- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-11
- تىزىملاش
- 2010-6-24
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 2سائەت
- جۇغلانما
- 57
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 1
- تېما
- 1
- توردا
- 2سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 0
- يازما
- 1
- تېما
- 1
|
بۈگۈن مىكروبلوگ توغرىسىدا ئازراق توختىلاي،تىزىملىكنى بېرىشتىن ئاۋۋال مىكروبلوگ ھەققىدە پاراڭ سېلىشىۋالايلى:
مۇتلەق كۆپىمىز مىكروبلوگ توغرىسىدا ئاڭلىدۇق، ھەم ئاڭلاۋاتىمىز.بەزىلىرىمىز ئىشلىتىۋاتىمىز،لىكىن توساتتىن بايقاپ قالدىم،نۇرغۇن كىشىلەردە بۇ توغرىسىدا ئۇقۇم تولىمۇ مۈجىمەل ئىكەن،ئەلۋەتتە خەنلەردىمۇ شۇنداق، ياتىقىمدىكى خەنلەرگە مىكروبلوگ ئىشىلتىشنى مەن ئۆگەتكەن. مەن پاراڭنى سۇئال جاۋاب تەرىقىسىدە داۋاملاشتۇراي:
ئاكا، ئاكا.. مىكروبلوگ دېگەن نېمە؟
ئىسمىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،بۇ نەرسە مىكرو تىپتىكى شەخسنىڭ نەرسىلىرى ئېلان قىلىنىدىغان جاي.بىرتال مىكرو بلوگ ئارقىلىق سىز تاراتقۇچى مېدىئاغا ئايلىنالايسىز،سىزنىڭ يازغانلىرىڭىزنى پۈتۈن دۇنيا كۆرەلەيدۇ.ئەگەر سىزنىڭ نەچچە مىليون ئەگەشكۈچىڭىز بار دەيلى، ئۇنداقتا سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنى بىرلا ۋاقتتا نەچچە مىليون كىشى كۆرەلەيدۇ ھەم خەۋەر تاپالايدۇ دېگەن گەپ.بۇ قانداق ئۇقۇم؟ دىيارىمىزدىكى گېزىت-ژۇرناللارنىڭ تىراژى مىليونغا چىقىدىغىنى بارمۇ؟ شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە قاناللىرىنىڭ پروگراممىلىرىنى كۆرۈدىغانلار بىرقانچە مىليون تەس چىقىدۇ.دېمەك سىز شۇلارنى بېسىپ چۈشتىڭىز دېگەن گەپ،ھاياجانلانماڭ،سىز بىز بۇخام خىيالنى قىلمىساقمۇ بولىدۇ.
ئاداش، مىكرو بلوگ قاچان بارلىققا كەلگەن؟
بۇ نەرسە ئەڭ باشتا 2006-يىلى 6-ئايدا تۋېتتىر دىن باشلانغان بولۇپ كىيىن دۆلىتىمىزدىكى سىنا تورى تەرىپىدىن ۋايىغا يەتكۈزۈلگەن. دۆلىتىمىز تەۋەسىدە تىۋېتتىرغا چىقالمايسىز، ئەگەر سىز تامدىن سەكرەپ خالىغانچە پەرۋاز قىلىدىغانلاردىن بولسىڭىز چۇقۇم چەتتىكى توربەتلەرگە فەيىسبۇك تىۋېتتىرغا چىققان،ئەگەر چىققان بولسىڭىز،يۇقارقى سۆزۈمنىڭ توغرا ئېيتىلغانلىقىنى بايقايسىز.. بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى:تىۋېتتىر خەلقئارالىق مىكروبلوگ سۇپىسى،پەقەت خەتلا يوللىيالايسىز،ھەراست تېخى يېقىندا ئاندىن رەسىم يوللاش ئىقتىدارى يولغا قويۇلدى.سىنا تورى ئاساسى جەھەتتىن دۆلىتىمىز ئىچىگە قارىتىلغان،لىكىن ئىقتىدارلىرى ئاجايىپ مول،سىن يوللاش رەسىم يوللاش دېگەنلەر قېتىۋېتىلگەن، ئىجتىمائىي ئالاقە توربەتلىرىنىڭ ئازراق گىنى چاچراپ كەتكەن. بىزگە-- جۇڭگودا ياشىغانلارغا نىسبەتەن قانچە ئاددى پاكىز بولسا ھېساپ ئەمەس، بەلكى قانچە ھەشەمەت ئىقتىدارى كۆپ مولچىلىق بولسا ئاندىن ھىساپ،بۇ بويىچە بولغاندا سىنا تورى قاتارلىقلارنى سىز بىزنىڭ قارىشىمىز بويىچە ۋايىغا يەتكۈزدى دەپ ئەلۋەتتە بولىدۇ.
