ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر بۇيەردە سىزنىڭمۇ ئىسمىڭىز بار(داۋامى)
كۆرۈش: 610|ئىنكاس: 21
go

بۇيەردە سىزنىڭمۇ ئىسمىڭىز بار(داۋامى)  

Rank: 8Rank: 8

توردا
485سائەت 
نادىر تېما
11 
دوست
38 
يازما
1357 
تېما
401 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 22:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بۇيەردە سىزنىڭمۇ ئىسمىڭىز بار

سەھرا قىزى

سەھرا قىزى تەنھا تۇرار كېچىدە،

سەلكىن شامال يەلپۈپ ئۆتەر چېچىنى.

ئاي شولىسى ئۇز چىھرىنى يورۇتار،

ئايغا ئىزھار قىلار ھەسرەت، دەردىنى.

-يايرىم مىنىڭ بوينۇمدىكى تۇمارىم،

دەپ تىلەيتىم دائىم ئاڭا ساپ تىلەك.

چۈنكى ئۇنىڭ شېرىن سۆزى ئوت ياق قان،

ئىنتىزارمەن، كۆيۈپ ئۆچتى بۇ يۈرەك...


جىمىرلايتى ئاسماندىكى يۇلتۇزلار،

تۇردى ئۇزاق، چۈشتى ئەنە شەبنەم مۇ.

چىھرى غەمكىن ،پىچىرلايتى يەنىلا،

ئازاپلىنىپ ھىجىران دىن شۇ دەممۇ.


مەنبە:قەلەم

بۇ بەس-مۇنازىرىگە قاتناشقان-قاتناشمىغان بولسىڭىزمۇ كۆرۈپ چىقىڭ

بۈگۈن مۇنبەرشۇنداق جانلىنىپ كەتكەن بولۇپ بەس- مۇنازىرە قىززىپ كەتكەن ئىدى، مۇنبەرداشلار
ئارقا-ئارقىدىن مۇنبەرگە كىرىپ فاتىمەنىڭ" ئېرىمنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن" دىگەن يازمىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن ئۆز قارىشىنى ئېيتىشتى،يازمىنى ياخشى يېزىلىپتۇ ،دەپ ماختاپ تېما ئىگىسىنى رىغبەتلەندۈردى.ھەممەيلەن ئەشۇنداق ناچارئەرلەرگە لەنەت ئوقىدى.....مەن بۇ سورۇننى بىر چەتتە كۈزۈتۈپ ئولتۇراتتىم.قارىسام:

xaxyeget تېمىنى تەرلەپ- تەپچىلەپ تېخىچە ئوقۇۋاتاتتى.تۈنجى بولۇپsalkin11فاتىمەنىڭ يىنىغا كىلىپ:

-ھىكايىلەردىمۇ قەلىمىڭىز خېلى ئۆتكۈركەن - جۇمۇ ! ... مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ ...،- دەپ ماختاپ كەتتى
. دائىم پىشقەدەم ئەدىپلىرىمىزگە ھەۋەس قىلىدىغان ، ئەمما ئۆزىگە يارىغۇدەك تور نامى تاپالمىغان 606113016 بىر كىتاپنى قولتىقىغا قىسىپ كېلىپ:- قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن ،- دەپ قويۇپ، كىتاۋىنى ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى. ayxolisi
تېمىنى ئوقۇپ چىرايى ئۆڭۈپ:
-نىمانچە ئېچىنىشلىق ، ئىختىيارسىز بەدەنلىرىم خۇددى توك تەپكەندەك ، جىغىلداپ كەتتى . .... كۆزلىرىمدىن ياشلار تاراملاپ ئاقتى . ئەمدى پۇشايمان قىلغان بىلەن ئىزىغا كىلەتتىمۇ ، چېقىلغان چىنىنى ئىزىغا ئەكەلگىلى بولمايدۇ . كىيىنكى پۇشايمەن ئۇزىگە دۇشمەن ئەمەسمۇ . مانا مۇشۇنداق رەزىل كىشلەر ئۇ دۇنيا ۋە بۇ دۇنيادىمۇ جازاسىنى تارىتماي قالمايدۇ . خەلىقنىڭ نەزىرىدىن چۇشۇپ كىتىشتىنمۇ ئارتۇق يوقۇتۇش بولمىسا كېرەك ............... قېرىنداشلىرىم بىزدىن ئىمان ، ئىنساب ، مىھرى - ۋاپا كۆتۇرۈلوپ كەتمىسۇن............. -دەپ غەزەپ بىلەن سۆزلەپ كەتتى.

