ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ياخشى فىلىملەر خاسىيەتلىك ئادەم ئۆمەرجان- كورىيە سەھنىسىد ...
كۆرۈش: 179|ئىنكاس: 4
go

خاسىيەتلىك ئادەم ئۆمەرجان- كورىيە سەھنىسىدە

Rank: 8Rank: 8

توردا
397سائەت 
نادىر تېما
دوست
30 
يازما
574 
تېما
287 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

خاسىيەتلىك ئادەم ئۆمەرجان- كورىيە سەھنىسىدە ئەمەلىي ماھارەت كۆرسەتمەكتە





ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانا يۇرتتىكى بارلىق قېرىنداشلار. كورىيەدە ئوقۇۋاتقان مەخمۇتجان،مەردان ،راھىلە، گۈلمىرە قاتارلىق دوستلاردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!
بەلكىم مۆجىزە كۈچكە ئىگە بولغان ئۇيغۇر پالۋان ئۆمەرجان ھەققىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مومكىن. بىز ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ كىشىنى كورىيەگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ قالتىس ماھارىتىنى كورىيە SBS تېلېۋزىيەسى STARKING پروگراممىسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلانى كورىيەگە تۇنۇشتۇرۇشنى ئويلىشىپ كەلگەنىدۇق. بەلكىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ پروگراممىنى كۆرگەنلەر بەك ئاز بۇلۇشى مومكىن. لېكىن كورىيەنىڭ بۇ پروگراممىسى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدىغان ، ھەتتا ئامىرىكىدىمۇ كۆرۈلۈش نېسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان داڭلىق پروگرامما بۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى داڭلىق شەخىسلەر، تالانت ئىگىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ماھارىتى نەق مەيداندا كۆرسىتىلىدۇ. شۇنداقلا كورىيەدىكى داڭلىق ناخشىچىلار، كىنو ئارتىسلىرى سەھىنىنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، بۇ پروگراممىنىڭ كۆڭۈللۈك ئىشلىنىشىگە ياردەمدە بۇلىدۇSTARKING سۆزىگە قاراپمۇ بۇ پروگراممىنىڭ چولپانلار پروگراممىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىڭىزغۇ-دەيمەن.
گەپنىڭ ئۆزىگە قايتايلى. يېقىندا توردىن ئۆمەرجان ئاكىنىڭ خۇنەن تېلېۋىزىيەسى ‹كىم قەھرىمان›پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ھەممىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۋەتكەن فىلىمىنى كۆرۈپ، بۇ كىشىنى كورىيەگە ئېلىپ كېلىش ئىستىكىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەتىسىلا كورلا تېلېۋىزىيە ئىستانىسىدا ئىشلەيدىغان ھەدىمىزنىڭ ياردىمىدە ئۆمەرجان ئاكىنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرىنى تاپتۇق. ئۆمەرجان ئاكىغا تېلېفۇندا بۇ ئوي پىكرىمىزنى ئېيتساق ، خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشقا كىرىشىپ كەتتۇق. توردىن ئۆمەرجان ئاكىنىڭ ماھارەت كۆرسەتكەن فىلىمىلىرىنى چۈشۈرپ تەھرىرىلەپ، تەرجىمھالىنى يېزىپ SBS تېلېۋزىيەسىگە يوللىدۇق. بۇ كىچىككىنە ئىشلارمۇ ئاسانغا توختىمىدى. ئۇلارغا تاپشۇرىدىغان ماتىرىياللارنىڭ ھەرخىل تەلەپ -چەكلىمىلىرى شۇنچە كۆپكەن. ئۈچ-تۆت ھەپتە مۇشۇ ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ، ئاخىرى SBS نىڭ تەكلىپنامىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆمەرجان ئاكىغا ئەۋەتتۇق. بىر ھەپتىدىن كىيىن كورىيەنىڭ بېيجىڭدىكى كونسۇلخانىسى ئۆمەرجان ئاكىغا ۋىزا بەردى. 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆمەرجان ئاكا كورىيەگە يىتىپ كەلدى.
ئايرودىرومدىكى ئىشلار بىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۋەتتى. ئۆمەرجان ئاكىنى كۈتىۋېلىشقا بىز بىلەن بىرگە ، كورىيە SBS تېلېۋزىيەسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا يەنە بىر قانچە كورىيە پارلامىنت ئەزالىرى بۇلۇپ ئىككى گۇرۇپپا كىشىلەر كەلگەنىكەن. شۇ چاغدا بىلدۇقكى ئۆمەرجان ئاكا مۇنداقلا سەييارە ماھارەت كۆرسەتكۈچى بولماستىن ، ئۇنىڭ يەنە جۇڭگو مەدەنىيەت تارقىتىش مەركىزىنىڭ ئالاھىدە خادىمى، جۇڭگو مودا-سەنئەت كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مىللى مائارىپ كېڭەشمىسىنىڭ ئىش بىجىرگۈچىسى، جۇڭگو