ئۇكاموي، بلوگ دەپتىڭ تۈززۈك ئۇقماي ئولتۇرسام ئەمدى بۇ نېمە مېكرو ماكرولاردىن چۈشۈپ كەتتىڭ؟ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى بۇ زادى؟
ۋاي ئاكا توختىسىلا ، ئالدىرىماي چۈشەندۈرۈپ قوياي. ئاۋال بلوگدىن كېلەي: بۇ بلوگ دېگەن نەرسىمۇ شۇ ئەسلى بىر توربېكەت ياكى مەلۇم سۇپىغا تايانغان مۇستاقىل توربەت. شەخسىنىڭ خاھىشى بويىچە يېزىلىدۇ. مەلۇم تۈر بويىچە يازسىڭىزمۇ ۋەياكى شەخسىي خاتىرە قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىرىڭىزنى تورئەھلىگە يايسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇرچىسىغا تورخاتىرىسى، تور تۇراسى دەپ قويىمىز. بىزدىغۇ ،ئۇنىۋېرسال دەپ قويغىنى بىلەن ،مۇتلەق كۆپ قىسىم توربەتنى بىركىشى ئولتۇرۇپلا باشقۇرىۋېرىدۇ. گەپنى قىسقا قىلساق ئۇ بىر تور بېكەت.
ئاندىن ماۋۇ مىكرو بلوگ دېگىنىمىز شۇ يەنىلا شەخس خالىغانچە يازالايدىغان نەرسە. لىكىن ئۇنىڭدا يازىدىغان نەرسىلىرىنىڭ ھەجىمى بەك كىچىك دېسىلە. شۇڭا مىكرو دەپ قېتىپ قويغان نەرسە. چ چ ئويناپ باققانغۇ سىلى، شۇنىڭدىكى كىچىك كاتەككە بۈگۈن خاپا بولدۇم،ئەتە ئوينايمەن، ھايات دېگەننىزە .... دەپ گەپلەرنى يېزىپ قوياتتىلىغۇ. شۇنىڭغا ئوپمۇ-ئوخشاشلا. بىرنەچچە جۈملە گەپلا يازالايلا.
ھە...ماندا دە، مەن تېخى ئىچىنى ۋال-ۋۇل يانىدىغان قىلىپ بېزەپ قويسىلا بلوگ بولدىغان ئوخشايدۇ ئۇنداق ۋال ۋۇل ياندۇراممىغان بىچارىلەرنى مىكرو بلوگ دەپ زاڭلىق قىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن...
ۋاي ياق ئاكا،ئۆزلىرى ھەقاچان ھېلىقىدەك نېمىتى 3359991،659993مۇ ئەيتاۋۇر شۇنداراق نەرسىلەرنى دەيسىلىغۇ، ئۇ نەرسىلەر بلوگ تۈرىگە كىرمەيدۇ، ئۇنداق توربەتلەرنى بىز ئىجتىمائىي ئالاقە تورى دەيمىز، نەدىكى ئۇنداق نەرسىلەرنى ياندۇرىدىغانلار بىلەن كارىلىرى بولمىسۇن، ھەقىقىي ئىجتىمائىي ئالاقە تورى دېگىنىمىز، ۋاي-ۋۇي تورى تونۇش تورى تورداش تورى قاتارلىقلاردەك بولىدۇ. ئۇ يەرگە كىرىپ دوستلىرى بىلەن ھال-مۇڭ ئېيتىشسىلىرى بولىدۇ. ھېلىقى چ چ بوشلۇقلىرىغا يوللايدىغان نەرسىلىرىنى مۇشۇنداق تورلاردا يوللىسىلا تازا بولىدۇ، ھېلىقى رېن رېنغا ئوپمۇ-ئوخشايدۇ، شۇيەردىكى دوستلىرىنى توۋلاپ چىقسىلا ، بىللە شۇ يەرگە بېرىپ ئوينىسىلا، راھەتلەنمىسىلە كېلىپ مېنى ئىزدىسىلىچۇ.
