ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەسلىھەت ۋە ياردەم كىتاب ئاشىنالىرىغا خۇشخەۋەر
كۆرۈش: 359|ئىنكاس: 14
go

كىتاب ئاشىنالىرىغا خۇشخەۋەر

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
13 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-19 21:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كىتاب ئاشىنالىرىغا خۇشخەۋەر
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، سىز بەلكىم بۇندىن ئون بەش يىگىرمە يىل، ھەتتا ئەللىك – ئاتمىش يىللار ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، چەتئەل ئەدەبىياتىغا ئائىت تۈرلۈك كىتابلارنى پەقەت بىرەر قېتىم ھەۋەس ئىلكىدىلا ۋاراقلاپ باققانسىز. بەلكىم ئۇلاردىن بەزىلىرىنى كۆزىڭىزگە سۈرتكۈدەك بولغان بولسىڭىزمۇ سىزگە ئۇلارنى ئوقۇش، سېتىۋېلىپ ساقلىۋېلىش نېسىپ بولمىغاندۇ. كىتابخانىلاردىن ئاسانلىقچە تېپىش مۇمكىن بولمىغان بەزى كىتابلارنى مىڭ مۇشەققەتلەر بىلەن تاپقان بولسىڭىزمۇ ئىقتىساد ۋە ياكى باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن سېتىۋېلىشقا مۇشەررەپ بولالالمىغانسىز. سىز بەلكى ئۆزبېكچە، تۈركچىنىڭ تىلىمىزغا شۇ قەدەر يېقىنلىقىنى بىلگەن ۋە بۇ تىلدىكى كىتابلاردىن بەھىرلىنىشنى ئويلاشقانسىز، بىراق سىزگە سىز تۇرۇۋاتقان مۇھىتتا بۇ خىل ئىمكان بولمىغاندۇ. ئۇيغۇر كىتابخانلىرىدىكى تېپىش تەس بولغانلىق سەۋەبى بىلەن باھاسى ئۆرە بولۇپ كەتكەن كونا كىتابلار ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ كىتابلىرىنى تېپىش، سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىنىڭ ئازلىقىدەك ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، بىز ئوقۇرمەنلىرىمىز بۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ تور كىتابخانىمىزنى ئاچتۇق. مەقسىتىمىز ئېلىمىزدە ۋە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى «يېڭى ھايات ژۇرنىلى نەشرىياتى»، «شەرق ھەقىقىتى نەشرىياتى» قاتارلىقلار نەشر قىلىنغان زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرچە كىتابلار، ئۆزبېكچە كىتابلار ۋە تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان دۆلىتىمىز قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن كەلگەن بىر قىسىم كىتابلارنى ئەرزان باھادا ئوقۇرمەنلىرىمىزگە بۇ ئېسىل كىتابلارنى تەقدىم ئېتىش. كىتابلارنىڭ سۈپىتى ناھايىتى سىپتا ۋە ئۆلچەملىك. باھاسى مۇۋاپىق. كىتابلارنىڭ مۇقاۋىسى يىرتىلىشقا چىداملىق سېرىق كارتون قەغەزدىن ئىشلىنىدۇ. تۈپلىنىشى ۋە نۇسخىلىنىشىدا مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. كىتابخۇمار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ خۇش خەۋەرنى بىر بىرىگە يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئوخشاش بىر كىتابنى يىگىرمە نۇسخىدىن كۆپ لازىم قىلغانلارغا باھادا ئېتىبار قىلىنىدۇ.
مۇلازىمىتىمىز دائىرىسىدىكى 4000 پارچىدىن ئارتۇق كىتابلار ھەممىسى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى دائىرىسىدىكى قانۇنلۇق كىتابلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى سوۋىت ئىتتىپاقىدا چىققان ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىكى كىتابلار، دۆلىتىمىزدە 1995 – يىلىدىن بۇرۇن نەشر قىلىنغان بىر قىسىم كىتابلار(يەنى بېرىلگەن كىتابلارنىڭ بىرىنچى نەشرى) ۋە تۈركىيە، ئۆزبېكىستانلاردا نەشر قىلىنغان كىتابلاردىن ئىبارەت. دۇنيا ئەدەبىياتىدا زور تەسىرلەر قوزغىغان رۇس ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرى ئۇيغۇر تىلىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، بىراق ئوقۇرمەنلىرىمىز ئۇلارنى تېپىش ئىمكانىيىتىنىڭ قىيىن بولۇشى سەۋەبلىك كۆرەلمىگەن ئىدى. تولىستوي، گوگۇل، گوركىي، چېرنىشىۋىسكىي، تۇرگېنىف، فادىيىف قاتارلىق دۇنياۋىي تەسىر قوزغىغان رۇس يازغۇچىلىرىنىڭ، سەدرىدىن ئەينىي، ئابدۇللا قاھار، ئايبېك قاتارلىق ئۆزبېك ئەدىبلىرىنىڭ كاتتا ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇپ بەھىرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايسىز. ئۆزبېكىستاندا لاتىن يېزىقىدا چىققان كىتابلار سىزنى خۇددى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ياكى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا كىتاب ئوقۇۋاتقاندەك ھېسلارغا كەلتۈرىدۇ ۋە كۆز ئالدىڭىزدا يېڭىچە بىر دۇنيانى نامايەن قىلىدۇ. تۈرك تىلىدىكى تۈرلۈك كىتابلار تۈركچە ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىياللاردىن سانىلىدۇ. كىتاب سېتىۋېلىش جەريانى تۆۋەندىكىدەك: تور بېتىمىزگە بىزدىكى كىتابلارنىڭ تىزىملىكى بېرىلگەن، خېرىدارلار بۇ تىزىملىكتىن ئۆزلىرى سېتىۋالماقچى بولغان كىتابنى تاللاپ، پوچتا ھەققى بىلەن بىرگە كىتابنىڭ پۇلىنى بانكا كارتا نومۇرىمىزغا سېلىپ بېرىدۇ. كىتاب باھاسى پوچتا ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. پۇل كارتىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، بىز كىتابنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە نۇسخىلاپ، ئادرېس بويىچە پوچتىدىن سېلىپ بېرىمىز. سېتىش – سېتىۋېلىش ئىشلىرى مۇتلەق ئىشەنچلىك يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى: نۇرئەخمەت مەخمۇت يانفون: 13011889213 591769621 :QQ
ئابلاجان يۈسۈپ تەھۇر يانفون: 18910276931 1725177701:QQ

