ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ياخشى فىلىملەر خوتۇن ئېلىش ھەققىدە
كۆرۈش: 149|ئىنكاس: 7
go

خوتۇن ئېلىش ھەققىدە

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بىلگىنكى ،ھەرقانداق خوتۇن ئالساڭ خوتۇنۇڭنى ھۆرمەت قىل ۋە ھەرقانداق قەدىرلىك نەرسەڭ بولسىمۇ ساڭا ئىتائەت قىلغان،ئاق كۆڭۈل ،توغرا يوللۇق خوتۇنۇڭ ۋە ئوغلۇڭدىن ئايىما،قىزغانما.خوتۇن ئېلىشقا خوتۇننىڭ مال -مۈلكىدىن،پۇلىدىن بىرنەرسە ئېلىشنى ئىزدىمەۋە خوتۇننىڭ تولىمۇ گۈزىلىنى ئىزدىمە.ئالغان خوتۇنۇڭ شۇنداق بولسۇنكى يارىماس ئادەملەردىن يۈزى پاك ۋە دىنى پاك بولسۇن،قۇرامى ئوتتۇرا ياشلىق ۋە خوتۇنلۇققاۋە ئۆي تۇتۇشقا لاياقىتى بولسۇن.ئۆي ئىشلىرىنى بىلىدىغان ئۆزىنىڭ ھالال ئىرىنى سۆيگۈچى،ھايالىق،نۇمۇسلۇق،ئۆزىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى بولسۇن.بۇسۈپەتكە لايىق بولغان خوتۇن يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلىغۇچى بولىدۇ.يەنە،ئۆزمەرتىۋەڭدىن يۇقىرى،ئۆزۈڭدىن باي خوتۇننى ئالما،تاكى خوتۇنۇڭ ئالدىدا تۆۋەن ئورۇندا بولمىغايسەن.ئەگەر قىز ئېلىش مۇمكىن بولسا،قىز ئېلىش ئەۋزەل،ئەردىن قالغان تۇل خوتۇننى ئالما.چۈنكى قىزنىڭ كۆڭلىدە سىنىڭ مۇھەببىتىڭدىن باشقا ئەرنىڭ مۇھەببىتى بولمايدۇ.باشقىلارنىمۇ ساڭا ئوخشاش دەپ بىلىدۇ،باشقىلارنى تەمە قىلمايدۇ،ئارزۇ قىلمايدۇ.ھەر خوتۇنكى ئەقىللىق بولمىسا،ساڭا تىل ئۇزىتىپ،سەندىن ئارتۇقلۇق ۋە ئۈستۈلۈكنى دەۋا قىلىدۇ.مۇنداق خوتۇندىن قېچىش كىرەك.ئالىملار ئېيتقانكى:<ئەركىشى بۇلاققا ئوخشايدۇ،ئەقىللىق ۋە تەدبىرلىك خوتۇن يەرگە ئوخشايدۇ>. ئەر كەسىپ قىلىپ تاپقان نەرسىلەر يەرگە سۇ يىغىلىپ كۆل بولغاندەك خوتۇن قولىغا يىغىلىدۇ. لېكىن، خوتۇن سىنى باشقۇرۇپ،سىنىڭ رىزىق-ئۇزۇق ۋە تەسەرۇپلىرىڭنى قولىغا ئېلىۋالمىسۇن،تۇسالغۇ بولمىسۇن،ئەگەر خوتۇن سىنىڭ ئىگىلىكىڭنى ئېلىۋېلىپ ،سىنى ئىگە قىلمىسا ۋە ئۆز مال-مۈلكۈڭگە سۆزۈڭ ئۆتمىسە،خوتۇننىڭ قولىغا قاراپ قالساڭ،بۇ ئەرلىك ئورنۇڭنى يۇقاتقىنىڭدۇر.سەن خوتۇن بولىسەن،خوتۇنۇڭ ئەر بولىدۇ.بۇ ھال ساڭا بۇ دۇنيادا ،خوتۇنۇڭغا ئۇ دۇنيادا خارلىق كەلتۈرىدۇ. كىشى ئۆزىنىڭ خوتۇنىدىن مەغلۇپ بولسا،بۇ غەيرەتسىزلىكتۇر.مەشھۇر ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە:<ئىران شاھى دارانىڭ قىزى شۇنچىۋالا گۈزەل نازىنىن تۇرسا،نىمە ئۈچۈن ئۇنى ئالمايسەن؟>دېيىلگەندە،ئىسكەندەر:<بۇ چوڭ ئەيىپ ئىشتۇر،مەن پۈتۈن ئالەم ئەرلىرىدىن غەلبە قىلدىم،بىر خوتۇن ماڭا غالىپ كەلسە ،ماڭا ھۆكۈمرانلىق قىلسا،بۇ،بىر ئەر ئۈچۈن كۆتۈرۈپ تۇرۇشقا بولىدىغان ئىش ئەمەس>دەپ جاۋاپ بەرگەن.
ئەي ئوغۇل،خوتۇنۇڭ بالاغەتكە يەتكەن،ئەقىللىق بولىشى لازىم.ئۇ،ئۆي تۇتۇش يوللىرىنى بىلسۇن.بەك ياش،بويىغا يىتەر-يەتمىگەن كىچىك قىزنى ئالما.چۈنكى،مەرد ئادەملەر خوتۇننى ئۆي ئىشلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئالىدۇ،پەقەت جىما ئۈچۈنلا ئالمايدۇ. ئالغان قىز،خوتۇنۇڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ،مەكتەپنىڭ توغرا تەربىيسىنى ئالغان،ئۆي تۇتۇش تەدبىرلىرىنى ئۈگەنگەن بولسۇن.مۇنداق قىز،خوتۇن قۇلۇڭغا كىرەر بولسا، ئۇنى ئېلىشقا بىپەرۋالىق قىلما،ھېچ ۋاقىت خوتۇنۇڭغا يامانلىق قىلما.خوتۇنۇڭ ۋە ئائىلە تاۋاباتىڭنى خوش تۇتۇشۇڭ كېرەك.خوتۇنۇڭمۇ سىنى ياخشى كۆرۈپ مۇھەببەت باغلىسۇن،ساڭا ئىززەت ھۆرمەت قىلسۇن. ساڭا ئۇنۇڭدىن ياخشى دوست بولمايدۇ.ئەگەر خوتۇنۇڭغا قاتتىقلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق قىلساڭ،ساڭا ئۇنىڭدىن ئارتۇق دۈشمەن بولمايدۇ.يات دۈشمەندىن ساقلىنىش مۇمكىن ،ئەمما خوتۇنۇڭ بىلەن ئوتتۇراڭدا دۈشمەنلىك بولسا ساقلىنىش مۈشكۈل.
ئەي ئوغۇل،ئەگەر قىز ئالساڭ غايەت مۇشتاق بولۇپ ، ھەر كىچىسى جىما قىلما،خۇتۇنۇڭ<ئەرلەرنىڭ ئادىتى ھەر كىچىسى جىما قىلىش ئىكەن>دەپ ،بۇنۇڭغا ئادەتلىنىپ قالمىسۇن. مۇبادا ساڭا بىر زۆرۈرىيەت كىلىپ قالسا ياكى سەپەرگە كەتسەڭ ،سەن قايتىپ كەلگۈچە ھەر كىچىسى جىماغا ئادەتلەنگەن خوتۇن ئۈچۈن يالغۇزلۇق ئېغىر كىلىدۇ. يەنى ئادىتى بويىچە ھەر كىچىسى جىما قىلدۇرۇشنى ئىزدەيدۇ. مۇنداق ۋەقە يۈز بىرىشتىن ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.ھەر ھالدا ئەرلىك غورۇرۇڭنى ساقلىغايسەن.غەيرەتسىز ۋە ھىممەتسىزلەر قاتارىغا كىرىپ قالما. كىمنىڭ غەيرىتى يوق بولىدىكەن،دىنىمۇ يوقتۇر.<كىمنىڭ غەيرىتى يوقتۇر،دىنى ھەم يوقتۇر>دېيىلگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. ھەقىقىي سادىق ھەم مىھرىبان،ياخشى سۈپەتلىك خوتۇنۇڭ بولسا،ئوغۇل-قىز پەرزەنتىڭنى ياخشى تەربىيلەپ چىققايسەن.

