ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ئۇيغۇر ساندۇقلىرى
كۆرۈش: 120|ئىنكاس: 4
go

ئۇيغۇر ساندۇقلىرى

توردا
1009سائەت 
نادىر تېما
دوست
103 
يازما
5645 
تېما
509 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2012-4-14 11:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


ساندۇق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە بەزىلىرى ئۆينىڭ تۆرىسىدە ئورۇن- يوتقانلار تىزىپ قويغان ھالەتتە ئۆيگە زىننەت قوشتۇرۇپ تىزىلسا، بەزىدە ئاشلىق ئامبارلىرىدا ئاشلىقنىڭ مۇھىم قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە مۇستەھكەم پۇت تىرەپ تۇرىدۇ.
دېمەك، خەلقىمىز تۇرمۇشتا ساندۇقتىن ئايرىلمىغان، گەرچە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆيلىرىمىزنىڭ تۆرىدىن ساندۇققا ئورۇن قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ساندۇق يەنىلا ئۇيغۇر ھۈنەر- سەنئەتنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ھۈنەر- كەسىپلىرى ئىچىدە ساندۇقچىلىق، تارىخى ئۇزۇن، تۈرى كۆپ، سەنئىتى كۆركەم، بازىرى ئىتتىك كەسىپ. ئۇيغۇرلارنىڭ ساندۇقىنىڭ تۈرى خىلمۇ خىل بولىدۇ. مەسىلەن، خاپان ساندۇق، كات ساندۇق، ھەر خىل سىرلىنىپ خىلمۇ خىل گۈل نۇسخىلار چۈشۈرۈلگەن ساندۇقلار ۋە تۈنىكە مىخلاپ بېزەلگەن پالاس ساندۇق قاتارلىقلار. پالاس ساندۇق رۇس ساندۇق، ئەشتەرخان ساندۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ساندۇقلار ھەر قايسى ئائىلىلەردىن ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئالىدۇ. 
ئۇيغۇر ساندۇقلىرىنىڭ بىزەكلىرى ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبى ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ساندۇق مەخسۇس ساندۇقچىلار تەرىپىدىن ياسىلىدۇ. كاسىپلار ئىككى خىل بولۇپ، بىر خىلى، يالغۇز ساندۇق ياسايدۇ. يەنە بىر خىلى، ھەم ساندۇق ياسايدۇ، ھەم سىرلاپ گۈل نەقىش قىلىدۇ، ساندۇققا تۈنىكە مىخلايدۇ.
ئۇيغۇر ساندۇقلىرى ئىچىدە تۈنىكە مىخلانغان ساندۇق ئالاھىدە كۆركەم بولىدۇ. ساندۇققا مىس تۈنىكە، ئاق، سېرىق، يېشىل دېگەندەك خىلمۇ خىل رەڭدىكى تۈنىكە قايچا بىلەن ئۆلچەملىك كېسىلىپ مىخلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن يۈز يىللار ئىلگىرىكى ئاتاقلىق ئۇستىلار ساندۇققا چەككەن ھەر بىر نۇسخىلار، ئاق، قىزىل، يېشىل ياقۇت، ئوغىلاردىن كۆز قويۇپ، نەقىشلەرگە جان كىرگۈزگەن. بۇ خىل بېزەلگەن ساندۇقلار ناھايىتى جۇلالىق بولۇپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.
ساندۇق مىخلىغۇچى ئۇستىلار سەندەل، ياغاچ بولقا، تۈنىكە كېسىدىغان تۈز قايچا، جادۇ قايچا، سۈنبە، مىخ، ياپىلاق تۇمشۇقلۇق بولقىلارنى سايمان قىلىدۇ. ساندۇقنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە شەكلى بىر- بىرىگە ئوخشاشمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئاشلىق ساقلاش ۋە نان قويۇش ئۈچۈنمۇ ساندۇق يەنى كات ئىشلىتىدۇ. ئاشلىق ساندۇقلىرى ناھايىتى چوڭ ۋە كۆركەم ياسىلىپ، ئالدىغا قاپارتما شەكلىدە تىلىنغان ياغاچ بىلەن ھەر خىل كۈنگۈرىلىك نەقىشلەر چاپلىنىدۇ. بەزى چوڭ ساندۇقلارغا بىرەر توننا ئاشلىق سىغىدۇ. ساندۇقتا ساقلانغان ئاشلىق ئاسان بۇزۇلمايدۇ.

مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
33سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
334 
تېما
15 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2012-4-14 12:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ئېسل تىما يوللاپىسز جىنىم ... مەنمۇ ئۆيۇمگە ياراشتۇرۇپ ساندۇق تىزىپ قويدۇم .... يەنلا بىزنىڭ ساندۇقلىرىمز چىرايلىق نەگىلا قويايلى شۇنداق يارشىدۇ ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
850سائەت 
نادىر تېما
دوست
77 
يازما
5019 
تېما
770 

تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2012-4-14 13:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇنداق ئېسل بىزنىڭ قەلىبمىزدىكى تىملارنى يەنلا سىز يوللايىسزجىمۇ ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
170سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
234 
تېما

تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2012-4-14 14:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىزنىڭ بۇرۇنقى ئۈيۈمىزدىمۇ بولاتتى،ئەمما كىيىن يوق نەگە كەتتىكىن،مىللىي نەرسىلىرىمىز چىرايلىق جۇمۇ!!!!!!
ئوينىۋال جاھاندا بىركۈن بولسىمۇ دىگىنىڭ يوقال!
ئالو ..پالو دىيىشىپ ئۇيغۇرنى بۇزغىنىڭ يوقال!

توردا
6سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
26 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-4-26 16:54

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.