tumarim كونايېزىققا پىششىق بولمىغاچقا تېمىنى ئاران ئوقۇپ بولۇپ، توپنىڭ ئىچىدە ئەزالارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ تۇرغان فاتىمەنىڭ يېنىغا تارتىنىپراق كېلىپ:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ، تولىمۇ ياخشى يېزىپسىز، مەزمۇنى ھەقىقەتەن چوڭقۇركەن ،-دىدى. فاتىمە رەخمەت ئېيتتى. توي ئىشى بىلەن مۇنبەردىن ئايرىلغان muslima12 تورداشلىرىنى سېغىنغانمۇ
سومكىنى بىر دولىغا ئېسىپ بىر قولىدا قاتتىق تاشلىق ھىساۋات دەپتىرىنى تۇتقان ھالدا تۇيۇقسىز مۇنبەرگە كىرىپ بۇ تېمىنى كۆرۈپ ، ئالدىرىماي ئوقۇپ چىقتى ۋە كۆپچىلىككە سالام قىلىپ،فاتىمە بىلەن يۈزىنى يۈزىگە تەككۈزۈپ كۆرۈشكەندىن كېيىن:
-ھەقىقەتەن تەسىرلىك يىزىپسىز ،جۇمۇ. ھەقىقەتەن ئارىمىزدا ھايۋان سۈپەت ئىنسانلار ياشىماقتا.
ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ، ھىدايەت،ھەقىقى ئىنساندا بولۇشقا تىگىشلىك غۇرۇر،ۋىجدان ئاتا قىلغاي.ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن قىرىندىشىم.
- دىدى ۋە ئۇزۇندىن كۆرۈشمىگەن باشقا دوسلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ كەتتى. بىردىنلا بىرسىنىڭ ھۆڭۈرەپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ھەممە چۈچۈپ قارىۋىدى ئۇ oho0995 ئىكەن،ئۇ تېمىنى ئوقۇپ تەسىرلەنگىنىدىن يىغلاپ كەتكەن ئىدى.بىر چاغدا مۇنبەردە كەپسىزلىك قىلپ يۈرىدىغان kapsez0903:

ھىچ گەپ ئەمەس دوشمەن ھەيۋىسى،
ئەڭ يامىنى پىنھان قەسلەيدىغىنى.
خەتەرلىك ئەمەسمۇ قاۋغان ئىتتىن،
ئەركىلەپ تۇرۇپ چىشلەيدىغنى.

-دەپ شېئىر دىكلىماتسىيە قىلىپ كەتتى.

- توختىغىنا ۋاقىراپ –جاقىرىماي،- دىدى dunya005قاپىقىنى تۈرۈپ، ئاندىن فاتىمەگە:- ئەشۇ قىزغا دەپ قويسىڭىز ئىرىدىن ئاجراشماي بالا سىزلىقنىڭ تەمىنى تىتىتسۇن.-دىدى سوغۇقلا.ئۇنىڭ يىنىدا تۇرغان
kaplan120 مۇ:
-خېلى ئۆتكۈركەن - جۇمۇ .....ئەشۇ قىزغا دەپ قويسىڭىز ئىرىدىن ئاجراشماي بالا سىزلىقنىڭ تەمىنى تىتىتسۇن،-دىدى ئۇنىڭ سۆزىنى تەكىتلەپ. dunya005ئۇنىڭغا ئالىيىپ قاراپ قويدى.

دائىم "بىكەت ئەسكەرتىشى" نى كۆتۈرۈپلا يۈرىدىغانsahra0997:
-ئادەم بۇلسا بۇنچىۋالا رەھىمسىز بۇلماس سەل ئىشىپ كەتتىمۇ نىمە بۇ تىما ....،- دىدى كۆپچىلىككە قاراپ.ئۇنىڭ يىنىدا تۇرغان turditohti ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندەك:

