قۇچاق ئاچىسۇن سائادەت

سەنسىز بەھرى يوقتۇر بۇ چىمەنزارنىڭ،
تاتلىق كۈلكەڭ قىلغاچ مېنى سەۋدايى.
ساڭا ئاشىق بولغاچ،كۆڭلۈم پەرىشان،
دىمەي:" ئوماق يارنىڭ يوقتۇر پەرۋايى"
بىز كۆرۈشكەن تېرەك بوستان يىندا،
جىلۋە قىلار سۇدىكى ئاي شولىسى.
مەيىن شامال يەلپۈپ ئۆتسە چېچىڭنى،
گۈل چىھرىڭنى يورۇتارئاي جىلۋىسى.

ئوت يۈرەك شۇنچە ئوتلۇق ئىشقىڭدا،
يالقۇنلايدۇ سەن يارئۈچۈن تا ئەبەت.
مىسكىن كۆڭلۈم تەسكىن تاپسۇن ۋىسالدىن،
دىل كۈيىڭدىن قۇچاق ئاچىسۇن سائادەت.

پارچىلار

يارنىڭ دەردى ئازاپلىسىمۇ،
دىمىگىن:"ئېشىۋالساڭ يوقال!"
دەردى يوق كىم بار بۇ ئالەمدە،
شۇنداققۇ بۇ تۇرمۇش، بىلىپ قال !

بىر دانەتاغ گۈلى قولۇڭدا،
چىن سۆيگۈڭگە تۇتامسەن؟
بولاي دەپ قەدىردان ھەر پەسىل،
شۇ گۈلنى كۆكسىگە تاقامسەن؟
يورۇتسۇن دىلىڭنى ئىمان نۇرى،
تۇمارىم دەپ بىلگىن ئىمانىڭنى.
تىرىشقىن روھىڭنى پاك تۇتۇشقا،
سەردار بول يۇيۇشتا گۇناھىڭنى!
ئەركىن پەرۋاز قىلغىن پەلەكتە،
دىسۇن پەخىرىم،خوشال پەرىشتە.
سەگەك ھەم ئويغاق بول ھەق ئالدىدا،
تىكلە ئابىدە ھەر بىر كۆرەشتە.
ئۈگەنگۈچى بولساڭ ئەگەردە،
ئەسكى ئادەت ھەمرا بولمىسۇن.
شەيتاندابولسىمۇ نازاكەت،
ئالدانما ،قارا يۈز قىلمىسۇن.

ئىنكاس قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىلەر."ئالغاننىڭ بەرمىگى بار"ئەمەسمۇ؟، قېنى مەرھەمەت
3.تورداشلار غاشېئىرى چاقچاق(داۋامى)
شەبنەم گە
شەبنەم بولۇپ چۈشۈپسىز،
تاڭ سەھەردە ياپراققا.
بويۇن سوزۇپ قارايسىز،
نىمە باركەن ئەتراپتا؟
ۋاي دەردىم گە
"ۋاي دەردىم"دەپ يىغلايسەن،
زادى كىمدۇ يىغلاتقان؟
دىمىسەڭمۇ ئايان، ئۇ،
شۇغۇ بايا ئۇخلاتقان؟!
تەنھا غا
تەنھا يۈرۈپ سىرتلاردا ،
ئوخشاپ قالما ساراڭغا .
قايتىپ كەلگىن مۇنبەرگە ،
داۋا باردۇر ياراڭغا .
تەبەسسۈم گە
جۇر دەيدۇ دەپ كۆرگەنگە،
قىلىۋەمە تەبەسسۈم.
كۈندە تاماق ئەپ بەرمەس،
بىكا خەجلەپ ئون بەشسۇم.
ئايغا ئىزھار غا
دەردىڭىزمۇ كۆپ ئىكەن،
ئايغا ئىزھار قىلىپسىز.
شۇكۇرى قىلىڭ يىغلىماڭ،
ئەرزى قىلىپ كېلىپسىز.
ئۇيغۇرغا
"مەن ئۇيغۇرنىڭ ئەجدادى"
دەيسەن كۈندەماختىنىپ.
ۋىجدانىڭنى ساتمىساڭ،
ئۆلەرمىدىڭ ئاچ قېلىپ؟
سۇلتان غا
سۇلتان دەيسەن ئۆزۆڭنى،
مۇنبەردىمۇ، ئۆيدىمۇ؟
تەختىڭ تاشلاپ بۇ شەدە،
مۇساپىردەك يۈردۈڭمۇ؟
بەرنا غا
مۇنبەردە بار بەرناقىز ،
تېمىلىرى تېتېملىق
قايىل ھەممە ئۇنىڭغا،
ئىنكاسلىرى رېتىملىق.
سىتۇدىيوس قا
بىلىم ئىلىپ تېرىشىپ،
سىتۇدىيۇس ئاتالدىڭ.
بىلىملىرىڭ ئەسقاتماي،
ئەمدى نەگە يول ئالدىڭ؟
پەخرىم گە
پەخرىم دەيدۇ بەزىلەر،
رەسىمىڭنى كۆرسۈتۈپ.
ئىزدەپ كەلدى مۇنبەرگە،
ھەممە خەقنى ھۈركۈتۈپ.
پائېلون غا
پائېلون دەپ جۆلۈيسەن،
چۈشۈڭدىمۇ يازامسەن؟
شېئىر توقۇپ يول بويى،
مۇنبەرگىچە چاپامسەن؟
خەنجەرگە
بىر مۇش يەپلا چىدىماي،
خەنجەرئېلىپ قوغلايسەن.
تاناۋىڭنى تاتقاننى،
جان ئاكا دەپ يوقلايسەن.
دەرتمەن گە
دەرتمەن بولغاچ ئۇزاقتىن،
كېتىپ قاپسەن قۇلاقتىن.
دەرتلىرىڭنى تۆكەي دەپ ،
تېپىۋاپسەن چولاقتىن.
رۇخسارى غا
رۇخسارىڭىز كۆرۈنمەس،
مۈكۈۋالماڭ ياتاققا .
بىكا يۈرۈپ كوچىدا،
قالماڭ يامان ئاتاققا .
ئوقياچى غا
ئوقياچىنىڭ ئوقى يوق ،
يوقاپتۇ غۇ ھەيۋىسى .
ئوقنى زايا قىلدىڭ دەپ،
ۋاز كېچىپتۇ ھەممىسى .
خانقاغا