خەيرى-ساخاۋەت كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى دېگەندەك ئالاھىدە سالاھىتى بار ئىكەن. مەسلىھەتلىشى ئارقىلىق تۇنجى كۈنى پارلامىنت ۋەكىللىرى ئۆمەرجان ئاكىنى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئەتىسىدىن باشلاپ SBS تېلېۋزىيەسىنىڭ ۋەكللىرى ئۆمەرجان ئاكىنى باشقا مېھمانخانىغا ئېلىپ كەتتى. شۇ كۈنى ئۆمەرجان ئاكا SBS تېلېۋزىيەسىنىڭ ئىشخانىسىدا ئۆز ماھارىتىنى كۆرسەتكەندىن كىيىن ، سىنغا ئېلىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 17-كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىككى كۈن جەريانىدا ئۆمەرجان ئاكىنى كورىيەنىڭ مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلدۇردۇق. بۇ جەرياندا ئۆمەرجان ئاكا كورىيەدىكى تۈركىيە ، پاكىستان قاتارلىق مۇسۇلمان ئاشخانسىنىڭ نان-كاۋاپلىرىدىن باشقا ھېچقانداق تاماق يىمىدى.
-10ئاينىڭ 17-كۈنى STARKING پروگراممىسى سىنغا ئېلىندى. ئۆمەرجان ئاكىغا سەھنىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەش تەكلىپىنى بەرگەن بولساقمۇ، تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۇيغۇرچە بىلىدىغان مەخسۇس تەرجىمان يوق. شۇنداقلا ئىستانىسىنىڭ مەخسۇس تەرجىمانىدىن باشقىلارنىڭ سەھنىدە تەرجىمە قىلىشىغا روخسەت قىلىنمايدىكەن. شۇڭا ئۆمەرجان ئاكا سەھنىدە خەنزۇچە سۆزلىدى. (خەنزۇچە تەرجىمان بولغاچقا) ئۆمەرجان ئاكا ئۆزىنى ۋە مىللىتىنى تۇنۇشتۇرغاندىن كىيىن قالتىس ماھارەتلىرىنى كەينى-كەينىدىن كۆرسىتىپ، سەھنىدىكى چولپانلار ۋە تۆۋەندە ئولتۇرغان تاماشىبىنلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۋەتتى. ھەتتا سەھنىدىكى بەزى چولپانلار ئۆمەرجان ئاكىنىڭ تاش چاققان ھالىتىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن، بىر-بىرىنىڭ كەينىگە مۆكىنىۋېلىشتى. ئاخىرىدا ئۆمەرجان ئاكىنىڭ ماھارەت كۆرسەتكەندىن قىلغان كىرىمىنى يەنىلا جەمئىيەتتىكى قېينچىلىقى بارلارغا ئىئانە قىلىدىغان سۆزى ۋە گۈلدۈراس ئالقىشلار بىلەن سىن ئېلىش تاماملاندى.
-10 ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆمەرجان ئاكا ماھارەت كۆرسەتكەن پروگرامما تېلېۋىزوردا تارقىتىلدى. مىق يىگەن كۆرۈنۈش كېسىۋېتىلىنىپتۇ. تېلېۋىزوردا قۇيۇلغاندىن كېيىن رېژىسورغا تېلېفۇن قىلىپ سەۋەبىنى سورىساق، ئۇ كۆرۈنۈشنى تارقاتساق، دوختۇرخانىغا بىمار توشۇپ كېتىدۇ دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە كېسىۋىتلگەن كۆرۈنۈشلەرمۇ خېلى باركەن. بىز پروگرامما گۇرۇپپىسىدىن بىزگە ئەۋەتىپ بەرگەن پلاستىنكىسىنى قايتا رەتلەپ، پەقەت ئۆمەرجان ئاكىنىڭ كۆرۈنۈشى بار قىسمىنى كېسىپ ئېلىپ تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق. مەۋسۈملۈك ئىمتىھان يېقىنلىشىپ قالغاچقا ،ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن جەرياننى تەرجىمە قىلماي ، مۇھىم گەپ-سۆز ۋە كورىيەچە خەتلەرنىلا ئىخچاملاپ تەرجىمە قىلدۇق.

مەنبە: xjkorea بىلوگبۇس تورى

Rank: 8Rank: 8

توردا
397سائەت 
نادىر تېما
دوست
30 
يازما
574 
تېما
287 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئۆمەرجان ئاكىنىڭ كورىيەدە چۈشكەن بىر قىسىم خاتىرە سۈرەتلىرى...














قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
257سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
769 
تېما
199 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راستىنلا بىز،ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدىكەن. رەخمەت سىزگە.

توردا
542سائەت 
نادىر تېما
دوست
56 
يازما
3294 
تېما
438 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمىدىسەممەم بولا . ھەقىقەتەمۇ بەك قالىتس ئادەم ئىكەن .

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
86 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 23:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن بىز ئۇيغۇرلانىڭ پەخرى....شەخسەن مەن شۇنداق پەخىرلەندىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-11-5 02:30

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.