ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › مۇھەببەت لىرىكىلىرى › بەخت نەدە ؟ ئۇ سىىز بۇلسىكەن دېگەن يەردە
كۆرۈش: 272|ئىنكاس: 12
go

بەخت نەدە ؟ ئۇ سىىز بۇلسىكەن دېگەن يەردە

توردا
638سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
64 
يازما
3884 
تېما
529 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 18:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ئىلگىرى مۇنداق بىر ھېكاينى ئوقۇپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم .ھازىر مۇشۇنى يېزىۋېتىپمۇ يىغلىغۇم كېلىپ تۇرىدۇ ،
دېمەك بۇ ھېكايە ماڭا ناھايىتى قاتتىق تەسىر قىلغان بولسا كېرەك .
بىر جۇپ ئەر -ئايال بار ئىكەن ، ئايالى ئېرىدىن پەقەتلا رازى بولمايىدىكەن . ئۆزنى بەك شور پېشانە ھېس قىلىدىكەن .
ئېرى كېلىشى بىلەنلا ئۇ تۇگمەس تاپا -تەنە ،نارازلىقىنى ياغدۇرۋېتىدىكەن ،لىكىن ئېرى ئۇنىڭغا بىر ئېغىزىمۇ قارشى گەپ قىلمايدىكەن . سىزنىڭ دېگىنىڭىز توغرا ، مەن خاتا قىپتىمەن دەيدىكەن .بىر كۈنى ئۇ خۇتۇن زادى چىدىغۇچىلىكى قالماي ئېرى ئىشىتىن كېلىشكىلا ئۇنى ئولتۇرغۇزۇۋىلىپ مۇنداق دەپتۇ :
- مىنىڭ زادى چىدىغۇچلىكىم قالمىدى ،بۇگۇن بىز بىر -بىرمىزنىڭ كەمچىلىكىمىزنى ئۆز ئارا سۆزلىشىپ چىقايلى ۋە شۇنىڭىغا قارىتا تۈزىتەيلى،قېنى كىم باشتا سۆزلەيدۇ ؟
ئېرى تاماكىسنى پۇرقىرىتپ چەككىنچە :
- قېنى ، سىز باشلاڭ -، دەپتۇ .
ئايال بارماقلىرنى پۈكۈپ بىر باشتىن ساناشقا باشلاپتۇ :
1 . سىزنىڭ پۇتىڭىز پۇرايدۇ ؛
2. پايپىقىڭىزنى ۋاقىتدا يۇيمايىسز ؛
3. ھەممىلا يەردە بىر نەرسىڭىز چېچىلىپ تۇرىدۇ ؛
4. تاماكا چېكىپ ئۆينىڭ تاملىرنى ئسلىۋەتتىڭىز ؛
5. ئۆيگە كىرگۈچە ئايقىڭىزنىڭ تېگىنى پاكىز سۈرتۈپ كىرمەيىسز ........
دېگەندەك 28 خىل يېتەرسىزلىكىنى ساناپ چىقىپتۇ ۋە ھېرىپ كېتىپ توختاپتۇ - دە، ئېرىگە :
-قېنى ئەمسە سىز ئېيىتىڭە ، مىنىڭ قانداق يېتەرسىزلىكىم بار ؟- دەپتۇ .
ئېرى تاماكىنىڭ ئىسلىرى كۆزلىرىگە كىرىپ ،كۆزلىرنى خۇمارلاشتۇرغىنچە خوتۇنىغا بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كيىن مۇنداق دەپتۇ :

- قەدىرلىكىم ، ھەر قانچە ئويلاپمۇ سىزنىڭ قانداق يېتەرسىزلىكىڭىز بارلىقىنى پەقەت بىلىمىدىم .
ئايال بۇ گەپىنى ئاڭلاپ ئېرىنى قۇچاقلاپ ھۆكىرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ ۋە شۇنىدىن ئېتىبارەن ئېرىدىن قۇسۇر ئىزدىمەيىدىغان بوپتۇ .
- مانا بەخت دىگەن ، بۇنىڭ ئۆزى مۇھەببەت ، بارلىق تەرەپلىرنى ياخشى كۆرۇش ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ يېتەرسىزلىكىلىرنىمۇ ياخشى كۆرسە ،كەڭ قۇرساقلىق قىلالىسا ئانىدىن ئۇ ھەقىقىي مۇھەببەت بولىدۇ . قانچىلىك ئايال مۇشۇنداق مۇھەببەتكە سازاۋەر بولالايدۇ ؟ قانداق ئايال مۇشۇنداق مۇھەببەتنى ، بەختىنى ھېس قىلالايدۇ ؟
ئادەتتە رېئال تۇرمۇشتا ھامان باشقىلارنىڭ تاشىقى كۆرنۇشتىكى ‹‹بەخت ›› لىرىگە تىكىلىپ تۇرۇۋالىمىز ،باشىقىلارنىڭ بىزدىن ‹‹ ئېشىپ ››كەتكەن تەرەپلىرنلا كۆرۇپ ، ئۆزمىزنىڭ بەختىلىك ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىز . ‹‹بەخت ئىچىدە تۇرۇپ ، بەختىنى كۆرەلمەيمىز ›› .
بىر كۈنى يولىدىشىم بىلەن ئىككى بالامىنى ئېلىپ سىرتتا تاماقلانغاچ سەيلە قىلىپ كەلدۇق ، ئالدىمىزدا ئىككى بالىمىز شال ئويناپ يۇرەتتى ، تۇيۇقىسز ئۆزەمنىڭ ناھايىتى بەختىلىك ئىكەنلىكىمىنى ھېس قىلىدىم ، كۆزلىرىمگە ياش كەلىدى ، بەخت پەقەت بىز ھېس قىلالغان يەردىكەن ئەمەسمۇ ؟

