روزىمۇممەت مۇتەللىپ

ئاستا - ئاستا بۈگۈن كېچە تاڭ ئېتىپ ، تۇرغان چاغدا سەن ئورنۇڭىدىن ئۇيقۇلۇق . ئاڭلاپ قالساڭ مېنى ئۆلۈپ قاپتۇ دەپ ، قالارسەنمۇ ئۆز ئورنۇڭدا داڭ قېتىپ ، يا دەرسەنمۇ ئۆلسە قانداق قىلغۇلۇق ؟ 
ئۆلۈپ كەتسەم ئەكەر مۈشۈ كۈنلەردە ، لىققىدە تولۇپ بىر جۈپ كۆزۇڭگە ، ئاھ ، دەرسەنمۇ ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ . ياكى بىر خىل چۈشنىكىسز تۇيغۇدا ، يا يىغلاشىنى يا كۈلۈشىنى بىلەلمەي ، قالارسەنمۇ يولغا چىقىپ جىم تۇرۇپ ؟ 
مەھەللەمدىن يىغا - زارە ئاڭلانسا ، ھەم مېڭىشسا ئالدىرشىپ جامەئەت . كېلەرسەنمۇ نامزىمغا ئاق باغلاپ ، تارتىنىشنى چەتتە قويۇپ ئاقىۋەت . 
كىمدۇر بىرى ئېلىپ ماڭسا كېپەنىلىك نېمىنىدۇر ئويلاپ قېلىپ تۇيۇقىسز ، تېزلىك بىلەن يۈكرەپ كىرىپ ئۆيۈڭگە ، چىقارسەنمۇ كۆتۈرگەنچە ئاق ياغلىق . ئاھ شۇ چاغدا ، كۆرۇنمىسە يولدا بىر جامائەت ، ساقىپ چۈشۈپ سىم -سىم يامغۇر مەڭزىڭگە ، يىغلارسەنمۇ شۇنچە ئوماق ،چىرايلىق ؟

قالسا ئانام جىنازامغا قول تەڭلەپ ، ساراڭلاردەك چېچىنى يۇلۇپ <<بالام ! >> دەپ . تولا يىغلاپ ئۈنى پۈتكەن ئاتاممۇ ، ماڭسا ئاستا جىنازامىنى مۈرىدەپ ، قالارسەنمۇ ياكى مەڭدەپ ، تەمتىرەپ ؟\ 
ئۆلۈپ كەتسەم ئەگەر مۇشۇ كۈنلەردە ، يەكشەمبىگە توغرا كەلسە نامىزىم . يوقلارمۇ چېھىرڭدىكى تەبەسسۇم ، ئوينارسەنمۇ ياكى بىغەم ، بىسىزىم ؟ 
ئاتا -ئانام دوستلىىرمغۇ ھەسرەتتە ، دەرمدەر كەبى بۇقۇلدىشىپ يىغلىشار . بىراۋ دېسە << مەرھۇم بۇ يىل ئارانلا ، قەدەم قويغان يىگىرمە بەش يېشغا >> يات ئادەممۇ كۆزلىرىگە ياش ئالار . 
تاۋۇتۇمنى سۆيۈپ ئۆتسە شاماللار ، پۈتۈن زېمىن مۇسىبەتكە چۆمۈلسە ، مۇڭلىققىنە قىرائەتنىڭ ئىچىدە ، ئاستا -ئاستا تېنىم يەرگە كۆمۈلسە ، كىملەر كېلىپ شۇ چاغ سېنىڭ قېشىڭغا ، قول ئۇزىتار مەڭزىڭدىكى يېشىڭغا ؟ 
ئۆلۈپ كەتسەم ئەگەر مۇشۇ كۈنلەردە ، داۋام قىلار يەنە ھايات شۇ پېتى ......... ئاستا - ئاستا سەنمۇ ئۇنتۇپ كېتەرسەن ، قۇم تەكتىدە قالغان چاغدا كۈن ئۆتۈپ ، { ئۆلۈپ كەتسەم ئەگەر مۇشۇ كۈنلەردە ، كۆز ياش بولۇپ بۇقۇلدارمەن قەبرەمدە ........}  مەنبە : تۇرمۇشتىكى سەۋەنلىكلەرگە تەدبىرلەر دىن ئېلىندى
|