ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر تۈنجى قار(چوغلۇق)
كۆرۈش: 137|ئىنكاس: 3
go

تۈنجى قار(چوغلۇق)

Rank: 8Rank: 8

توردا
487سائەت 
نادىر تېما
11 
دوست
38 
يازما
1369 
تېما
403 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-12-3 17:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تۈنجى قار

تۈنجى قاردىن كەيدى زىمىن ئاق لىباس ،

دەل-دەرەخمۇ ئارتتى شايە ئاق رومال.

سوغ- بېزەكچى سىزسا رەسىم ئەينەككە ،

قار ئۇچۇرار ئېتىز-قىردىن سوغ شامال.

پۇركۈنۈپتۇ پەرەنجىگە كەڭ دالا ،

بارچە گىيا كۆمۈلۈپ قار ئاستىغا.

ئەنە توشقان چاتقال ئارا سەكرىشەر ،

قۇشلار سوغدىن مۇكۇشەربىر دالدىغا.

ئىگىز تاغلار سۈكۈت قىلسا ماتەمدە،

ئۇندا قارغاي مەزمۇت تۇرار قار كېچىپ.

پىسەنت قىلماس زىمىستاندا چاپقۇنغا،

قار ئۈستىدە بەزمە قۇرار ساز چېلىپ.


دەريا سۈيى ئېغىر تىنىپ، ھالسىراپ ،

يالاپ ئۆتەر قىرغاقتىكى شۈرمەلنى.

قانچە ياغسا ئېقىنىنى توسالماس ،

باھار كۈتەر دولقۇنلىغان دولقۇنى.

مەنبە:قەلەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-3 17:36


توردا
48سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
317 
تېما
130 
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-3 17:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قار مەنزىرسىنى تولىمۇ يارقىن ئىپادىلەپسىز.....ئۈرۈمچىدە قار ياققان ئوخشىمامدۇ؟

باھا سۆز

yanbulak ياق، ئىلىدا ياققان . يوللانغان ۋاقتى 2011-12-4 10:36

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
512 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-4 21:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا

توردا
119سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
706 
تېما
102 
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-5 10:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
گەرچە قەشقەردە قار ياغمىغان بولسىمۇ ،بۇ شئىرىڭىزنى ئوقۇپ قار ياغقاندەك ھىس قىلدىم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-1-7 03:08

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.