- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-2
- تىزىملاش
- 2010-10-9
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 636سائەت
- جۇغلانما
- 15909
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 3884
- تېما
- 529
- توردا
- 636سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 64
- يازما
- 3884
- تېما
- 529
|
مېنىڭ ئاچام ناھايىتى چىرايلىق ،خۇشپېئل ،چىقىشقاق ،ئاقكۆڭۇل قىز ئىدى .مەن ئۇنىڭغا ناھايىتى ئامراق ئىدىم .ئائىلىمىزدىكى كىشلەرنىڭ تولسى دېھقان بولغاچقا ،ئاچام ناھايىتتى تەستە ئوقۇدى ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئائىلىمىزدىكى 8 نۇپۇس دادامىنىڭ قولغا قاراشلىق ئىدۇق .ئاچام ناھايىتى تىرشچان بولۇپ ،دائىم ئەلا ئوقۇيىتتى .ئۇ تولۇق ئوتتورا مەكتەپىنى پۈتتۈرۈپ ،ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا ھەممىمىز ئۇنىڭىدىن ئايىرلىشىقا كۆزمىز قىيمىغان ئىدى .ئاچام مېڭىش ئالىدىدا ماڭا : <<سىڭىلىم . سەن تىرشىپ ئوقۇپ ، ھەممىمىزنىڭ ئۆمىدىنى ئاقلا ،بىلىم دېگەن يەردە ئەسقاتىدۇ >> دېدى مەنمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ : <<ماقۇل ، سەنمۇ تىرشىپ ئوقۇغىن >>دېدىم مەن ئاچامىدىن ئايىرىلىپ خۇددىي بىر نەرسەمىنى يىتتۇرۇپ قويغاندەك ھېس قىلىدىم .
ئاچام كەتكەندىن كىيىن پات -پات يېزىپ تۇرىدى ،كۈنلەر ئۆتۇپ .ئايلار ئۆتۇپ . ئاچامىنىڭكەتكىنىگە چەش -پەش دېگۈچە 1 يىل بولۇپ قالىدى . ئاچامىغا نېمە بولىدىكىن .خېتىدە بارا -بارا كۆپ پۇل ئەۋەتىڭلار دەيىدىغان بولىدى . ئۆيىدىكلەر ساۋاتىسز بولغاچقا .ھەر قېتىمىقى خەتىنى مەن ئوقۇپ بېرەتتىم .ئاچام بىر قېتىم خېتىدە ئۆزىننىڭ ياخشى تۇرۋاتقانلىقىنى ،ئۇنىڭىدىن ئەنسرمەسلىكىمىزنى ، ئۆزىگەتېزدىن 500 يۇۋەن ئەۋەتىشمىزنى يېزىپتۇ .ئانام بۇ گەپىنى ئاڭلاپ ،ناھايىتى چۈچۈپ كەتتى .دېمىسمۇ بۇرۇن ئەۋەتسەك 100 ،200 يۇۋەن ئەۋەتەتتۇق مانا ئەمىدى.............
