چاقچاق قىپ ئايرىلىپ كېتىمەن دەيمىز،
نېمە ئۇ ئايرىلىش بىلەلمەي تۇرۇپ.
راستىنلا ئاشۇ كۈن كپقالسا باشقا،
ئېيتقىنا كۆزىمىز باقارمۇ قۇرقۇپ؟ 
ئىككىمىز ئايرىلىپ كەتسەك ناۋادا،
ئەڭ ئاۋۋال قۇملۇقلار قۇچان كۆتۈرۈپ،
توغراقلار يىغلىشىپ كېلەر ئېھتىمال،
ئاسراپ قېلىڭلار مۇھەببەتنى دەپ.
بەر ئۆستەڭ سۈپسۈزۈك سۇ ئاققان دەريا،
ياسىنى،يامىنى چىللاپ لېۋىگە.
ياندۇرار ئېھتىمال دولقۇنلۇق سوئال. 
ۋە بەلكىم قوياشنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ،
بۇياققا چىققىنە سەنمۇ كۆرگەنغۇ،
بۇ ئىككى ئاشىقنىڭ مۇھەببىتىنى،
دېگەنچە تولۇن ئاي قېشىغا بارسا،
ئەڭ يېقىن يېرىدىن تۇزلۇقئوتاقنىڭ،
بېشىنى ئالدىراپ تېنەپ،كۆتۈرۈپ،
تولۇنئاي ئۇلاپ سالار كۆزىنى. 
قولۇڭنى تۇنجى رەت تۇتقان ياتاقتا،
ئۆزىنى كاچاتلاپ مەسۇم مۇھەببەت،
ئىشىككە يۆلىنىپ بىر ھازا يىغلاپ،
سىنىپقا بارار مەن ئوقۇغۇچى دەپ.
ئەڭ ياقا تەرەپتىن ئىككىنچى ئۈستەل،
ئورۇندۇق تۇيۇقسىز كېتەر نالە قىپ.
دوسكىغا يېزىلغان تالاي-تالاي خەت،
ۋە ئۈن-تۈنسىز تىكىلىپ تۇرۇشقا كۆزلەر،
بىرمۇبىر مەيدانغا چىقار ئەندىكىپ. 
چاقچاق قىپ ئايرىلىپ كېتىمەن دەيمىز،
نېمە ئۇ مەھرۇملۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ.
راستىنلا ئاشۇ كۈن كەپقالسا باشقا،
كېتىمىز ئېھتىمال بىر كۈندە سولۇپ،
ئىككىمىز ئايرىلى كەتسەك ناۋادا،
ئىست دەر قۇم-بارخان،ئىست دەر يوللار،
كۆز ياشقا مىلىنىپ كېتەر تەبىئەت،
ئادەملەر توۋا دەپ ئۇھسىنىپ قالار.

ئىككىمىز ئايرىلىپ كەتسەك ناۋادا،
خاتىرىدىن بىرمۇبىر ئۆمىلەپ چىقار،
ئۇزىتىپ ياقامغا مىسكىن قولىنى،
كۆز ياشتا يېزىلغان ئوتلۇق سېئىرلار.
توپلام قىپ ساقلانغان تالاي سالام خەت،
چامدان ئىچىدە يىغلار ئۆزىگە،
ئاھ.بۈگۈن مۇسىبەت كۈنۈم كەلدى دەپ.

مەن تالاي سىلىغان سۇمبۇل چاچلىرىڭ،
بوينۇڭغا سىتماقتەك يۆگىلىپ قالار،
شائىرنىڭ ھىدىنى تېپىپ بەرمىسەڭ،
ئالىمەن ھازىرلا قىاسىمنى دەپ.
ئۇخلىماي تۇرۇپلا جۆيلۈپ سالارسەن،
ئۆزۈڭنى جەيناماز ئۈستىدە چاغلاپ،
كېكەچلەپ تەڭرىدىن نېمىدۇر تىلەپ! 
ئاپتۇرى:رۇزىمۇھەممەت مۇتەللىپ مەنبە:خاتىرەمدىن |