ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ھىكايە،رومان،پوۋىستلار سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ئادەم
كۆرۈش: 127|ئىنكاس: 5
go

سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ئادەم

توردا
811سائەت 
نادىر تېما
دوست
91 
يازما
4725 
تېما
442 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ھېكايە


ئانىسى جېكقا تېلېفون بېرىپ ، ئۇ ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن بوۋاينىڭ گېپىنى قىلىپ قالدى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، توي ئىشى، خىزمەت ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۇششاق-چۈششەك تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ دەستىدىن ئۇ بوۋاينى يوقلاپ بېرىش تۈگۈل ئۇنتۇپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى.
ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاللىقاچان باشقا شەھەرگە كۆچۈپ كېلىۋالغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ئالدىراش بولغانلىقتىن بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلاشقا ۋاقتىمۇ يوق ئىدى، ئائىلىسىگىمۇ تۈزۈك قاراپ بولالمايۋاتاتتى. كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇ جان تىكىپ ئىشلەۋاتاتتى، ھېچكىم ئۇنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى توسالمايتتى.
ئانىسى تېلېفوندا ئۇنىڭغا:
ـــ بېرسىن ئەپەندىم تۈنۈگۈن كەچ ئالەمدىن ئۆتتى. ماتەم مۇراسىمى ھەپتىنىڭ ئۈچى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، ـــ ئۇنىڭ كاللىسىدا بالىلىق ئەسلىمىلىرى يالت قىلىپ قالدى. ئۇ ئاستا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى بىر ئاز تىنچلاندۇرۇپ بالىلىق ئەسلىمىلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى.
ـــ جېك، گېپىمنى ئاڭلاۋاتامسەن؟
ـــ ھە، كەچۈرۈڭ ئانا، ئاڭلاۋاتىمەن. مەن ئۇنى ئويلاپ قويمىغانغا خېلى بوپتۇ. كەچۈرۈڭ، راستنى ئېيتسام، ئۇنى نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئۆلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن، ـــ دېدى جېك.
ـــ بىراق، ئۇ سېنى ئېسىدىن چىقارماپتۇ، ھەر قېتىم مېنى كۆرگىنىدە سېنىڭ ئەھۋالىڭنى سوراپ كېتەتتى. دائىم سېنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى تىلغا ئالاتتى، ـــ دېدى ئانا.
ـــ مەن ئۇنىڭ ئاشۇ كونا ئۆيىنى ياقتۇراتتىم، ـــ دېدى جېك، ــ ئۇ ماڭا ياغاچچىلىقنى ئۆگەتكەن، مانا ھازىرقى خىزمىتىمگە ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولدى. ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا ماڭا ئۆزى مۇھىم دەپ قارىغان كىشلىك تۇرمۇش قائىدىلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى... ئانا، مەن ئۇنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا چوقۇم قاتنىشىمەن.
گەرچە ئالدىراش بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئايرۇپىلان بىلەن يۇرتىغا قايتىپ باردى. بېرسىن ئەپەندىمنىڭ ماتەم مۇراسىمى ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزۈلدى، قاتناشقان ئادەممۇ كۆپ ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ بالىسى يوق، تۇغقانلىرىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تۈگەپ كەتكەنىدى.
جېك كېتىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئانىسىنى ئېلىپ بېرسىن ئەپەندىمنىڭ ئۆيىگە كەلدى. جېك ئۆيگە كىرىپلا بالىلىق دەۋرىگە قايتقاندەك بولۇپ قالدى. ئۆي ئىچىدىكى سەرەمجانلار ئەينى ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش ئىدى. ئۇ ئۆيدە ئۇياقتىن-بۇياققا ماڭاتتى، ھەر بىر ئۆي-جاھازلىرى ۋە قاچا-قۇچىلار ئۇنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىتەتتى. تۇيۇقسىز ئۇ بېرسىن ئەپەندىنىڭ كىتاب ئىشكاپى ئالدىغا كېلىپ توختاپ قالدى.
ـــ جېك، نېمە بولدى؟ ـــ دەپ سورىدى ئانىسى.
ـــ ھېلىقى كىچىك قۇتا يوق تۇرىدۇ، ـــ دېدى جېك.
ـــقايسى كىچىك قۇتا؟ ـــ سورىدى ئانا.
