ئېرى ئىنساپلىق، ئايالى بولسا دانا ، ئۆيدە قۇت ،
ئەكىسچە ،بىرئۆيدە بەرىكەت نەدە قىڭغىرماڭسا پۇت.
يىتسە ئىنساپ ئەردە دائىم بىر كۆزى ئىشىك سىرتىدا
بولمىسا دانا ئايالمۇ توڭ قاپاقتەك ، ئەپتى بۇت .
ئەر ئايالغا كۈيۈنسە ، كۆيسە ھەم ئەرگە ئايال ، 
كۆڭلى توق ، شاھانە نېمەت بولغۇسى چاڭگال نوقۇت .
شۇڭا دەيمەن ؛ ئايرىماس ئىنساپ ، ئەقىلدىن بارچىنى ،
ھېچ كىشىنىڭ دىل سارايى بولمىغاي غۇرنەتتە دۇت .
ئەي ئېرەكتە (ئەر) ، ئۆيگە بەر مىھرىڭنى ئىنساپىڭ بىلەن
ئەي ئايال ، دانا - زېرەكسەن دىلنى دانالىقتا ئۇت . 
ئەي تىرىكلىك ، ئالىمى ھەرجاننى قىلغىن خۇش نەپەس ،
دامى قىلتاق، نەپسى شالتاقلارغا بىزنى ئاز چۇقۇت .
ھېرىسى شەيتانلىق خاتا دۇر ، جۇپتى پارلىقتا مۇراد ،
بىزنى ئىنساپ ، بىزنى دانالىقتا ئالىم قىل - ئوقۇت 
مەنبە : << ئاھ، ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش>> ئاپتورى ؛ روزى سايىت
|