما

تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت .....مەرھۇم ئالىممىزنىڭ تەرجىمھالىنى ئەۋەتىپ ياخشى قىپسىز

توردا
7سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
57 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەرھۇم بىلەن تونۇشتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، ياقتان يىرى جەننەتتە بولغاي !

توردا
110سائەت 
نادىر تېما
دوست
36 
يازما
374 
تېما
17 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
27سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
186 
تېما
17 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىزگە تەشەككۈر!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-6-8 10:07

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.