Rank: 8Rank: 8

توردا
382سائەت 
نادىر تېما
دوست
29 
يازما
1733 
تېما
453 
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 11:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راسلا كاتتا خوشخەۋەركەن.....بولسا مۇشۇ خوشخەۋەردىن كۆپ كىشىلەر خەۋەر تاپقان بولسا قانچە ياخشى بولاتتى.

توردا
120سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
706 
تېما
102 
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 11:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۆپ رەھھمەت سىزگە .

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
13 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 23:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
www.uykitab.com بۇ بىزنىڭ تور بەت ئادرېسىمىز، كىتاب لازىملار ئىزدىسەڭلار بولىدۇ!!

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
13 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 23:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
www.uykitab.com بۇ بىزنىڭ تور بەت ئادرېسىمىز، كىتاب لازىملار ئىزدىسەڭلار بولىدۇ!!

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
13 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 23:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
www.uykitab.com بۇ بىزنىڭ تور بەت ئادرېسىمىز، كىتاب لازىملار ئىزدىسەڭلار بولىدۇ!!

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
13 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 23:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
www.uykitab.com بۇ بىزنىڭ تور بەت ئادرېسىمىز، كىتاب لازىملار ئىزدىسەڭلار بولىدۇ!!

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
13 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 23:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
www.uykitab.com بۇ بىزنىڭ تور بەت ئادرېسىمىز، كىتاب لازىملار ئىزدىسەڭلار بولىدۇ!!

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
13 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 23:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
www.uykitab.com بۇ بىزنىڭ تور بەت ئادرېسىمىز، كىتاب لازىملار ئىزدىسەڭلار بولىدۇ!!

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
13 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-20 23:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
www.uykitab.com بۇ بىزنىڭ تور بەت ئادرېسىمىز، كىتاب لازىملار ئىزدىسەڭلار بولىدۇ!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-2-11 19:14

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.