مەن كۆڭلۇمدە << ئاچامغا نېمە بولغاندۇ ، بۇنداق كۆپ پۇلىنى قانداق قىلدىغاندۇ >>دەپ ئويلىدىم.ئائىلمىز نامزات،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر يىلدىن بۇيان تاپقىنىمىزنىڭ ھەممىسى ئاچامنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن كەتتى.دادام نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالدى.لېكىن پۇل ئەۋەتمىسە بولمايتتى،ئاخىرى ئۇيان،بۇيان ئويلاپ قوشنىمىزدىن قەرز ئالماقچى بولۇپ،ئۇنىڭ ئۆيىگگ چىقتى،قوشىنىمىز دادامغا تەسەللىي بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن:سىلەر ناھايىتى ئەخماق ئىكەنسىلەر،قىز بالا دېگەننى ئوقۇتۇپ نېمە قىلاتتىلا،مانا ئەمدى قىلىغان ئىشنى قاراڭلار،دەپتۇ.دادامنىڭ شۇنداق جاپا تارتىۋاتقىنىغا،كىشىلەرنىڭ ئالدىدا خۇددىي جىنايەتچىگە ئوخشاپ قالغانلىقىغا ئۆكۈندۈم، ئاخىرى بىر ئامال قىلىپ پۇلنى ئەۋەتىپ بەردۇق،ئاچام كىينكى خەتلىرىدە بارا-بارا 600،700يۈەن ئەۋەتىڭلا دەيدىغان بولدى.بۇ پۇلنى تېپىش دادام بىلەن ئانام ئۈچۈن ئاسان ئەمەس ئىدى،مەن بۇ ئىشقا چىداپ تۇرالماي،ئاچامغا بىر پارچە خەت يازدىم.خېىتىمدە ئائىلىمىزدىكى قىينچىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيىتتىم.شۇنىڭدىن كېيىن ئاچامدىن خەت كەلمىدى.ھەش-پەش دېگۈچە يەنە بىر يىل ئۆتتى.بىر كۈنى تويۇقسىز ئۆيىمىزگە بىر پارچە خەت كەلدى.خەت ئاچامنىڭ مەكتىپىدىن كەپتۇ.خەتتە ئاچامنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەككەنلىكىنى،بىزنىڭ تېزدىن بېرىپ ئۇنى ئەكىلۋېلىشىمىزنى ئېيتىپتۇ.بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەممىمىز چۆچۈپ كەتتۇق،دادام ئىدارىسىدىن قەرز ئېلىپ ئاچامنى ئەكىلىش ئۈچۈن كەتتى.
مەن كۆڭلۈمدە(ئاچام نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىشنى قىلىدۇ؟نېمىشقا ھەممە پالاكەت ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئائىلىگە كېلىدىغاندۇ؟)دەپ ئويلىدىم.بۇ چاغ بۇ ئىش مەھەللىگە پۇر كەتتى.خەقنىڭ سۆز چۆچىكىدىن مەھەللىدە تۇرغۇچىلىكىمىز قالمىدى.ئاپام ئىككىمىز ئاچامنىڭ قانداق بولۇپ قالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدۇق.
دادام قايتىپ كەلدى.ئۇلار ئاچامنى ماشىنىدىن چۈشۈرگەندە،ئاچامنى تونۇيالمىدىم،بۇرۇن شۇنداق چىرايلىق قىز ھازىر سەتلىشىپ خۇددى ئەرۋاھقا ئوخشاپ قاپتۇ.ئۇنىڭ بەدىندە پەقەت بىر تېرە،بىر دوستىنىڭ كەينىگە كىرىپ بىر قېتىم ئاق چېكىپ قويۇپ كىين بارا-بارا خۇمار بولۇپ قاپتۇ،تاشلاشقا ئامال قالماپتۇ.بىز ئەۋەتكەن پۇللار يەتمىسە دوستلىرىدىن قەرز ئېلىپ چىكىپتۇ.
ئاچامنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى يامانلىشىپ كەتتى،داۋالىتايلى دېسەك،بۇ يەردە ياخشىراق ئاماق يوق،شەھەرگە ئاپىرىپ داۋالىتايلى دېسەك قولىمىزدا پۇل يوق.ئامالىمىز قانچە،ئاخىرى ئاچام بىزنى تۈگىمەس دەرد-ئەلەملەرگە قويۇپ ئۆلۈپ كەتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ گۈلدەك ياش ھاياتىنى نابۇت قىلدى.مانا بۇنىڭ ھەممىسى لەنىتى زەھەرلىك چېكىملىلىنىڭ زىيىنى مەن زەھەرلىك چىكىملىكلەرنى ئەكىرگۈچىلەرگە ۋە ساتقۇچىلارغا مەڭگۈ نەپرەتلىنىمەن .ئۇلار ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلىدى.ئۇلار ئەشەددىي قاتىل.
مەن شۇنى ئۈنلۈك توۋلايمەنكى،جەمئىيتىمىزدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ياشلار ئاچامدىن ئىبرەت ئالايلى،ھاياتنى قەدىرلەيلى،ھاياتنى تۈتۈنگە تېگىشمەيلى.ئادەم ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بىر پۇرسەت ھاياتلىقىتۇر .
|
|