- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-2
- تىزىملاش
- 2010-10-9
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 579سائەت
- جۇغلانما
- 14585
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 3561
- تېما
- 488
- توردا
- 579سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 61
- يازما
- 3561
- تېما
- 488
|
جەمئيەت ئائىلىلەردىن تەشكىل قىلىنغان . ئۇنداقتا ئائىلە دىگەن نىمە ؟ ئائىلە مۇھەببەتنىڭ قەبىرسىمۇ ، مۇھەببەتنىڭ باغچىسىمۇ بولالايىدۇ . بەزىلەر نىكاھلىق بولغانىدىن كيىن ،ئائىلىنىڭ خۇددىي كۈللۈككە ئوخشايىدىغانلىقى ، ۋاقىتدا سۇغىرىپ ، ئوغۇتلاپ ، پەرۋىش قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ . ئەگەر سۈغىرىپ تۇرمىسا ، مۇھەببەت قۇرۇپ قالىدۇ ، ئۇزاق ھايات مۇساپىسدا ، ئائىلىدىن ئىللىق پاناھگاھ يوق . ئائىلىنىڭ شىرنىلىكى ، ئىللىقىلىقىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىش مومكىن ئەمەس .
ئائىلە قۇملۇقىتىكى بوستانلىق،بوران - چاپقۇنلۇقىتىكى پاناھگاھ ،ھاياتىلىقىتكى بىكەت ، تۇرمۇشتىكى ئىللىق ماكان ، ئائىلە ئەر -ئايال ئوتتۇرسىدىكى قۇپىيانە پىسخىك ئامبولاتۇرىيە ، ئائىلە ساغلام بولسا ، جەمئىيەت ئانىدىن ساغلام بولىدۇ . ساغلاملىق شەخسلەرنىڭ ساغلاملىقى ،ئائىلە ساغلاملىقى ۋە جەمئيەت ساغىلاملىقىنى ئۆزى ئىچىگە ئالىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن مۇھىمى ئائىلە ساغلاملىقى . چۈنكى ، ئائىلە ساغلاملىقىنىڭ مۇناسۋىتى ناھايىتى زور . ئائىلە ساغلاملىقى شەخسلەرنىڭ جخسمانىي ۋە مەنىۋىي جەمىئيەتتىن ساغلام بولۇشى ، ئىشلىرنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك ، تۇرمۇشنىڭ بەختىلىك بولۇشنىڭ مەنبەسى بولۇپلا قالماي ، بەلىكى جەمئىيەت ساغلاملىقىنىڭ ئۇلى ۋە كاپالىتى .
رېئال تۇرمۇشتا ئىناق ئائىلە قۇرۇپ ، ئەر-ئايال بىر-بىرنى ياخشى كۆۈرشۇپ ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ ،م پەرزەنتلەرنى ئىززەتلەپ ، ئىناق -ئېجىل ، خۇشال -جۇرام ياشاش ئاسان ئىش ئەمەس چۈنكى ، بىرنىجىدىن ، بۇ دۇنيادا كىشنىڭ ئىشتىھاسى ، ھەۋسىنى قوزغايىدىغان نەرسە ۋە ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولغاچقا ، ئادەم ئاسانلا نىشانىدىن ئادىشىپ قالىدۇ ؛ ئىككىنچىدىن ،ئائىلە خۇددىي ناھايىتى نەپىس ۋە مۇرەككەپ ياسالغان ئىككى ئاتلىق، ئۈچ ئاتلىق ھارۋىغا ئوخشايىدۇ .شۇڭا ئادەتتىكى چەۋەندازلار ئۇنى باشقۇرۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيىدۇ ،ئائىلە ساغلاملىقى پەم -پاراسەت ئاقىل چەۋەندازلارنىڭ ئىگىلىشگە ئېھتىياجىلىق .
مەنبە : ئائىلە ۋە مۇۋاپىقيەت دىگەن كىتاپىتىن ئېلىنىدى
|
|