- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-7
- تىزىملاش
- 2010-8-21
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 381سائەت
- جۇغلانما
- 7801
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 1625
- تېما
- 313
- توردا
- 381سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 40
- يازما
- 1625
- تېما
- 313
|
ئۆي ئىچىگە قاراش،يېمەك-ئىچمەك جەھەتلەردە تەدبىر كۆرۈش-ئاياللارنىڭ زىممىسىدىكى ئىشلاردۇر،تەربىيلىك ئاياللار ھەربىر ئىشتا ئويلىنىپ،تەرتىپ بىلەن ئۆلچەپ ئىش قىلۇر.ئىسپراپچىلىقتىن ساقلىنۇر.چۈنكى،دۇنيادا ياشىماق،بالىلارنى باشقىلارغا مۇھتاجىسىز بىر ھالەتتە قالدۇرۇش مال ۋە بايلىققا بېرىپ تاقىلىدۇ،ئۆلگەن كىشى كېپەنگە مۇھتاج بولغاندەك،تىرىكلەرنىڭمۇ مال-دۇنياغا مۇھتاج بولۇشى شۈبھىسىزدۇر.
خۇسۇسىيەن،بىزلەر شۇنداق بىر زاماندىمىزكى، ئادەمنىڭ ئېتىبارى ئۇنىڭ بايلىقىدا،خار بولۇشى كەمبەغەللىكىدىندۇر.ھالبۇكى،بايلىقنى تېپىش ئاسان ئەمەس،تاپقان بايلىقنى تۇتۇپ تۇرۇش قانداق ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر،ئۆي ئىچىدە بولىدىغان خىراجەتلەر ۋە خىزمەتلەر ئاياللار قولىدىن ئۆتۈپ تۇرغىنى ئۈچۈن،ئەرلەردىنمۇ بەكرەك ئېتبار بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشى لازىمدۇر.
مەردلىك-ئەرلەر ئۈچۈن ياراشسىمۇ،ئاياللار ئۈچۈن ئەيبراق سانىلىدۇ،مال-دۇنيانىڭ قەدرىگە يەتكەن ئايال نان ئۇۋاقلىرىغىچە دىققەت قىلىپ زايە قىلىمايدۇ.ناننىمۇ ھاجەتتىن ئارتۇق سۇندۇرمايدۇ،نان پارچىلىرىنى خالىغان يەرگە تاشلىمايدۇ،نەزەرىمىزگە ئىلمىغان نان پارچىلىرى ئۈچۈن قانچىلىك ئەمگە سەرپ قىلىنغانلىقىنى بىلەمسىز؟بىر بۇردا نان ئۈچۈن دۇنيادا بەزەن كىشىلەر جان بەرمەكتە،يەر يۈزىدە بىر پىيالە سۇ بىلەن بىر بۇردا نان ئۈچۈن پۈتۈن مۈلكىنى بېرىشكە تەييار تۇرغانلارنىڭ تېخى ھازىرمۇ بارلىقىنى كۆز يۇمۇپ ئىنكار قىلىش،ئۇچىغا چىققان ئەقىلسىزلىق ياكى ۋىجىدانسىزلىق بولىدۇ.
تەربىيە كۆرگەن قىز-ئاياللار كىيىم-كېچەك،زىبۇزىننەت ئېلىشنى ئويلىغاندا(يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن)دېگەن تەمسىلىنى ئۆزلىرىگە بىر قائىدە بىلىپ ئەمەل قىلسۇن ۋە ئۇنى ھەر قاچان ئېسىدە ساقلىسۇن،دۇنيانىڭ ئۇچى ئۇزۇن بولۇپ ئاخىرىسى يوق،پۇل تېپىش ئاسان ئەمەس،ئاياللارغا نىسبەتەن كۆرگەنلا نەرسىنى ئېلىش،بايۋەتچىلەرنى دوراش،ئىسراپچىلىق ئىشكىنى ئاچقانلىقتۇر،ئىسراپخور ئادەمدە بايلىق ئۇزاق تۇرمايدۇغانلىقى،بىر مەرتىۋە كېلىپ كەتكەن دۆلەتنىڭ قايتا يېنىپ كەلمەيدىغانلىقى بەرھەقتۇر،دۆلەت تۇتۇشنى بىلمىگەن ئايالنىڭ ئېرى-كېچە-كۈندۈز ئىشلەپ پۇل تاپسىمۇ،يەنىلا مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ-دە،مىڭ ئىشلىسەممۇ بولۇشۇم شۇ تۇرسا،دەپ ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ،نەتىجىدە،بۇ بىچارە ئەر خارلىق-زەبۇنلۇقتا ھالاك بولىدۇ،شۇ سەۋەبلىك بۇرۇنقى زامانىمىزنىڭ تەربىيە كۆرگەن ئايال-قىزلىرى ئۆز ئەرلىرىنى بۇ خىل يامان ئاقىۋەتتىن ساقلاش ئۈچۈن غايەت قانائەتلىك بولۇشقانىدى.ئەرلىرى ئەتىگەن تۇرۇپ ئىشقا ماڭغاندا،ھارام ئىش قىلىپ قويماڭ،ئاچ قالساق سەۋر قىلايلىكى،ناتوغرا ئىش تۈپەيلى دوزاخ ئوتىدا كۆيمەيلى،دەپ تىلەك تىلەشكەن، ئاللاھنىڭ بۇ ئۇلۇغ زېمىنىدا ئاشۇ خىل ئايال-كۆرگەن ئادەم ئۈچۈن بۇ خىل ئالىيجاناب ئايالنىڭ ئېرى بولۇش-بىر مەملىكەتنىڭ پادىشاھى بولۇشتىنمۇ ياخشىراقتۇ،ئەگەر ئايال كىشى ئاچ-يالىڭاچ قالمىغىنغا شۈكرى قىلشنىڭ ئورنىدا ئېرىنىڭ تەرلەپ-تەپچىرەپ تاپقان پۇلىنى تۇتۇشنى بىلمەي،ئۇدۇل كەلگەن نەرسىلەرنى ئېلىپ،بۇزۇپ-چېچىپ تۈگەتسە ياكى كۈنلەر ئۈچۈن ساقلاپ قويغان پۇللىرىنى كېرەك بولمىغان زىنەتلەر-زامانە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە سەرپ قىلىپ زايە قىلىۋەتسە،بۇ بىچارە ئەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
ئۆز ھالىنى بىلمىگەن،بىرىلگەن نەسھەتلەرگە قۇلاق سالمىغان بۇنداق تەربىيە كۆرمىگەن ئايال بىلەن بىللە ياشىماق،جەننەت بىلەن جەھەننەم ئوتتۇرىسىدا توساق تام بولمىغانلىق بىلەن باراۋەردۇر.
شۇڭا،ئايا؛-قىزلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ساۋاتلار،ئىگىلىك باشقۇرۇش،ئىقتىساد باشقۇرۇش ۋە ئائىلە باشقۇرۇشتەك تىرىكچىلىك يولىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىتىش كېرەكتۇر.ئەقىللىق ھەم تەربىيلىك بىر ئادەم بار بولغان ھەر قانداق بىر ئۆي ھېچقاچان بىراۋغا مۇھتاج ياكى خار بولماس.
مەنبە؛ئاياللار دەستۇرى
|
|