ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر بۇيەردە سىزنىڭمۇ ئىسمىڭىز بار(چوغلۇق)
كۆرۈش: 1335|ئىنكاس: 42
go

بۇيەردە سىزنىڭمۇ ئىسمىڭىز بار(چوغلۇق)  

Rank: 8Rank: 8

توردا
482سائەت 
نادىر تېما
11 
دوست
38 
يازما
1336 
تېما
400 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 19:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەزىز دوسلار: مەن ئىز مۇنبىرىدىكى پەقەت بىر قىسىم ئەزالارنىڭ مۇنبەردىكى نامىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپ سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم، بەھىرلەنگەيسىلەر.

قېنىپ ئۆتەي مىھرىبانىمغا

پىنھان يۈرەك پەرىشان سەنسىز،

بۇ چىھرىمدە تەبەسسۈم يوقتۇر.

قەلب تۆرىڭدە سۇلتانىڭ بولسام

غېرىپ كۆڭلۈم ھەر زامان توقتۇر.

چاھارباغدا كۈتىمەن سېنى،

چاقىرىمەن :"نەرگىزە كەلگىن!"

ئەمما يوقسەن ،ۋاي دەردىم تولا،

قېينىماستىن ھالىمغا يەتكىن.

يولغا قاراپ كەتتىمغۇ ئېزىپ،

بىر يۈز ئوتتۇز سەككىز(138) قېتىمدا.

ئۈمىد ئۈزمە تېرىشقىن دەيمەن،

پەرىزاتنى كۈتكەن چىغىمدا.

بىز ئۈچۈنلا بولسىدى خانقا،

ھارماس ئىدۇق قەسىدە ئوقۇپ.

چىكەڭگەسەن كەترەنگۈل قىسىپ،

كېتەر ئىدىڭ قوشاقلار توقۇپ.

ئۆركەش لىدى مۇھەببەت ئوتى،

ئۇيغۇرقىزى جان نىگارىمغا.

مەڭگۈ تاش تەك قەلبىگە ئورناپ،

قېنىپ ئۆتەي مىھرىبانىمغا.

مۇنبەردە

بۈگۈن مۇنبەرقىززىپتۇ يەنە،

ئەلزامانمۇ كېتىپتۇ قايناپ.

جۇشقۇن05 ئاچچىقلاپ دەيدۇ:


"ئىنكاس يازماي يۈرەمدۇق ئويناپ"

ئايگۈل 123دىدى:

"ھەي ئىسمەت ئىنكاسىڭ قېنى؟"

نازۇك214 دىدى:

"ئىنكاس دىگەن تېمىنىڭ جېنى!"

سۇمەييا،دىيانا غا دەيتى:

"كۆرۈپ قويۇپ كەتمەيلى چىقىپ.

ھەر تېمىغا كېتەر كۆپ ئەجىر،

پۈتەر شۇندا قەن-تەرى ئېقىپ".

"ئابدۇكۆرەش،زىشۇيجىن، شاھروھ... ،

دائىم يازار تېمىغا ئىنكاس.

مۇنبەر دىگەن قايناملىق سورۇن،

قايناپ تۇرسۇن، بولمىسۇن تىمتاس"

"نۇرغۇن تېما يوللىنار ھەر كۈن.

مەمەتجان 005 سالىدۇ تەسدىق"

-دەر، س چ ل ،ئەمەسمۇ ياخشى،

ئوقۇپ قىلسا ئۆزىگە تەتبىق"


فاتىمە ھەم ئابىدە تىنماس،

ئەجىر قىلىپ يازمىلار يوللاپ.

رۇھسارقىزمۇ بوش كەلمەس ھەرگىز،

ئامانشاھ ھەم شاتاينى قوللاپ.

يەنە باردۇر ئاق توشقان ، بەرنا،

چاھارباغلار ... تېرىشچان بەكلا.

يۈسۈپجان، 0998cn،قاپلاننىڭ...،
تېمىسىنىڭ مەزمۇنى نەقلا.


