ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ساغلاملىق ئەرزان باھالىق كالا گۆشى، ئىستىمال قىلىشقا ...
كۆرۈش: 202|ئىنكاس: 11
go

ئەرزان باھالىق كالا گۆشى، ئىستىمال قىلىشقا جۈرئەت قىلالامسىز؟!  

توردا
5سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
11 
تېما
10 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى چاڭشا شەھەرلىك خېيمى چوقىسى ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش مەيدانىدىن كەلگەن خەۋەر نۇرغۇن كىشىنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى.
مۇخبىرنىڭ بايان قىلىپ بىرىشىچە، بۇ ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش مەيدانى چاڭشا شەھىرى ئەتراپىدىكى كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ ئەخلەت بىرتەرەپ قىلىش مەيدانى بۇلۇپ،(تۆۋەندە قىسقارتىپ "مەيدان" دەپ ئېلىندى) بۇ مەيدانغا يېقىن ئەتراپتىكى كەنىت ئاھالىلىرىنىڭ كالىلىرى "دائىملىق مېھمان" ئىكەن. يەنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ كالىلىرى مۇشۇ مەيدانغا كىلىپ ياشايدىكەن، باقىدىغان ئادەم يوق ئىكەن، يەم-خەشەك ۋە سۇ بەرمەيدىكەن، بۇ كالىلار ئەخلەت مەيدانىدا يەم يەپ، يىغىلىپ قالغان سېسىق، چىرىندى سۇلارنى ئىچىپ ياشايدىكەن، كالىلار چوڭ بۇلۇپ، ئۆلتۈرگىدەك بولغاندا ئىگىسى كىلىپ ئېلىپ كىتىدىكەن ۋە ئۆلتۈرۈپ بازاردا ساتىدىكەن.

ئەخلەت مەدانىدا يەم يەۋاتقان كالىلار
ھايۋانات ۋە يىمەكلىك ئىلمى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ چۈشەندۈرىشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىلدىكى كالىلارنىڭ تېنىدە كۆپ مىقداردا مىكروپ ۋە باكتىرىيە بار بۇلۇپ، بۇلار يىغىلىپ، ئۇزۇن مەزگىل كالا تىنىدە تۇرۇپ شەكلى ئۆزگىرىپ ئادەم بەدىنىگە ناھايىتى پايدىسىز كىسەللىك مىكروپى بۇلۇپ شەكىللىنىدىكەن.

ئەخلەت بىرتەرەپ قىلىش مەيدانىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ مۇخبىرغا بايان قىلىپ بىرىشىچە بۇ كالىلارغا قارايدىغان ئادەم يوق ئىكەن، يەم-خەشەك ۋە سۇ بەرمەيدىكەن، پەقەت چوڭ بۇلۇپ ئۆلتۈرگىدەك بولغاندىلا كىلىپ ئېلىپ كىتىدىكەن. بۇ كالىلار كېچىلىرى ئەخلەت مەيدانىنىڭ يېنىدىكى بىكار يەردە يېتىپ ئارام ئالىدىكەن، كۈندۈزلىرى بولسا تىنىم تاپماي بىرنەرسە يەيدىكەن. كالىلارنىڭ ئۇزۇقلۇقى ئاساسەن، مىۋە-چىۋە شۆپىكى، سەي-كۆكتات تاشلاندۇقلىرى، گۈرۈچ پوستى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەخلەت يىمەكلىلەر ئىكەن. خىزمەتچى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە بۇ كالىنىڭ گۆشىنى خىزمەتچى خادىملارمۇ يەپ باققان، ئۇلارنىڭ دەپ بىرىشىچە بۇ گۆش سەل ئاچچىقراق بۇلۇپ، ئادەتتىكى كالىلارنىڭ گۆشىگە ئانچە ئوخشىمايدىكەن.

مۇخبىر چاڭشا شەھەرلىك چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان، بۇ ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چىن جىجىيې مۇنداق دىگەن: "چارۋىچىلىق قانۇنى"دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا چارۋا-قۇش باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئەخلەت بىرتەرەپ قىلىش مەيدانىدا، كىچىك تىپتىكى ئەخلەت تۆكۈش مەيدانىدا باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدىكەن، ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ ئەخلەت بىرتەرەپ قىلىش مەيدانىدىكى كالىلارنى ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىدىكەن.
مۇخبىر بۇ ئەخلەت بىرتەرەپ قىلىش مەيدانىغا يىتىپ كەلگەندە نەچچە يۈز مىتىر يىراقلىقتا ماشىنىدىن چۈشە-چۈشمەيلا ئاغزى-بۇرنىنى ئوراپ، ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان سېسىق پۇراقتىن مەيدانغا ئاران يېقىنلىشالىغان.

بۇ كالىلارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرىشىمۇ مۇشۇ ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش مەيدانىدا ئىكەن


قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
67سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
262 
تېما
34 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىممىتىنى ييىشىمىز كىرەك كالا گۆشىنىڭ................

باھا سۆز

akeles توغرا دەيسىز ... بىچارە كالىلارنىڭ ئۇچەي يوللىرى خاشوبىلەن توشاپ كەتكەندۇ ھە .. يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

توردا
288سائەت 
نادىر تېما
دوست
55 
يازما
1326 
تېما
74 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پۇلنىڭ مەسىلىسى چۇڭ ئەمەس ، مۇھىمى كالىنىڭ يەم-خەشىكى .

توردا
71سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
72 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمىنىمۇ خاتىرجەم يىگىلى بۇلار بۇ جەمىيەتتە...

توردا
15سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
431 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمىنىمۇ خاتىرجەم يىگىلى بۇلار بۇ جەمىيەتتە...

توردا
109سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
344 
تېما
15 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھىچنىمىگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمامدۇ ئەمدى...............

توردا
25سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
42 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھازىر بىزنىڭ تەبىي يېشىل يېمەكلىكلىرىمىز ئىنتايىن ئاز قېلۋاتىدۇ........

توردا
551سائەت 
نادىر تېما
دوست
57 
يازما
3339 
تېما
445 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمىدىگەن قورقۇنۇشلۇق . توۋا نىمىش بۇ ئەمىدى بۇ ئادەملەر پۇل ئۇچۇن ھەممە ئىشنى قىلىدىكىنيا توۋا .......... قانداق گەپ بۇ ............

توردا
676سائەت 
نادىر تېما
دوست
78 
يازما
3833 
تېما
398 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
kizikqi يوللانغان ۋاقتى 2011-11-9 11:05
نىمىنىمۇ خاتىرجەم يىگىلى بۇلار بۇ جەمىيەتتە...

ئۆزىڭىزنىڭ ئىككى قولى بىلەن ئەتكەن تاماققا....

توردا
61سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
193 
تېما
28 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەي ناكەسلەر ‹...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-11-13 09:16

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.