- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-8
- تىزىملاش
- 2010-8-3
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 25سائەت
- جۇغلانما
- 426
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 66
- تېما
- 8
- توردا
- 25سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 11
- يازما
- 66
- تېما
- 8
|
66-نۆۋەتلىك ب د ت چوڭ يىغىنى ئېچىلدى ، بۇ نۆۋەتلىك چوڭ يىغىندا ‹‹پەلەستىننىڭ ب ت د غا ئەزا بولۇپ كىرىش›› توغرىسىدىكى تەلىپى كىشىنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەك جەلپ قىلسا كېرەك . پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئاپپاراتىنىڭ رەئىسى ئابباس يېقىندا بايان قىلغان بىر ئاشكارا نۇتقىدا : ‹‹بىز ب د ت غا بېرىپ ، قانۇنلۇق ھوقۇقىمىزنى ـــ 1967-يىلىدىكى چېگرا ئاساسىدىكى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرىمىز ، بۇ قارارىمىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز›› دېدى . پەلەستىن تەرەپ 23-سېنتەبىر ب د ت غا تەلىپىنى سۇنماقچى .
پەلەستىن 1988-يىلى دۆلەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ب د ت غا ئەزا مۇتلەق كۆپ سانلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ، ب د ت غا رەسمىي ئەزا دۆلەت بولالماي ، كۈزەتكۈچى ئورنىدا تۇرۇپ كەلگەنىدى .بۇ يىل 6-ئايدا پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ‹‹ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىش›› قارارىنى رەسمىي جاكارلىدى . پەلەستىن يەنە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ ، ب د ت چوڭ يىغىنىدا ھازىرقى كۈزەتكۈچى دېگەن سالاھىيەتتىن ‹‹پەلەستىن دۆلىتىنىڭ كۈزەتكۈچى سالاھىيىتى›› گە ئېرىشىش توغرىسىدا بىر يۈرۈش زاپاس لايىھە تەييارلىدى . مۇشۇ لايىھە بويىچە ، ب د ت غا رەسمىي ئەزا دۆلەتنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمى (يەنى 128 دۆلەت) قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرسىلا بولىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ، ئابباس كۆندۈرۈش دىپلوماتىيەسىنى كۆپلەپ يولغا قويۇشقا باشلىدى . خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ھازىر بۇنىڭغا قوشۇلغان دۆلەت 125 كە يەتكەن ، رەسمىي بېلەت تاشلىغاندا بۇ سان 150 كە يېتىشى مۇمكىن .
ئۇنداقتا پەلەستىننىڭ ‹‹ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشى›› دىن ئىبارەت بۇ ‹‹ئويۇن›› دا زادى كىم ئۇتۇپ چىقىدۇ ؟
ئىسرائىلىيەنىڭ جان-جىگەر ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان ئىنكاسى كۈچلۈك بولماقتا . مەيلى ئاقساراي ياكى گوۋۇيۈەن ۋە دۆلەت مەجلىسى بولسۇن ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ‹‹كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقى›› نى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ قارشى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى . ھالبۇكى ، ئامېرىكىنىڭ بۇ يولى خەۋپلىك يول . ھەممىگە مەلۇمكى ، ئامېرىكىدا يەھۇدىلارنىڭ كۈچى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ، ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئىسرائىلىيەگە ‹‹قوغدىغۇچى ئىلاھ›› بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ ئەنە شۇ . لېكىن ، ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپكە يان بېسىشى نۇرغۇن دۆلەتلەردە نارازىلىق قوزغايدۇ . يەنە كېلىپ ، ئوباما يېڭىدىن تەختكە چىققاندا بايان قىلغان ‹‹يېڭى ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى›› نىڭ ساداسى تېخى ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا ، ئوتتۇرا شەرق سىجىل داۋالغۇش ئىچىدە قالدى ، كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتىدۇ ، مۇشۇنداق چاغدا ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە يان بېسىپ تۇرۇۋالسا ئەرەب دۇنياسى بىلەن بولغان سۆھبەتكە توسالغۇ پەيدا قىلىپ قويىدۇ ، بۇ ھال ئامېرىكىنى ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە تولىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ .
ئىسرائىلىيە تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالماقتا . قىسقىغىنە بىر قانچە ئاي ئىچىدە ، ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيە ۋە مىسىردىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقدىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېزدىن ناچارلاشتى ، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا كۆپ يىل تىرىشىپ ساقلاپ كېلىۋاتقان ‹‹ئىستراتېگىيەلىك ئۈچبۇرجەك›› لىك مۇقىملىق ھالىتى تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتماقتا . بۇ ئىش ئاقىۋىتىدە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كەڭ دائىرىدە ، ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش كەيپىياتى تىزگىنسىز ئەھۋالدا قېلىشى مۇمكىن . مۇشۇنداق ئەھۋالدا ، پەلەستىننىڭ ‹‹ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشى›› ئىسرائىلىيەنى دىپلوماتىيە جەھەتتە تېخىمۇ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ .
ۋاھالەنكى ، پەلەستىننىڭ بىردىنبىر ئۇتۇۋالغۇچى بولۇشى ناتايىن . ھازىرقى پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى ۋە پەلەستىن تەرەپنىڭ ئىقتىسادى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېغىر دەرىجىدە بېقىنىپ قالغان .شۇڭا پەلەستىننىڭ بۇ تەلىپى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن . خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئامېرىكا ھەر يىلى پەلەستىنگە بېرىۋاتقان ياردەم 500 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن ؛ ئىسرائىلىيە ھەر يىلى پەلەستىن تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقان باج 1 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىكەن ، بۇ پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى خامچوتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن . يەنە بىر تەرەپتىن ، پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بىرمۇنچە زىدىيەت مەۋجۇت . پەلەستىن خەلق رايىنى سىناش ئاپپاراتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە ، %59.3 پەلەستىن پۇقراسى ئىسرائىلىيە بىلەن داۋاملىق يارىشىشنى قوللايدىكەن ، پەقەت %35 پەلەستىنلىك ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشنى قوللايدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە خاماسمۇ بۇ ئىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ، ‹‹ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىش›› فاتاخ تەرەپنىڭ يەككە قارارى ، ئۇلار بۇ ئىش توغرىسىدا باشقا سىياسىي گۇرۇپپىلار بىلەن مەسلىھەتلەشمىدى ، دېمەكتە .
‹‹ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىش›› پەلەستىن ئۈچۈن كېرىلىپ بولغان ئوقياغا ئوخشايدۇ . بۇ ئوق ئېتىلغاندىن كېيىنكى ئەھۋال يەنىلا ئايدىڭ ئەمەس .
مەنبە : نۇر تورى
|
|