ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ئۇيغۇر سەھرالىرى
كۆرۈش: 214|ئىنكاس: 6
go

ئۇيغۇر سەھرالىرى

توردا
822سائەت 
نادىر تېما
دوست
91 
يازما
4818 
تېما
446 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-21 17:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

گۈل پۇرار، رەيھان پۇرار ، شادىمان سەھرالىرىم،
ھەمنەپەس، يولداش ماڭا، ناتىۋان سەھرالىرىم،
بۇ قەلب رىشتىمنى چىڭ، باغلىغان سەھرالىرىم،
پەنجىگاھ، نەۋرۇز كۈيى، ياڭرىغان سەھرالىرىم،
قۇش بولۇپ ئۇچتۇم سېنىڭدە ، بىپايان سەھرالىرىم.

كۆز ئېچىپ كۆرگەن ئىدىم، ئۇشبۇ زىمىننى تۇنجى رەت،
ئۈگىنىپ ئۇندا دىيانەت،ياشىدىم ئىنسان سۈرەت،
بالىلىق چۇقانلىرىم ، سەندىن تارالغان ئاقىۋەت،
بال شۇڭا ئىچكەن سۇلارمۇ، كارىزلىرىڭدا بىر نۆۋەت،
ئانىدۇر، پەرزەنت ئۈچۈن ، مېھرىبان سەھرالىرىم.

يەر تېرىپ قاقاس زىمىننى گۈل قىلار دېھقىنى بار،
داستىخان كەڭدۇر ھامان، تۆرىدە مېھمىنى بار،
باغ قىلار چۆلنى ئۈنۈمسىز، ئۇپرىماس كەتمىنى بار،
ياخشىغا ياغدەك ياراشقان سۈپسۈزۈك ئاسمىنى بار،
مېھنىتى ئالەمگە رەڭ،داستىخان سەھرالىرىم.

يادلىنار پەسىللىرىڭدە شادلىقىم، كەچمىشلىرىم،
تۇپرىقىڭ نېئىمەت ماڭا، سەندىدۇر كەلمىشلىرىم،
باغرىدەك سەينادا كەڭ توي سالۇر تەڭتۇشلىرىم،
باغ ئۆزى، تەكتە پەۋەس، دۇر كەبى كىشمىشلىرىم،
تۈگىمەس ناخشا ئەمەسمۇ، ياشنىغان، سەھرالىرىم.

ئۈجمىلەر تەققاس ئەنە بوۋىلار سىماسىغا،
يىلىكى تولغان باتۇرنىڭ، دىلى نۇر- زىياسىغا،
كۆزۈڭنى سۈرتكۈڭ كېلۇر، تاشلىرى، گىياھسىغا،
مۇساپىر بولغان چېغىڭدا ئۆزگە ئەل دالاسىغا،
ئاھ، قارا ھىجراندا قالسام، ئاسرىغان سەھرالىرىم.

ئالما ھەم ئەنجۈرلىرى، تەمدە يىگانە، يەر گۇۋاھ ،
قوغۇنى مېھنەت سۈيىدە ئەي بولۇر، دەردكە داۋا،
ئۇشبۇ خۇشبۇي ماكاندا قىلىدۇ بۇلبۇل ناۋا،
مەن قاچان كەچتىم ئۇنىڭدىن، قالدىم خازاندەك بى داۋا،
ھەر قېتىم كوچاڭدا ماڭسام، قانمىغان سەھرالىرىم.

توزۇدى ئۇندا ئانامنىڭ باغ كەبى- ھۆسنى، تېنى،
تاغ سۈپەت مەزمۇت ئاتامنىڭ مۇزلىدى، ئاتەش قېنى،
ۋە لېكىن ئىزلار بېسىپ كەلمەكتە ئەۋلاد ھەركۈنى،
تۈگىمەس ئارمان بىلەن كۆكلىگەي ئەرنىڭ جېنى.
ياشىدى بوراندا تىك، قەھرىمان سەھرالىرىم.