-شەپقەتسىزلەر،ئۈزىنىڭ قىلغانلىرى ئارقىلىق ئۈزىنى خارلايدۇ...- دەپ قايناپ سۆزلەپ كەتتى.چەتئەللىك ئارتىسلارنى دوراپ ساقال- بۇرۇت قويۇپ چىرايلىق كاستۇم كىيىپ گالۇستۇك تاقىۋالغانotyak:
-كەچۇرۇشكە بولمايدۇ. جانلىق چىقىپتۇ.-دىدى خۇددى كىينۇنى باھالاۋاتقاندەك.بىر ئازدىن كېيىن ،ئىز مۇنبىرىنى ئارلاپ باقاي دەپ كىرگەن xahla02 ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن فاتىمەگە:
- بۇ تېمىڭىزنى كەڭسايدا تەھرىرلەپ قويغانتتىم ، بىردەمدە يوق تۇرىدۇ ، ئىزدەپ باقامىسىز !-دىدى تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك. بۇ گەپنى ئاڭلاپ 606113016 قاقاخلاپ كۈلۈپ كەتتى.ۋە:-. قورسىقىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ.- دىدى ئاچچىقى كەلگەندەك ، ئاندىن نېرى كەتتى. بىر چەتتە كۆپچىلىكنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرغان yanbulak:
-تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولغان تېما يوللاپسىز.جەميەتتكى ئەشۇنداق ئەرلىرىمىز گە تەنبىھ ۋە ئىبىرەت بولغىدەك.-دىدى،فاتىمەنى ئىلھاملاندۇرۇپ.ئوقىغان تېمىلىرىغا قانداقتۇر تىلېفۇن نومۇرىنى قالدۇرۇپ ئادەتلىنىپ كەتكەن 13779498434 بولسا بىر چەتتەبىردەم كۆزىنى پاللىدىتىپ، بىردەم چىمچىقلىتىپ ، گەپ قىلماي تۇراتتى.tumarim بولسا بىر كۆزىنى قىسىپ، تىلىنى چىقىرىپ ئۇنى مازاق قىلىۋاتاتتى. دائىم ئاغىزى بېسىلماي سۆزلەپلە يۈرىدىغان guljamalhinim:
-دۇنيادامۇشۇنداقمۇ ئەرلەرمۇ ...............ھە؟؟؟؟...،-دەپ ئاچچىقىدىن گېپىنى تولوق دەلەلمەي ئەرلەرنى ئەيىپلەپ كەتتى.jamila:
-ئاللا ئاشۇنداقلارنىڭ كوڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن .-دەپ ئۇنىڭغا تاسەللى بەرگىنى تۇردى.تېخى ھىلىلا ھايۋاناتلار باغچىسىدا تۆگە قۇشقا مىنىپ ئويناپ كەلگەن HIJIRAN0998:
-ئۆزىنىڭ ئايالىنى شۇنداقمۇ خورلىغان بارمۇ،-دەپ ئۇنىڭغا- بۇنڭغا قاراپ قويدى ئارتۇقچە سۆزلەپ قويدۇممۇ دىگەندەك.
مەيدىسىگە ئادەمنىڭ باش سۆڭىگىنڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن گاڭسىر كىيىۋالغان PAKZAT0992:
-بۇنداق ئەرلەرنى ئۆلتۈرىۋېتىش كېرەك،ئۆزىنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالغان مۇناپىق،بۇنداق ئادەمنىڭ قولىدىن ھەرقانداق ئىش كىلىدۇ. ئاياللىرىمىز بۇنداق ئەرلەردىن بەك ئېھتىيات قىلىڭلار!،-دىدى ئاچچىغىدا. بۇنى ئاڭلاپusman:
-ئئوييو قەتئىىيلا سۈزلىۋەتتىڭىزغۇ .بىراق تۇغرا ئۇ ئادەم سىياقىدىكى ھايۋانكەن ئۇنتۇپ قالماڭ ئېھتىيات قىلىڭ ،-دىدى ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ.ئاندىن فاتىمەگە:.

