1- تېلېفۇن ئۇلانغاندىن كىيىن سىز ئىزدىمەكچى بولغان ئادەم يوق بولۇپ ، قارشى تەرەپ سىز ئىزدىمەكىچى بولغان ئادەمىنى تېپىپ چاقىرغۇچە ، ئۇنى ساقلاشقا توغرا كەلسە ، تېلېفۇنىنى ئۈزۈۋېتىپ ، بىر ئازدىن كېيىن قايىتىدىن تېلېفۇن قىلىش كېرەك . 2- تېلېفۇن ئۇرغان ۋاقىتتا سىم يولىدا كاشىلا بولۇپ ، ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلىغىلى بولمىغاندا ، تېلېفۇنىنى ئۈزۈۋېتىپ ، بىر ئازىدىن كيىن قايتا ئۇرۇش ، مەجبۇرىي سۆزلىشىپ تېلېفۇن سۆزلىشىش ۋاقىتىنى ئۇزارتىۋەتمەسلىك كېرەك . 3- سىرتتا ئۇزۇن يوللۇق ياكى شەھەر ئىچىگە تېلېفۇن ئۇرغاندا ، ئەڭ ياخشىسى يېقىن ئەتراپتىكى پوچىتىخانىغا بېرىپ تېلېفۇن قىلغاندا تېلېفۇن ھەققىنى تېجىگىلى بولىدۇ. بەزى ئاممىۋى تېلېفۇنخانىلارنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تېخى بىرلىككە كەلمىگەن . 4-<<0 >> دىن باشلانغان نومۇرلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفۇندۇر . << 00 >> دىن باشلانغان نومۇرلار بولسا ، خەلقئارالىق ئۇزۇن يوللۇق تېلېفۇندۇر . شۇڭا تېلېفۇن ئۇرغان ۋاقىتتا نومۇرنى توغرا بېسىش كېرەك . ئەگەر ئېھتىياتىسزلىقىتىن خاتا ئۇرۇپ قويساق ، بولۇپمۇ << 0 >> دىن باشلانغان نومۇرلارنى خاتا ئۇرۇپ قويغاندا ، تېلېفۇن پۇلىنىڭ ئارتىپ كېتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ . 5- ئۇزۇن يوللۇق تېلېفۇندا سۆزلەشكەندە ، سۆزلىشىش مەزمۇنى ئىخچام بولۇش كېرەك . 6- بۈگۈنىكى كۈندە ئوقۇغۇچلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ، پاراڭلىشىش ، 168 ئىستانسىدىن ناخشا تەلەپ قىلىپ ئاڭلاش قاتارلىق ئەھۋاللىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تېلېفۇن ھەققىنى ئاشۇرۋېتىدۇ . شۇڭا ، بالىلارغا قالايمىقان تېلېفۇن ئۇرماسلىق ھەققىدە تەربىيە ئشلەش لازىم . مەنبە :تۇرمۇش بىلىملىرى خەزىنىسىدىن ئېلىنىدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 138 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-11 18:03
|