- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-12
- تىزىملاش
- 2010-10-9
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 651سائەت
- جۇغلانما
- 16282
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 3958
- تېما
- 549
- توردا
- 651سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 65
- يازما
- 3958
- تېما
- 549
|
ئېرىڭىزنىڭ بۇ دوستىنى پەقەت ياختۇرمىسڭىزمۇ ھەگىز يۇز تۇرانە چېچىلماڭ.مەسلەن ، ئۇ ئۆيڭىزىگەمېھمان بولۇپ كەتسە ، ئۇنىڭىغا سوغۇق مۇئامىلدە بولماڭ ياكى ئېرىڭىز دوستىڭىز بىلەن قىزغىن پاراڭلىشۋاتقاندا ئېرىڭىزنى ئۇنى قىلىپ بىرىپ ، بۇنى ئېتىپ بىرىڭ دەپ چاقىرۋالماڭ . ئەگەر بۇنداق قىلىسڭىز ئۇ سىزنى تەربىيە كۆرمىگەن ئايان ئىكەن ، دەپ قالىدۇ.
ئېرىڭىزنىڭ دوستىنى ياقتۇرمىسڭىز ، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ قويۇڭ .مەسلەن ، ئۆزىڭىزنىڭ دوستى ئەمەس ، يېقىن ئۆتىدىغان خىزمەتدىشڭىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك .
ئېرىڭىز دوستى بىلەن مۇنازىرلىشىپ قالغاندا ئوت ئۈستىگە ياغ چاچماڭ .
<<ئېلىشمىغچە تېپىشماس >> دېگەندەك ھەر قانچە ياخشى دوسلارمۇ بەزىدە مەلۇم مەسلىگە بولغان كۆز قارشنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن تاكاللىشىپ قالىدۇ. بۇنداق دە تالاش پىرنسىپاللىق مەسلە بولمىسا ئۇنىڭىغا قاتناشتۇرمىسڭىزمۇ بولىدۇ، بولۇپمۇ ئەھۋالىنى بىلمەي تۇرۇپ ، قالايمىقان ھۆكۇم چىقارماسلىقىڭىز كېرەك . بۇ ئېرىڭىز بىلەن ئېرىڭىزنىڭ دوستى ئوتتۇرسىدىكى ئوقۇشماسلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
ئېرىڭىزنىڭ دوستى قارنىيەت بولسا ، ئېرىڭىزنى ۋاخىتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇڭ .
ھېچىكىم <<غەربكە ساياھەتتىكى >> سۇن ۋۇكۇڭدەك كىشنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلۋالىدىغان ئۆتكۈر كۆزلۇك بولمايىدۇ.
مۇبادا ئېرىڭىز ئەسكى ئادەم بىلەن دوس بولۇپ قالغان بولسا ، بۇنىڭىغا قاراپ تۇرسىڭىز ھەر گىز بولمايدۇ .
<<قازانغا يۇلۇقساڭ قارسى ،يامانغا يۇلۇقساڭ يارسى >> دېگەن گەپ بار . بىر توپ ھاماقەت ئاغىنلىرى تەرپىدىن يامان يولغا مىڭىپ قالمىسۇن دېسىڭىز ،ئېرىڭىز يامان يولغا كىرىپ قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ ،ۋاقىتدا تارتىۋېلشىڭىز كىرەك . ئۇنى بىر مەزگىللىك يۈز -ئابرۇيىنى دەپ ئۇزنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۋېلىشتىن ساقلاپ قېلىڭ .ئەرلەرىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، نام -ئابرۇيدىنمۇ مۇھىم نەرسە بولمايدۇ .
<<دوسىت كۆپ بولسا ،يولىمۇ كەڭ بولۇر >> دەيدىغان گەپ بار . دوسىت تۇتۇشقا ماھىر ئەركىشلا ھازىرىقى بۇ جەمئىيەتتە ياخشى ئابرۇي تىكلىيەلەيدۇ . شۇنىڭ ئۇچۇن ، ئېرىڭىزنىڭ دوستلىرىغا دوستانە ،ئادىل پۇزتىيەدە بولۇڭ ، بۇ ئۆزىڭىزىگىمۇ ، ئېرىڭىزگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ ياخشى .
مەنبە :خانىم -قىزلارنىڭ گۈزەللىك دەستۇرى دىگەن كىتاپتىن ئېلىنىدى
|
|