بۆرەيار ئاداش،دۆلىتىمىز ئىچىدىكى مىكروبلوگ سۇپىلىرىدىن قايسىلىرى باردۇ، بىرەرىنى تەۋسىيە قىلمامسەن؟
ۋاي ئاداش، دەپ قاپسەن، بۇنداق سۇپا ساماندەك، ھەرقايسى چوڭ توربەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردىن دېگۈدەك بارمىكى. بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدىغىنى ماۋۇ تېڭشۈننىڭ چ چ مىكرو بلوگى ۋە سىنا تورىنىڭ مىكروبلوگى بار. سەنمۇ بىلىسەن ئاداش، ئاۋۇ چ چ دېگەن مەرەز نېمە كۆرسە دوراپ باقىدۇ، بىزدەك گالۋاڭلار نېمە چىقارسا شۇنى ئىشلىتىمىز، مېنىڭچە يەنىلا سىنا تورىنىڭكىنى ئىشلەت، مىكروبلوگ دېسە ھەممىسى شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. داڭلىق شەخسلەرمۇ كۆپ، ھەم ئۇيغۇرچىنى ھاقارەتلەپ باقمىدى.مەنمۇ شۇنى ئىشلىتىمەن.
ۋۇججۇۇۇۇۇن بۆرەيار، خەنچە سىنا مىكروبلوگىنى ئويناپ ھەجەپ زېرىكتىم، ماڭا ئۇيغۇرچە مىكروبلوگ تورلىرى بولسا دەپ بەرسىڭىزچۇ؟ ماقۇل دەڭا؟ دەپ بەرمىسىڭىز ئاچچىغىم كەپ قالىدۇ جۇمۇ مېنىڭ...
ۋاي ماقا خان، دەپبەمەمدىغان. ھازىر ئۇيغۇرچە مىكرو بلوگ تورىدىن ئاساسلىق قىلىپ گۈدۈك تورى بار. بۇ قارلۇق شىركىتى تەرىپىدىن ئېچىلغان، توختاپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرىمەي ئىشلەتسىڭىز بولاۋېرىدۇ. پېقىرمۇ شۇ يەردە بار.ھازىر سىناق مەزگىلىدە، ئاۋال ۋاي-ۋۇيغا تىزىملىتىپ ئاندىن كىرىشى كېرەك دەۋاتاتتى، ھازىر قانداقكىن، ئاي-ۋاي، بولدىلا، ئۆزۈملا تىزىملىتىپ بېرەي سىزگە، يۈرۈڭە، بېرىپ قەھۋە ئىچىپ كېلەيلى، قالغىنىنى شۇيەردە ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ دەپ بېرەي.
بۆرەيار بالام، بۇ مىكرو بلوگ دەپ نېمانداق ئىسىمى ئۇزۇن بۇنىڭ، قىسقا قىلىپ ئىشلەتكىلى بولماسما؟
ۋاي، بۆرەتېگىن دادا، بۇنى شۇ ئىنگلىزچە مىكروبلوگ دەيدىكەن، خەنچە ئاتىلىشىنى تەرجىمە قىلساقمۇ يەنىلا شۇ مىكروبلوگ دېگەن گەپ بولىدۇ. تىۋېتتىر دېگەننى قۇشقاچنىڭ سايرىشى دەيدىكەن، ماۋۇ گۈدۈك دېگەن گەپمۇ خېلى قاملىشىغلىق، گۈدۈك چالاي دەپ.ئەينى ۋاقتتا ئاغىنەم نۇرۇز ئۇيغۇرلاردا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە مىكروبلوگ قىلغاندا (پولكوۋنىك ئەپەندىمۇ بىرمەزگىلدە سېستىمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان، لىكىن ئۇ كىشى داۋاملىق تەتقىق بىلەن شۇغۇللىنىپ توربېكىتىمۇ شۇ تەتقىقاتىغا ئەگىشىپ ئىزچىل ئۆزگىرەپ تۇرغاچقا بۇنى دېمەي) مەنمۇ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ باشقۇرۇشۇپ ھە-ھۇ دېيىشىپ بەرگەن.شۇ چاغدا مېنىڭ ئاغزىمدىن بۇ گەپ ساپلا چۈشۈپ قېلىپ، بىرچاغدىسىدا مىكروب دەيدىغانلا بولۇپ كەتكەن.