-بەك ياخشى خانىم قىزلىرىمىزغا بىر ئەسكەرتىش ياق بىزمۇ با ئەسكەرتىش بېرىپسىز ئۇ ساراڭكەن بىراق ئۇ قىزمۇ بىر قىتىم يىگەنكى كەتسىلا بولمامدۇ ، بالىنى بولسىمۇ ئويلاپ ئىككىسىلا ساراڭ،-دىدى. شۇ چاغدا
گىتتار كۆتۈرۈۋالغان kaplan120 ، گىتتارىنى تېرىڭشىتىپ كېلىپ:
-راس،،،،ئەشۇ قىزغا دەپ قويسىڭىز ئىرىدىن ئاجراشماي بالا سىزلىقنىڭ تەمىنى تىتىتسۇن. ...
ئەجەپ بىر كۆڭلۇم يىرىم بولىۋاتىدۇيا...
..،- دىۋىدى
artikin:
- ھەي نمىنداق شاتۇتىدەك بىر گەپنى تەكىتلەۋىرىسەن، ئۆزەڭ مۇستەقىل پىكىر قىلالمامسەن، كەچكىچە خەقنىڭ سۆزىنى تەكىتلەپ قويىدىكەنسەن،-_دىدى تېرىكىپ. كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئېڭىگىنى تۇتۇپ ئولتاغانteshna خىيالچان ھالدا:
-بەكلە قورقۇپ كەتتتىم، توي قىلغاندىن بويتاق ئۆتسە ياخشىمۇ نېمە؟ توۋا، ئەجەپ رەزىل ئەركىنا ئۇ!!!،-دەپ قويدى ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىگەندەك. almigul بىردىنلائاچچىقى بىلەن :
-مەنمۇ ئىرىمنى مەڭگۇ كەچۇرمەيمەن،-دىدى يوغان قوي كۆزلىرى بىلەن ھەممىگە تىكىلىپ،قولىدا ئۈچ تال ئەتتىرگۈل تۇتۇۋالغان jannatgul:
-توۋا.... ئۇنداق ئادەملەردىن ... خۇدايىم ساقلىسۇن ...،- دەپ ئەمدى سۆزىنى باشلىۋىدى، ئىشىكنى قىيا ئېچىپ كىچىك بالىدەك قولىنى ئاغزىغا تىقىۋالغانyultuz212:
- ئاياللارنى ئۇردىغان نامەرت ئەرلەردىن دۇنيا بىزار..............!،- دەپ توۋلىدى، شۇئار توۋلىغاندەك. كۆپچىلىكنىڭ ئوخشاشمىغان سۆزلىرىنى جىمجىت ئاڭلاپ ئولتۇرغان BARNA1 ئورنىدىن تۇرۇپ:
- تۇرمۇش ئەنە شۇنداق بولسا كىرەك،.گۇناھ ئۇ قىزدىمۇ ئەمەس،ئۇ شۇنداق تاياق يەپ ھاقارەتلىنىپ ئاللادىن يۇلدىشىنىڭ ئىنسابىنى تىلىگەن بولشى مۇمكىن.ئۇ بالىسىنىڭ يىتىم قالماسلىقى ئۇچۇن،ھەممىگە چىدىدى.بالا تۇغۇلسا يولدىشىم تۇزۇلۇپ قالا دەپ ئۇيلىغان بولشى مىۇمكىن.لىكىن ئىرىنىڭ بۇنچە تاش يۇرەكلىكىنى،ھايۋانلىقىنى ئۇ نەدىن بىلسۇن.ئۇلۇغ ئاللا مىھىر-مۇھەببەتنى ئاتا قىلمىغان بولسا بۇ ئالەم نىمە بولۇپ كىتەر بولغۇيتى.
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ كوزۇمگە ياش ئالدىم.ئاللا ئىگەم ھەر بىر قىزلارنى ئاشۇنداق ئىپلاس.ھايۋان ئەرلەردىن ساقلىغۇسى....،
- دەپ خىلى ئۇزۇن سۆزلىدى ۋە سۆزلىگەنسىرى غەزەپتىن تىتىرەپ كېتىۋاتاتتى.
kurguyum، قارچۇغا، ،muslimahinim ،aygaizharaibibaiasma311 alzaman
، world ،،tirakbostan ، nargiza لار قاتناش قىستاڭچىلىغىدابۇ سورۇنغا
ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىدى. باشقا ئەزالار تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن بۇنىڭغا قاتنىشالمىدى. ZILALE
saptilak لەر بولسا يازمىلارنىڭ ئىملاسىنى توغۇرلايمىز ،دەپ بۇ ھەققىدە پىكىر قىلالمىدى.
ئومۇمەن بۇ قېتىمقى بەس مۇنازىرە شۇنداق قىزغىن بولدى، ھەممە قىزغىنلىق بىلەن پىكىر قاتناشتۇرۇپ ئەرلەر ئىچىدىكى ئەشۇنداق رەزىل ئادەملەرگە لەنەت ئوقىدى،ئۇنداقلاردىن ئىبىرەت ئىلىش،ئەرلەرنىڭ بولۇپمۇ ياشلار نىڭ كەلگۈسىدە ۋىجدانلىق، قەيسەر، كۇيۈمچان، سادىق ئەر بولۇپ يېتىلىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلشتى. بۇ ئارقىلىق ئىز مۇنبىرىدىكى ئەزالارنىڭ ھەق-ناھەق مەسىلىلەر ئۈستىدە بەس مۇنازىرە قىلالايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت قىزغىنلىقنىڭ كام ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاندى.
ئەسكەرتىش: ئەزالارنىڭ سۇزلىرىگە فاتىمەنىڭ " ئېرىمنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن "دىگەن تېمىدىكى ئىنكاسلار ئەينى بويىچە ئېلىندى.بۇ تېمىنى يوللاشدىكى مەخسىدىم مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ مۇھىم مەسىلىلەرگە قىزغىن ئىنكاس يېزىپ مۇنبەرنى يەنىمۇ جانلاندۇرسا دىمەكتۇر. خالاس.
مەنبە:يانبۇلاق رەتلەپ چىقتى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-11-1 02:54


توردا
187سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
907 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 22:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي ئىسىت مەن ئۇ تىمىنى كۆرمەپتىكەنمەن ئەمەسمۇ

توردا
306سائەت 
نادىر تېما
دوست
55 
يازما
1463 
تېما
79 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 22:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ئۇ تىمىنى كۆرمىگەچكە مىنىڭ ئىسمىم يۇقكەن .