بىر گۈزەل دېدى ماڭا: سەھرادا قىلما جاننى خار،
توپىدۇر يېگەن ئېشىڭ، سەھرادا سەن بىئېتىبار،
مەن دېدىم: قانداق كېچەي؟ پۇرايدۇ سەھرا گۈل، ئىپار،
يۇرتىدىن كەچكەن كىشىنىڭ بولمىقى ھەق شەرمىسار،
قەرز ماڭا سەھرانى سۆيمەك، جانىجان سەھرالىرىم.

چۈنچىدە سۆھبەت قۇرار ، ئاققان كۈمۈش تەرلەر بىلەن،
ناخشىسى ياڭرار دېھقاننىڭ، ئۇ خۇشال يەرلەر بىلەن،
قىزلىرى غەيرەت، چىدامدا تەڭ كېلۇر ئەرلەر بىلەن،
توزۇماس ئىللىق ئۇۋام ، بېزىگەن زەرلەر بىلەن،
ھەرقاچان قوينۇڭدىمەن، نەۋقىران سەھرالىرىم.

تونۇرى ئوخشار قۇياشقا، نانلىرى قۇۋۋەت ، دورا،
نان بىلەن بولغان ئۆرە نى قەسىر،مەزمۇت تۇرا،
شۆھرىتى جەۋلان قىلار دارۋازلىرىڭنىڭ تاغ ئارا،
سەن ئەگەر ھېكمەت دېسەڭ، ھېكمەتنى سەھرادىن سورا،
ساقىماس چولپانغا ئوخشاش، چاقنىغان سەھرالىرىم.

بىباھا كەشپۇ- كارامەت، باغرىڭدا خوتەن قەغىزى،
ھەرزامان قۇۋۋەت ماڭا، سەندىكى روھ يىلتىزى،
مېھرى ئوت ئايۋانلىرىڭدا، گۈلدەك ھۈنەرنىڭ مېغىزى،
سەندە تارىم، سەندە باغراش، چېھرىڭدىكى قۇتنىڭ ئىزى،
سۈپسۈزۈك چەشمە ئەمەسمۇ، قاينىغان سەھرالىرىم.

نەدە بار ئۇيغۇر، دېمەك، شۇندا يېزا سەھراسى بار،
مەن كەبى تاھىر يىگىتنىڭ يېزىدىن زوھراسى بار،
نۇرلىنار ئەتلەسلىرى، دوپپىدەك يەكتاسى بار،
شۇڭا ھەر دىل قېتىدا بىر كۆرۈش سەۋداسى بار،
قوينى ياز ئاپتىپىدەك ، خانىدان سەھرالىرىم.

ئاپتۇرى:ئوسمان زاھىر


Rank: 8Rank: 8

توردا
1030سائەت 
نادىر تېما
13 
دوست
87 
يازما
2239 
تېما
308 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-21 20:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھاۋاسى ساپ گۈزەل سەھرانى ئاپتور تۇلىمۇ ياخشى كۆيلەپتۇ...

توردا
258سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
305 
تېما
35 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-22 05:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يۇرتۇمنىڭ ھىدى تۇرۇپلا دىمىقىمغا ئۇرۇلۇشقا باشلىدى ، ھاۋاسى ساپ كۈز پەسلى ئۆتۈپ كىتىۋاتىدۇ مۇشۇ تاپتا .

توردا
54سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
358 
تېما
143 
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-22 10:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەكمۇ ئېسىل يېزىلىغان شىئركەن،بەكمۇ ياقتۇردۇم

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
530 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-22 15:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھاۋاسى ساپ گۈزەل سەھرانى ئاپتور تۇلىمۇ ياخشى كۆيلەپتۇ...

توردا
37سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
217 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-22 22:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


نەدە بار ئۇيغۇر، دېمەك، شۇندا يېزا سەھراسى بار،
مەن كەبى تاھىر يىگىتنىڭ يېزىدىن زوھراسى بار،
نۇرلىنار ئەتلەسلىرى، دوپپىدەك يەكتاسى بار،
شۇڭا ھەر دىل قېتىدا بىر كۆرۈش سەۋداسى بار،
قوينى ياز ئاپتىپىدەك ، خانىدان سەھرالىرىم.
بۇ مىسرالارنى ياقتۇردۇم

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
60 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-23 03:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ شىئىرنىڭ تىلى بەكمۇ تاتلىق ئىكەن...بەك ياقتۇردۇم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-1-20 09:36

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.