ـــ ئالتۇن كىچىك قۇتا بولىدىغان، دائىم مۇشۇ كىتاب ئىشكاپىدا سولاقلىق تۇراتتى. مەن بېرسىن ئەپەندىمدىن نەچچە قېتىملاپ ئىچىدە نېمە بار دەپ سورىغان ئىدىم، ئۇ ھەر قېتىم مېنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسەم بار دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى، ـــ دېدى جېك.
ئۆي ئىچىدىكى نەرسىلەر جېكنىڭ خاتىرسىدىكىگە ئوخشاش ئىدى، پەقەت ئالتۇن قۇتا يوقاپ كېتىپتۇ، جېك كۆڭلىدە بېرسىن ئەپەندىمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئېلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدى.
ـــ بېرسىن ئەپەندىمنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدىغان بولدۇم، ـــ دېدى جېك ئەپسۇسلانغان ھالدا، ـــ بولدى، ئانا. بالدۇرراق قايتايلى، ئەتە ئەتىگەن ئايرۇپىلانغا ئۈلگۈرمىسەم بولمايدۇ.
ئىككى ھەپتىلەر ئۆتكەندە، جېك ئۆز ئۆيىنىڭ پوچتا ساندۇقىدا پوچتالىيون قالدۇرۇپ قويغان باغاقچىنى كۆردى. باغاقچىدا: ‹‹سىزگە كەلگەن بىر پوسولكا بار، چوقۇم ئىمزايىڭىز بولۇشى كېرەك، ئۆيىڭىزدە يوق ئىكەنسىز، ئۈچ كۈن ئىچىدە پوچتىخانىغا كېلىپ ئېلىۋېلىڭ››، دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.
ئىككىنچى كۈنى جېك پاسولكىنى ئالغىلى پوچتىخانىغا باردى. ئېچىپ كۆرۈۋىدى، بېرسىن ئەپەندىمنىڭ كىتاب ئىشكابىدىكى ھېلىقى كىچىك ئالتۇن قۇتا بىلەن بىر پارچە خەت چىقتى. خەتتە: ‹‹مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ قۇتىنى ۋە ئىچىدىكى نەرسىنى جېكقا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. قۇتا ئىچىدە ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسەم بار›› دېيىلگەن ئىدى. كونۋېرت ئىچىدە يەنە بىر كىچىك ئاچقۇچمۇ بار ئىدى. جېك ئاۋايلىغىنىچە ئاچقۇچ بىلەن قۇتىنى ئاچتى، ئىچىدە بىر دانە يانچۇق سائىتى تۇراتتى. سائەت قاپقىقىنى ئېچىۋىدى، قاپقاقنىڭ ئىچى تەرىپىگە ‹‹جېك، سېنىڭ ۋاقتىڭغا رەھمەت! –خالورد بېرسىن›› دېگەن بىر نەچچە خەت ئۇيۇقلۇق ئىدى.
‹‹ئۇنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسى مېنىڭ ۋاقتىمكەن -دە››، دەپ ئويلىدى جېك.
جېك ئالتۇن سائەتنى سىقىمدىغىنىچە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ قالدى. مېنىڭ ۋاقتىم، بېرسىن ئەپەندىم ئۈچۈن مېنىڭ ۋاقتىم ئەڭ قىممەتلىك ئىكەن. بۇ مېنىڭ ئائىلەم ئۈچۈنمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇ كۆڭلىدە يېرىم كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ ئوغلىنى بالىلار باغچىسىغا ئاپىرىپ كەلمەكچى بولدى.
قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ سىزگە ھەمرا بولغان ئادەملا سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ئادەمدۇر.
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى


قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
175سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
764 
تېما
46 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك تەسىرلىك ھەم ئەھمىيەتلىك ھىكايە ئىكەن .... رەھمەت سىزگە ....!

توردا
653سائەت 
نادىر تېما
دوست
65 
يازما
3984 
تېما
553 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەھمىيەتلىك تىملىرڭىز ئۇزۇلىمسۇن . داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ .

توردا
51سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
339 
تېما
136 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن،بۇ تىمىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم

توردا
132سائەت 
نادىر تېما
دوست
61 
يازما
1016 
تېما
21 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق تەسىرلىككەن، رەھمەت سىزگە.

توردا
323سائەت 
نادىر تېما
دوست
31 
يازما
1330 
تېما
230 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن،بۇنى ئوقۇۋېتىپ مېھىرى-مۇھەببەتكە بولغان قارىشىم يەنە بىر قېتىم يىڭىلانىدى.......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-1-13 18:26

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.