- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-13
- تىزىملاش
- 2010-10-18
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 209سائەت
- جۇغلانما
- 5350
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 1261
- تېما
- 62
- توردا
- 209سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 29
- يازما
- 1261
- تېما
- 62
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم ، مانا بىز زارىقىپ كۈتكۈن كۈن يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بىز ئۆز كوماندىمىز ئۈچۈن ھۇررا تولايمىز دەپ توپتوغرا 4 يىل ساقلىدۇق. ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە «جۈنيۆ گوروھى» قۇرۇپ بەرگەن «شىنجاڭ خەيتاڭ پۇتبول كۇلۇبى» بىزنىڭ مۇشۇ ئارزۇلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئاخىرى ئۆزىمىزنىڭ كوماندىسى بار بولدى. ئەمدى بىزمۇ ئۆز كوماندىمىز ئۈچۈن يەتكۈچە ھۇررا توۋلاپ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ماھارەتلىرىدىن ھۇزۇر ئالالايدىغان بولدۇق.
تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ ؟؟؟
شىنجاڭ كوماندىسى ھازىر ب دەرىجە بىرلەشمىسىدە 2 يېڭىپ بىر تەڭلىشىپ (ھەممىسى مېھمان مەيداندىكى نەتىجە) كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. شۇنداقلا بۇ قېتىمقى تۇنجى ساھىبخان مەيدانغا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇنلىغان مېدىئا ۋاستىلللىرى ۋە مۇخبىرلار نەق مەيدان ئەھۋالىنى كۆزەتكىلى كىلىشى مۇمكىن . مانا بۇ بىز ئۈچۈن بىرىلگەن ئەڭ ياخشى پۇرسەت، يەنى بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ ، ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشىمىزنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىمىزنى پۈتۈن مەملىكەت ۋە دۇنياغا تۇنىتىپ قويىشىمىز كېرەك. شۇنداق بولغانىكەن، بىز يەنە نىمىگە قاراپ تۇرىمىز ؟ دەرھال ھەركەتلىنىڭ ، مۇسابىقە كۆرۈش مەلۇم كوللىكتىپقا خاس ئىش ئەمەس، ھەممىمىز ئۇيغۇر ئۈچۈن مەدەت بەرگىلى بارماقچى بولىۋاتىمىز. ئەتراپىڭىزدىكى يۈرىكى ئۇيغۇر دەپ سوقىدىغان قېرىنداشلىرىڭىزغا خەۋەر قىلىڭ ، ئۇلارنى ئېلىپ بېرىپ مۇسابىقە مەيدانىدىن ئوت چىقىرۋېتىڭ. شۇنداق بولغاندىلا پۈتۈن مەملىكەت خەلىقى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبولنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ قالغۇسى!!!
مۇنبەر ئەزالىرىغا تەكلىپ:
1.پۇتبول مۇنبىرىمىز ئاپتونۇم رايونىمىز بويىچە نۇپۇزلۇق پۇتبول مۇنازىرە مۇنبىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە كۆرۈش پائالىيىتىگە چاقىرىق قىلىدۇ! مۇنبىرىمىزدىكى ئۈرۈمچى تەۋەلىكىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ مۇئەييەن قوشۇن توپلاپ بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز ! بۇلۇپمۇ مۇنبەردىكى ئۈرۈمچىلىك ئەزالار ئامال بار بېرىڭلار، بەك مۇھىم ئىش تاقىشىپ قالسا ئۇنىڭ يولى باشقىچە.
2. ئالدىنقى ھەپتە يىغىلغاندا مۇسابىقىگە كارناي ،دۇمباق دىگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىشنى مەسلىھەت قىلىشقان، ئەگەر مۇشۇ ئۈسكۈنىلەرنى تېپىشقا قۇربى يىتىدىغانلار بولسا مۇسابىقە كۈنى ئىلىپ بېرىڭلار.
3. مۇنبىرىمىز ئەزاسى بۇلۇش سۈپىتىڭىز بىلەن مۇسابىقە كۆرگەندە مەدەنىيەتلىك تاماشىبىن بولۇڭ. چۈنكى سىز يالغۇز ئۆزىڭىزگىلا ئەمەس ،بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىسىز.
4. لوزۇنكىنى ياسىتىپ قويدۇق، ئۇنڭىدىن سىرىت شەخسىي لوزۇنكا ياسىتىپ بارىدىغانلار بولسا ياق دىمەيمىز. چۈنكى ئۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ خاھىشى، لېكىن لوزۇنكىغا قانۇنغا خىلاپ تۈردىكى شوئارلارنى باسماڭ!
5. ۋاقىتقا قاتتىق رىئايە قىلىڭ، چۈنكى يول سەل يىراق ھەم قىستاڭ بۇلىشى مۇمكىن
مۇسابىقە ۋاقتى:
شىنجاڭ خەيتاڭ VS تىيەنجىن پاراۋۇز
مىلادى 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى شەنبە شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 15 تە ، (چۈشتىن كېيىن سائەت 3 جۇمۇ )
ئورنى : ئىككىنجى ئوردا (يەنى ئېرگۇڭ ) تەنتەربىيە مەيدانى
بېرىش ئۇسۇلى:تىببىي ئۇنۋېرىستىت بېكىتىدىن 1-يول BRT غا ئولتۇرسىڭىز ئەڭ تېز.
بېلەت ھەقسىز!!!!!
بىر ئۇيغۇر بىز ئۈچۈن توپ ئوينىسا ، بىز شۇ ئۇيغۇرنىڭ توپ مەستانىسى!!!
ئالغا شىنجاڭ ئەزمەتلىرى!!!
شىئەندىكى مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ مەستانىلىرى مەيداندا قالايمىقان ، مەدەنىيەتسىز ھەركەتلەر بىلەن پۇتبولچىلىرىمىزغا ھاقارەت قىلغان . جوڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇنىڭغا قارتا شىئەننىڭ مۇسابىقىسدە توپ مەستانىلىرى 5000 دىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ دەپ قارار چىقاردى ....
شۇڭا باللا ، سىلەرمۇ قارشى تەرەپ توپچىلىرىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ( ئۇلارنى ھاقارەت قىلىدىغان ئىشنى قىلىپ سالماڭلار ) ھۇررا توۋلىساڭلار ، بولمىسا شىئەن كوماندىسى ئۇچىرغان جازاغا بىزمۇ ئۇچىراپ كەتمەيلى ...
ئۆزىمىزنىڭ پۇتىغا ئۆزىمىز پالتا چاپىدىغان ئىشنى قىلمايلى ....
مەنبە : پۇتبۇل كۇلۇبى
|
|