مۈشۈكچە مۇھەببەت بولمىسا ئەسلا ،
كۈچۈكىتىن ئۆگەنگىن تەرىقىي ۋاپا .
،،،،،،،،،،،،،،،


ئىشقىدۇر ئەبەدىيلىك ئەۋجىدە ئاپتاپ ،
ھايات چىمەندە بەختتىن خىتاپ ،
بولبۇلدەك نالە قىلماق ئىشىق ئەمەس ،
ئىشىق -نالە قىلماسلىق ، ئاڭا يۈز قاراپ ،،،،،،،،،ئۆمەر ھەييام

مەنبە : خانىم -قىزلارغا 101 نەسھەت دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 138 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-3 12:13


توردا
301سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
4 
يازما
1551 
تېما
58 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 18:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋوييۇۇۇۇۇۇۇۇ ما ئادەمنىڭ مىجەزى مىنىڭكىگە نىمانچە ئوخشايدىغاندۇ؟!!!!!!!!!مەن توي قىلسام ئاللاھ خالىسا ئايالىمنى قاتتىق ھۆرمەتلەيمەن ئازار بەرمەيمەن ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tirixkin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-1 18:43

باھا سۆز

guy مومكىن ئەمەس يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 22:44

توردا
791سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
90 
يازما
4626 
تېما
433 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 19:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاۋۇ ئادەمنىڭ ئايالى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىشىدىن مەنمۇ قاتتىق تەسىرلەندىم، بەخىت قاياقلاردىن ئۇچۇپ كەلمەيدۇ، ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىتتۇر....رەخمەت .............

توردا
88سائەت 
نادىر تېما
3 
دوست
0 
يازما
452 
تېما
74 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 22:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قۇسۇر ئىزدەش توغرا ئەمەس. كەڭ قورساق بولۇش كىرەك. كەڭ قورساقلىقمۇ جايىدا، ئىلمى، توغرا بولىشى كىرەك.

توردا
88سائەت 
نادىر تېما
3 
دوست
0 
يازما
452 
تېما
74 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 22:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قۇسۇر ئىزدەش توغرا ئەمەس. كەڭ قورساق بولۇش كىرەك. كەڭ قورساقلىقمۇ جايىدا، ئىلمى، توغرا بولىشى كىرەك.

Rank: 8Rank: 8

توردا
1004سائەت 
نادىر تېما
13 
دوست
85 
يازما
2189 
تېما
300 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-12-2 01:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىر-بىرىدىن قۇسۇر ئىزدىسە ئەر- ئايالنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىسى يۇقايدۇ.ئەر ئاياللاردا ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى بولسا ئەرنىڭ ھەر قانچە كۆزگە سىغمايدىغان ئىشىمۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.
ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا ئىجىل=ئىناق بولسا ناھايىتى ئاددى ئىشلارمۇ بەخىتنى ھىس قىلدۇردۇ.

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
2 
يازما
60 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-2 01:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش 138 نىڭ يازمىسى

رەخمەت..بەكمۇ ياخشى تىمايوللاپسىز..كۈلەرنىڭ بىرىدە مەنمۇ سىزدەك بەخىت ھىس قىلسام دەيمەن!!!!بەختىڭىزگە كۈز تەگمىسۇن !!!!!!!!!

توردا
638سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
64 
يازما
3884 
تېما
529 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-12-2 11:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
umut120 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-2 01:40
ئىنكاس قايتۇرۇش 138 نىڭ يازمىسى

رەخمەت..بەكمۇ ياخشى تىم ...

سىزىگىمۇ رەخىمەت . ماڭا بەخت تىلەپىسز .سىزىمۇ بەختىلىك بولۇڭ .يوقاتمىغانىنىڭ ئۆزى بىر بەختتۇر

توردا
638سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
64 
يازما
3884 
تېما
529 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-12-2 11:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
fatima يوللانغان ۋاقتى 2011-12-2 01:34
بىر-بىرىدىن قۇسۇر ئىزدىسە ئەر- ئايالنىڭ بىر-بىرىگە بول ...

ناھايىتى توغرا ئېيىتتىڭىز ...

توردا
79سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
18 
يازما
398 
تېما
11 
يوللانغان ۋاقتى 2011-12-3 12:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
tirixkin يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 18:35
ۋوييۇۇۇۇۇۇۇۇ ما ئادەمنىڭ مىجەزى مىنىڭكىگە نىمانچە ئوخ ...

اللە ئىگەم دىگىنىڭىزدەك ياشىغىلى نىسىپ قىلسۇن ........سىزدەك ئويلايدىغانلار كۆپرەك بولسىدى ، ئاجرىشىدىغانلار شۇنچە ئاز بولاتتى ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-1-5 09:31

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.