مىكروب ئۆزىمۇ ناھايىتى ئىتتىك تارقىلىدىغان نەرسە، مىكروبلوگمۇ ھەم شۇ. سىنا مىكروبلوگىنى ئوينايدىغانلار بىلىدۇ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۈزبەرگەن ۋەقە- توقۇنۇشلارنى بىرىنجى بولۇپ مىكروبلوگدا كۆرىمىز، ھەتتا بەزەنلىرى چوڭ تاراتقۇلار ئاشكارىلاشقا پېتىنالمايدىغان مەزمۇنلار، ئەلۋەتتە بۇلار ناھايىتى تېزلا يۇيۇپ تاشلىنىدۇ.بۇمۇ خۇددى مىكروبقا ئوخشايدۇ، ناھايىتى تېزلا جان يەرگە بارىدۇ ھەم ئىتتىكلا دورا تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرىلىدۇ.مېنىڭچە كۆچمە مەنىدىكى مىكروب دېگەن ئاتالغۇ بۇنىڭغا تازا ماس كېلىدۇ. ھەم ئەسلى لۇغەت تەركىبىدىكى مىكروبلوگ سۆزىگە يېقىن، ھەم مەنامۇ ياخشى چىقىدۇ. گرامماتىكىدىمۇ سۆزلەرنىڭ كۆچمە مەنادا قوللىنىشى تۇغۇرلۇق گەپ بارغۇ. ھەراست، بۆرەتېگىن دادا، سەن بەزەن قالايمىقان سۆز قىسقارتىشقا تولىمۇ قارشى، گەرچە مەن دېگەن بۇ سۆز ئېغىزىمدىن چۈشۈپ قېلىپلا يېڭى مەنادا تەۋەللۇت بولغان بولسىمۇ لىكىن بۇ سۆزنىڭ كۆچمە مەنادا قوللىنىلىشى گرامماتىكىغا خىلاپ دەپ تەنبىھلىشىڭىغا ياتمايدۇ. مېنىڭچە مۇشۇنى ئىشلەتكىن. سۆزلەپ قېيىپ كېتىپتىمەن، شۇ ۋاقتتا مەن ئاشۇ رەھمەتلىك نۇرۇز مىكروبلوگىدا مىكروبلوگ دېگەن سۆزنى مىكروب دەپ، مىكروب تارقاتقۇچىلارنى مىكروبچى دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلغان،ھەم بۇ مىكروبچىلار ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.مىكروب تارقىتاي، مىكروب يازدىم، مىكروبچىلار قېنى سىلەر؟.. بۆرەتېگىن دادا، مېنىڭچە مۇشۇنداق ئىشلەتسەك تازا جايىغا چۈشىدۇ، بۇ دېگەن پەقەت تور-مودا سۆزلىرى خالاس، ئەركىلەتمە ئىسىمدەك، ئەسلى لۇغەت تەركىبى ئۆزگەرمەيدۇ، سېنىڭچە قانداق؟
بۆرەيار تورداش، ئۇنداقتا بىزگە بىرقىسىم داڭلىق ياكى دەلىللەنگەنلەرنىڭ مىكروبلوگ ئادرېسلىرىدىن قالدۇرمامسىز؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ،ئۇنداقتا مەن تۈرلەرگە بۆلۈپ مەن ئۇچراتقان ئاز بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ مىكروب ئادرېسىنى تەمىنلەي، چەكسىڭىز ئالاقىدار ئادرېسقا ئۇلىنىدۇ:
سەنئەتكارلار تۈرى:ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،پولات تۇرسۇن،مەۋلان تاتلىق،ئەركىن ئابدۇللا،ئەسقەر بۆرە،ئالتە شەھەر گۇرۇپپىسى،ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ،قەھرىمان،كىچىك چولپان ئەرافات...........بەك جىق
