ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار مۇھەببەت ۋە ھايات

      

كۆرۈش: 157|ئىنكاس: 8
go

مۇھەببەت ۋە ھايات

توردا
7سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
73 
تېما
18 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2012-4-12 18:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بىر قىسىم ئدەملەر ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى ھاياتقا باغلاپ ئوتتۇز ئالتە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان.ئەلۋەتتە،بۇلارنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇپ كېتىشى ناتايىن،ئەمما بۇ نوقتىلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشىغا سەۋەب بولالايدۇ،دەپ ئويلايمىز؛

1.ئاللا ئەرلەرنى دۇنيانىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن،ئاياللارنى بولسا ئەرلەرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ياراتقان.

2.ئەرلەر ئاياللارنى ياخشى كۆرۈپ قالغان چېغىدا شېئىر يازىدۇ. ئاياللار بولسا چۈش كۆرىدۇ.

3.ئاياللار ئەرلەرگە قارىتا شېرىن ئارزۇلاردا بولىدۇ،ئەرلەر بولسا ھەر خىل خىياللاردا بولىدۇ.

4.مۇھەببەتلەشكەندە ئاياللارنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى ئەركىلەش،ئەرلەرنىڭ بولسا يالغانچىلىق.

5.ئاياللارنىڭ بەختى،ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلاشتا،ئەرلەنرىڭ بولسا،ئۇ مېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈمگە ئەرزىمدۇ دەپ ئويلاشتاا.

6.ئاياللار ھۆسنىگە تولغان بولۇشى،ئەلەرنىڭ يانچۇقى توم بولۇشى لازىم.

7.ئاياللار ھېچقانداق يول تاپالمىغاندا بىر ئەر بىلەن توي قىلىدۇ،ئەرلەر ھېچقانداق يول تاپالمىغاندا بىر ئايال ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىدۇ.

8.ئەقىللىق ئايال ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرگە ياتلىق بولىدۇ.ئەخمەق ئايال ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەرگە ياتلىق بولىدۇ.

9.مۇھەببەتلەشكەندە ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ئىچى كۆيىدۇ،توي قىلىغاندىن كېيىن بولسا بېشى ئاغرىيىدۇ.

10.قىزلار كۆز نۇرى بىلەن ئەرلەرنى ئېگىدۇ،ئاياللار بولسا كۆز يېشى بىلەن،

11.ھازىر قىزلار ئۈچۈن قەسەم بەرگەن ئەر كۈلكىلىك،بېيىغا ئەر بولسا سۆيۈملۈك.

12.ئەرلەر ئاجرىشىش تەلپىنى قويسا،چوقۇم ئۇنىڭ ئايالىنى ياخشى كۆرمەسلىكىدىن،ئايال ئاجرىشىش تەلپىنى قويسا،چوقۇم بۇ ئايالنىڭ يولدىشىنىڭ بۇ ئايالنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىدىن بولىدۇ.

13.ئاياللار يالغۇز ياشايمەن دېسە،كىشىلەر چوقۇم ئۇنىڭدىن مەسلە بار دەپ قارايدۇ،ئەرلەر دېسە،ئۇنى كەسىپچانكەن دەپ قارايدۇ،ئەمەلىيەتتە بولسا؛قىزلارنىڭ يالغۇز ئۆتىمەن دېيىشى ياخشى ھەمراھ تاپالمىغانلىقىدىن،ئەرلەرنىڭ بولسا ھەمراھ تاپالمىغانلىقىدىن بولىدۇ.

14.ئاياللار قىمارنى مۇھەببەت تىكىدۇ،ئەرلەر بولسا نىكاھقا.

15.ئاياللار بەختسىز تۇرمۇشقا چىدايدۇ،بەختىسىز مۇھەببەتكە چىدىمايدۇ،ئەرلەر بولسا ئەكىسچە.

16.بىر غەمكىن ئايالنىڭ ئارقىسا چوقۇم بەخىتسىز مۇھەببەت بولىدۇ،بىر سۇلغۇن ئەرنىڭ ئارقىسا بولسا بەختسىز نىكاھ بولىدۇ.

17.ئاياللارنىڭ قايتا ياتلىق بولۇشى ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن،ئەرلەرنىڭ بولسا تەلىيىنى سىناش ئۈچۈندۇرر.

18.ئاياللار دائىم ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆيگەن ئادىمى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ،ئەرلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ تۇنجخ سۆيگىنى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

19.ئاياللارنىڭ ھۆسنى ئەرلەرنى ئاسانلا مۇھەببەت تورىغا چۈشۈرىدۇ،ئەرلەرنىڭ شېرىن-شېكەر سۆزلىرى ئاياللارنى خۇشاللىق بىلەن مۇھەببەت تورىغا باشلايدۇ.

20.ئەرلەر دائىم ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن ئايالغا ئېرىشەلەيدۇ،ئاياللار بۇنىڭ ئەكىسچە.بۇنىڭ سەۋەبىي،ئەرلەر تاغ-دەريالارنى كېچىشتىن قورقمايدۇ،ئاياللار قوللىرىنىڭ يېرىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ ،ئەرلەرنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش ئۇسۇلى تېزلىك بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش،ئاندىن مۇھەببەت يالقۇنىدا مۇھەببەتنى تاۋلاش،ئاياللارنىڭ بولسا،ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىش، ئاندىن جىمجىتلىق ئىچىدە مۇھەببەتتىن ھۇزۇرلىنىش.