توردا
638سائەت 
نادىر تېما
دوست
65 
يازما
3900 
تېما
531 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 10:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ كۆرمەپىتىكەنمەن . شۇڭا ئىسىممىمۇ يوق ........ لىكىن سىزنىڭ تىل قابىليىتىڭىزىگە قايلمەن ،سالامەت بولۇڭ .

توردا
111سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
710 
تېما
112 
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 11:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 8Rank: 8

توردا
378سائەت 
نادىر تېما
دوست
28 
يازما
1715 
تېما
448 
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 11:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭ ئىسمىم باركەن ....يانبۇلاق ئاكا سىزنىڭ بۇ تىمىڭز بەكلا ئەھمىيەتلىك بولۇپتۇ،،، ئىز تورىدىكى ھەربىر قىرنىداشلىرىمىزغا مەيلى تىما يوللىسۇن مەيلى ئىنكاس يازسۇن... بىر شۇئارنى ‹‹مۇنبەرنى تىخىمۇ جانلاندۇرۇش››‹‹ ئىز تورىنىڭ تەرەققىياتى›› ئۇچۇن توھپە قۇشۇننى . مەن سىزنىڭ مۇشۇ تىمىڭزنى كۆرۇپ ھەم تولۇق ئوقۇدۇم. شۇنچە تەپسىلى يىزىپسىز.. خىلى كۇچ چىقىرىپسىز.... سىزگە ئىز تورى نامىدىن كۆپ رەھمەت ئىيتىمەن..... مەن بىر ئەدىپنىڭ يازغۇچى قولىغا قۇرال ئالمايتۇرۇپ مىڭىلىغان ئەسكەرلەرنى بويسۇندۇرالايدۇ دەپ كۆرگەن......مەنسىزگە قايىل بولمايتۇرالمايمەن... ھەم مۇنبىرىمىزدىكى كۆپ ساندىكى قىرىنداشلىرىمىز قايىل بولمايتۇرالمايدۇ.....رەھمەتسىزگە..... ئاللاھ سالامەتلىكلىڭزنى ياخشى قىلغاي.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kaplan120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-11-1 11:37

توردا
241سائەت 
نادىر تېما
دوست
48 
يازما
1115 
تېما
91 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 12:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يانبۇلاق ئاكا بەك ياخشى يىزىپسىز.مىنىڭچە مۇنبەردىكى ھەممە ئەزالار شۇنداق خوش بولدى.بەك ئەھمىيەتلىك تىما بولۇپتۇ.ئەجىرڭىزگە رەھمەت،.

توردا
85سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
318 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 14:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەييييييييييييييييييي يەنە مىنى ئۇنتۇپ قاپسىز

Rank: 8Rank: 8

توردا
485سائەت 
نادىر تېما
11 
دوست
38 
يازما
1357 
تېما
401 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 15:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
kaplan120 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 11:34
مىنىڭ ئىسمىم باركەن ....يانبۇلاق ئاكا سىزنىڭ بۇ تىمىڭز ...

ئىز تورى ھەمىمىزنىڭ ئائىلىسى.ئۇ جانلىق كەيپىياتقا چۆمسە ،تورداشلارغا مەنىۋى ئوزۇق بېرەلىسە ئەجىرىمىزدىن رازى بولار ئىدۇق، ئەلۋەتتە بۇ ھەر قايسىمىزنىڭ تېرىشچانلىقىغا باغلىق.

Rank: 8Rank: 8

توردا
485سائەت 
نادىر تېما
11 
دوست
38 
يازما
1357 
تېما
401 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 15:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
izdanjan يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 14:21
ھەييييييييييييييييييي يەنە مىنى ئۇنتۇپ قاپسىز

كەچۈرۈڭ، ئەشۇ تېمىغا ئىنكاس يازغانلارنىلا ئېلىۋىدىم. دىققەت قىلمىغان ئوخشايمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-1-6 19:43

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.