ئاتىللا نىڭ تىللادۇر ئۆزى،

يوللار دائىم ئەڭ ئېسىل فىلىم.

قۇسۇرچى، خەنجەرھەم تەشنا...

تېما يوللاپ تاپمايدۇ تىنىم.

8807701314520،

ساقلانمىنى يوللاپمۇ تۇرار.

كىم يازغاندۇ دەپ قالار ھەر كىم،

ئەسكەرتمىسىڭىز بەك سەت تۇرار.

بەزىلەر گويا گىلادىياتۇر،

مۇنبەر ئاڭا چىلىش مەيدانى.

گەپ سۆز تېپىپ چىقىرىپ بوران ،

خۇي-مىجەزى شۇنداققا شەيدايى.

مۇنبەر ئەھلى تېرىشقىن يانما،

ئالغا باسقىن كەينىدە قالما.

ئىز مۇنبىرى پارلىسۇن چاقناپ،

ئەجىر قىلغىن ھەرگىزمۇ تالما!

مەنبە:يازمام

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-10-26 19:29


توردا
355سائەت 
نادىر تېما
دوست
40 
يازما
908 
تېما
61 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 19:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توۋا ،قولىقىزغا دەرت كەلمىسۇن ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ...
رەھمەت سىزگە ..
سىزگە .ئامەت تىلەيمەن ...

توردا
85سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
317 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 19:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئالامەت يىزىۋىتىپسىز. ئەمما لىكىن مىنى ئۇنتۇپ قاپسىز ئەمەسما
قاراپ كەتتىم خىلى بەك ئۇزاق ،

توردا
85سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
317 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 20:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قاراپ كەتتىم خىلى بەك ئۇزاق
ئىزدەنجان دەپ پەقەت يازماپسىز
خاپا بولدۇم سىزدىن راستىنلا
مىنى پەقەت كۆزگە ئىلماپسىز

Rank: 8Rank: 8

توردا
482سائەت 
نادىر تېما
11 
دوست
38 
يازما
1336 
تېما
400 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 00:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
izdanjan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 20:03
قاراپ كەتتىم خىلى بەك ئۇزاق
ئىزدەنجان دەپ پەقەت يازما ...

ئۇنداق دىمەڭ ئىزدەنجان،
بۇگۇن تۇنجى كۆرۈشۇم.
يېڭى ئەزا ئوخشايسىز،
ھەيران بولۇپ تۇرۇشۇم!

توردا
240سائەت 
نادىر تېما
دوست
48 
يازما
1115 
تېما
91 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 01:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپسىز.ئەجرڭىزگە كوپ تەشەككۈر.

توردا
372سائەت 
نادىر تېما
دوست
55 
يازما
1532 
تېما
37 
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 09:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق چوڭ ئۈمۈدتە كىرگەنتىم . ئۆزۈمنىڭ يوقلقنى بىلمەپتىمەن .

Rank: 8Rank: 8

توردا
346سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
481 
تېما
85 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 09:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يا ئاللا،ماۋۇ باللانىڭ چۆگۈندەك قاينىغان چايدەك قايناپ كېتىشلىرىنى...

ئالدىرماي 2-بۆلىمىنى كۈتمەمسىلەر،ئىسمىم ياتلىنىپ تۇرسۇن دېسەڭلەر تېمىلارغا ئېسىل-ئېسىل ئىنكاس يېزىڭلار...

توردا
105سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
455 
تېما
111 
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 10:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق چوڭ ئۈمۈدتە كىرگەنتىم . ئۆزۈمنىڭ يوقلقنى بىلمەپتىمەن

توردا
785سائەت 
نادىر تېما
دوست
89 
يازما
4564 
تېما
428 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 11:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەتگەندە ماۋۇ تىمىنى كۆرۈپ شۇنداق خۇش بوپكەتتىما،بەكمۇ ياخشى كەلتۈرۈپسىز،مۇنبىرىمىزدە چالا قالغانلارمۇ يوق دېيەتلىكمۇ نېمە....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-12-31 20:46

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.