21.مۇۋاپىق قىلىنغان گىرىم ئاياللارغا ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ،ئەرلەرگە بولسا خىيالىي تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.

22.ئەرلەر مۇھەببەتلەشكەندە ئەقىل-پاراسەتتە چېكىگە يېتىدۇ،ئاياللار بولسا ئەىمەقلىقتە.

23ئەرلەرنڭى ئاياللارنى سىناش ئۇسۇلى يىراقلارغا كېتىش،ئاياللارنىڭ بولسا دېيىشكە جايغا كېچىكىپ بېرىش.

24.ئەرلەر توي قىلىش ئۈچۈن مۇھەببەتلىشىدۇ،ئاياللار بولسا مۇھەببەت ئۈچۈن توي قىلىدۇ.

25.ئەرلەر ھاراقتىن كېيىن كۆپ سۆزلەيدۇ،ئاياللار توي قىلىغان كېيىن.

26ئەرلەر مۇھەببەتلەشكەندە مۇرەككەپ ئىش لارنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ،ئاياللار بولسا كىچىك ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.

27.ھازىر ئەرلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىشى قىلىدىغان ئىشى بولمىغانلىقىتىن،ئاياللارنىڭ بولسا قىزىقىشتىن،نەتىجىدە ئەرلەر نېمە قىلشنى بىلمەي قىينىلىدۇ،ئاياللار بولسا ئۈمىدسىزلىنىدۇ.

28.ئەرلەر ئاياللارنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنىڭ شۇنچە ئاز بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ،ئاياللار بولسا ئەكىچە ئويلايدۇ.

29.ئەرلەر مۇھەببەتلەشكەندە كۆزى بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ،ئاياللار بولسا يۈرىكى بىلەن.

30.ئەرلەر توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان قىزنىڭ ئازلىقىدىن قاقشايدۇ،توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىگە ماس كىلىدىغان ئاياللارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىكىدىن ھەسىرەت چېكىدۇ.قىزلار توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان يىگىتلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن سۆيۈنىدۇ.توي قىلىغاندىن كېيىن(ئەرلەرنىڭ بۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلسەم توي قىلىماسمەنكەن)دەپ ئۇھسىنىدۇ.

35ئەرلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ گۇمانى كۆپرەك توغرا بولۇپ چىقىدۇ.

36.ئەرلەر قاپىقىنى تۈرگەندە،ئاياللار يىغلايدۇ، ئاياللار يىغلىغاندا ئەرلەرنىڭ قاپىقى تۈرۈلىدۇ.

خاتىرە

دوستۇم،خاتىرەڭدىن قىلما شىكايەت،

ئەستىن چىقارماق ياخشى ئادەتتۇر.

ئۇنتۇيالماسلىق،دەرتتۇر نىھايەت،

ئەستىن چىقارماق چوڭ سائادەتتۇر.

ۋاقىتدا ئۇنتۇساڭ ئارا تاپار جان،

قەلب كۆتۈرەلمەس ئارتۇق جاپانى.

مانا مەن ئۇنتالماي ئازابتا ھامان،

نەچچە ئون يىللاپ بىر بىۋاپانى.


مەنبە:خاتىرەمدىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uygurya0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-12 18:39

Rank: 8Rank: 8

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
152 
تېما

ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2012-4-12 18:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەھمىيەتلىك تىملىرڭىز ئۇزۇلمىسۇن .داۋاملىق يىزىپ تۇرۇڭ .

توردا
30سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
310 
تېما
11 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2012-4-12 18:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پايدىلىنىش قىممىتى ياخشى تىما يوللاپىسز . رەھمەت سىزگە. مۇشۇنداق تىملار بولسا داۋاملىق يىزىپ تۇرۇڭ

توردا
121سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
514 
تېما

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2012-4-12 19:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پاھ بەك ئېسل تىما يىزپىسز . قايتا كۆرگىنىمىدىن خۇرسەنمەن . بۇ تىما قايتا -قايتا كۆرۇشكە ئەرزىيىدۇ.... قەلمىڭىز ھارمىسۇن ئوماق خان داۋاملىق يىىزپ تۇرۇڭ .بولامدۇ .....

توردا
29سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
115 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2012-4-12 19:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياىشى يىزىپسىز .قايتا -قايتا كۆرۇشكە ئەرزىيىدۇ،قولڭىزغا دەت كەلمىسۇن

توردا
221سائەت 
نادىر تېما
دوست
65 
يازما
957 
تېما
117 
يوللانغان ۋاقتى 2012-4-12 22:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ،ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
156سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
218 
تېما

تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2012-4-13 11:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راستىنلا كۆپىنچە شۇنداق بولامدىغاندۇ ،بەزىلىرى ھەقىقىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەن!!!!!!!
ئوينىۋال جاھاندا بىركۈن بولسىمۇ دىگىنىڭ يوقال!
ئالو ..پالو دىيىشىپ ئۇيغۇرنى بۇزغىنىڭ يوقال!

توردا
369سائەت 
نادىر تېما
دوست
37 
يازما
1563 
تېما
296 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2012-4-13 12:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدىغان گەپلەركەن،ئەھمىيەتلىك تىملىرىڭىز ئۈزلۈپ قالمىسۇن

Rank: 8Rank: 8

توردا
843سائەت 
نادىر تېما
دوست
76 
يازما
4984 
تېما
759 

تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تىما يىزىپىسز .ئەجىرڭىزنى ئاللاھ بەرسۇن . داۋاملىق يىزىپ تۇرۇڭ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-4-21 02:23

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.