<قابۇسنامە>دىن


توردا
194سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
423 
تېما
16 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەي ختون ئېلىپ بولغاندىن كېيىن باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىدىغان گەپكەندە !

توردا
542سائەت 
نادىر تېما
دوست
56 
يازما
3294 
تېما
438 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
alzaman يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 00:30
ھەي ختون ئېلىپ بولغاندىن كېيىن باشقا بىر ئادەمگە ئا ...

Pسىز خوتۇن ئالغاندا ھەققىي بىر ئەرىگە ئايلىنىسز . بۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا چوقۇم بىسىپ ئۆتىدىغان بىر مۇساپىڭىز . ئەلۋەتتە بۇ يولدا سىزنىڭ قانداق ئورندا مىڭىشڭىز . قانداق ئورۇنغا چۈشۈپ قىلىشڭىز يەنلا ئۆزىڭىزىگە باغلىق .

توردا
55سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
356 
تېما
53 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يا خشى تىمىكەن رەھمەت سىزگە

توردا
667سائەت 
نادىر تېما
دوست
77 
يازما
3768 
تېما
393 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاياللار ئەرلەرگە زىنالىق قىلمىسا ئەرلەرمۇ ئاياللارغا ۋاپاسىزلىق قىلمىسا، بۇ نېمە دېگەن ياخشى....بىراق ھازىر

توردا
337سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
870 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
0998cn يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 14:20
ئاياللار ئەرلەرگە زىنالىق قىلمىسا ئەرلەرمۇ ئاياللارغ ...

بۇ قانداق گەپ چۈشىنەلمىدىم ....

توردا
337سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
870 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تېمىكەن رەھمەت ...

توردا
667سائەت 
نادىر تېما
دوست
77 
يازما
3768 
تېما
393 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
aktoxkan يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 16:51
بۇ قانداق گەپ چۈشىنەلمىدىم ....

بۇ تىمنى ئوبدان ئوقۇپ ئوقۇپ،ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىرى-ۋاپانى ئويلاپ بېقىڭ ۋاپاسىز ئەر بىلەن ۋاپاسىز خوتۇننى كۆز ئالدىڭىزغا كېلىپ بېقىڭ ئاندىن دېگەن گىپىمنى چۈشىنەلەيسىز...........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-11-5 02:28

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.