دېكتور رىياسەتچى رادىئو-تېلېۋىزىيە گېزىت-ژۇرنال ئاخبارات تۈرى بويىچە:مۇنىرە غوپۇر،مەشرەپ پروگراممىسىدىكى مىرشاپ: ئابدۇكېرەم،تەلەي يۇلتۇزى پروگراممىسى رىياسەتچىسى:گۈلشەن مۇھەممەتتۇرسۇن،cctv دىكى نىغمەت،بالىلار پروگراممىسى رىياسەتچى: نادىرە،پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى: رەيھانگۈل غوپۇر،كۆڭۈلدىكى سۆز پروگراممىسى رىياسەتچىسى: شەمسىيە ئەبەيدۇللا،تەلەي يۇلتۇزى پروگراممىسى رىياسەتچىسى: ئادىلجان ئابدۇقېيۇم،cctv رىياسەتچىسى: ۋېنىرا،شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى: باھاۋۇدۇن،شىياڭگاڭ تېلېۋىزىيىسى رىياسەتچىسى: دىلنۇر،مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇدىرلىرى: باش نازارەتچىسى: گۈلباھار غوپۇر، باش نازارەتچىسى: پەرھات،مۇخبىر مىرئادىل،مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى رىياسەتچىسى نىجاد،مۇنبەت تۇپراق پروگراممىسى رىياسەتچىسى سەدىرىدىن سەيپىدىن،cctv فەرۇق،توربەت تەھرىرى مۇخبىر ئادىلە...............بەك جىق
تەنتەربىيە تۈرى بويىچە :ۋاسكىتبولچى شىرئەلىجان،پۇتبولچى مىرئەھمەتجان،پۇتبولچى بارى،پۇتبولچى: دىلمۇرات،پۇتبولچى: ئۆتكۈر،پۇتبولچى: ئەكرەم،پۇتبولچى: يەھيا،پۇتبولچى: ئېرشات ئۆمەر،پۇتبولچى: ئەرافات،ۋاسكىتبولچى مەۋلان تۇرسۇن،بوكسىيورچى مۇھەممەدتۇرسۇن...
باشقىلار: cctvفوتوگرافى: قۇربانجان سەمەت،دەۋر كۇلۇبى،فوتوگراف: قۇربان ئەپەندى،ئىچكىرىدىكى سەرگەردان بالىلارغا ياردەم قىلىش مەخسۇس مىكروبلوگى،ئابلىكىم ھېيت،ئىلھام توختى ئەپەندى،ئوغۇز كىتابخانىسى،ئاتلان مەركىزى قۇرغۇچىسى: قاسىم ئابدۇرېھىم،ئۇچقۇچى خەمىت تەلئەت،شىنجاڭ ئىتتىپاق كومتېتىنىڭ شۇجىسى ئاينۇر خانىم،جېك ئەپەندى......................بەك جىق
توربېكەت بلوگ ئېگىلىرى:يېزىشقا ۋاقت چىقمىدى، تېما ئاستىدىكى ئىنكاسلاردىن كۆرۈۋالغايسىز.
مېنىڭ ئۇچراتقانلىرىمدىن بىرقىسىمى مۇشۇلار،بۇنىڭدىن كىيىن ئۇچراتقانلىرىمنى بلوگدىكى مۇشۇ يازمىغا قېتىپ يېڭىلاپ قويىمەن.بۇنىڭدىكى مودىل تۈرىدىكى دەلىللەنگەنلەرنىڭكىنى تەمىنلىمىدىم، ھېلى بىكار بەزەنلىرىڭلار ئۇلارنىڭكىگە كىرىپ ھاياجانلىنىپ كەتمەڭلار.ئاندىن ھازىرمۇ مىكروبلوگ بىلمەيۋاتقانلار ئىككى مىنۇت ۋاقت چىقىرىپ تىزىملىتىپ كىرىپ يۇقارقىلارغا ئەگىشىۋېلىڭ، دادىللىق بىلەن بۇ بىرقەدەمنى باسسىڭىز، قالدىسىنى ناھايىتى ئاسانلا بىلىۋالالايسىز.
مىكروبلوگ ئويناشقا باھانىڭىز بارمۇ؟
بىرقىسىم شەخىسلەر بىلەن بىۋاستە ئالاقىدە بولالايسىز، يۇقارقىلارنىڭ ئارىسىدىكى خېلى بىرقىسىملىرى بىلەن مىكروبلوگىدا ئالاقە قىلىپ باققان، ئۇلار تولىمۇ كىچىك پېئىللىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرغان ئىدى.
ئادرېس: سىنا مىكروبلوگى، گۈدۈك مىكروبلوگى.
ئاندىن سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ مىكروب ئادرېىسىنى تەمىنلىگەچ ۋەياكى كام قالغان كىشىلەرنىڭكىنى تەمىنلىگەچ ئۆز كۆزقاراشلىرىڭلارنى دەپ بېقىڭلار، بىردەم پاراڭلىشىپ باقايلى.
|
|