- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-11
- تىزىملاش
- 2010-6-17
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 171سائەت
- جۇغلانما
- 861
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 342
- تېما
- 44
- توردا
- 171سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 53
- يازما
- 342
- تېما
- 44
|
خىزمەت ئادىتىمىز ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم يىزىلارغا تەشۋىقاتقا چىقاتتۇق .بىز بىر نەچچەيلەن ماشنا بىلەن يىزىغا
مىڭىشقا ئاتلاندۇق .بىز يولدا قىززىق پاراڭلارنى قىلىشقاچ ،يىزىنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ،مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇق ،
تۇيۇقسىز بىز ماڭغان ماشىنا نىمە بولدىكىن ،ئۆچۈپ قالدى .شوپۇر نىمە بولغانلىقىنى تەكشۇرۈۋاتاتتى .بىز ئەپچىلغىنا جايدىن
بىرنى تىپىپ ئولتۇردۇق .
بىزدىن 50 مىتىر يىراقلىقتا نۇرغۇن قىز -چوكانلار لەرزان ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ ،چاقچاقلىشىپ كۈلۈشۇپ ،ھارغىنىنى
سەزمەستىن خۇشال ھالدا كىۋەز تېرىشىۋاتاتتى .ئۇلار بىزنى كۈرۈپ ،ھەممىسى ھەيران بولغاندەك بىزگە قاراپ قىلىشتى . تۇيۇقسىز نىرىراقتا ئۈزى يالغۇز كىۋەز تېرىۋاتقان بىر ئايالغا كۈزۇم چۇشتى .ئۇ ئايال يۈز -كۈزىنى ئاپتاپتا كۈيۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ياغلىق ئورۇۋالغان ئىدى.(يىشىنىڭ نەچچە ياشلىقىنى بىلەلمەي قالدىم ) تىخى يىنىدا 1 ياشقىمۇ توشمىغان بىر بالا ئولتۇراتتى .
بۇ بالا ئۇ ئايالنىڭ بالىسى بولسا كىرەك ،ئۇ بىچچارە بالا تۇرۇپلا قىرقىراپ يىغلاپ كەتتى ،نىمە بولغاندۇ؟ شۇنداق
سۇئال بىلەن ھەممىمىز شۇ ياققا قاراشتۇق .ئەسلىدە بۇ بالىنى ئۆمۈچۈك چىقىۋالغان ئىدى ،ئانا بالىسىنى قۇچىقىغا ئىلىپ توختىماي بەزلەيتتى ،بۇ بالا بەك قورقۇپ كەتكەچكە ئاپىسىغا چىڭ چاپلىشىپ ئەمگىلىمۇ ئۇنىماي يىغلاپ كەتتى ،نېرىراقتا قۇناقلىقتىن 30 ياشلار ئەتراپىدىكى قاۋۇللىقى بوي-بەستىدىن بىلىنىپ تۇرىدىغان ،ئاپتاپتا كۈيۈپ قارىداپ كەتكەن بىر ئەر چىقىپ كەلدى ،ئۇ ئايال ئەرگە بىر نىمىلەرنى دىگەندىن كىيىن ،ئۇلار مۇتسىكىلىتقا مىنىپ كىتىپ قىلىشتى .تۇساتتىن باشقا ئاياللارنىڭ دىيىشكەن مۇنۇ سۆزلىرى قۇلىقىمىزغا كىردى :
---بۇ ئايالنىڭ ئاتا -ئانىسى بۇرۇنلا ئۈلۈپ كىتىپتىكەن .قەينئاتا -قەينئانىسىنىڭمۇ يىرى بولغاچقا بۇ بالىسىنى بىقىپ
ئادەم يوق ........
-----بۇ بالىنى ئەتتىگەن سەھەردىلا مۇشۇ ئىتىزلىققا ئەچىقىدۇ .بىچارە بالا تۇڭۇپ تىتىرەپ مۇشۇ ئىتىزلىقتا ئوينايدۇ .
قايسى كۈنى تىخى مەيدىسى شامالداپ قاپتىكەن ،ھازىرغىچە ساقايمىدى ،
ئۇلارنىڭ قىلغان سۆزلىرنىڭ ئاخرى قۇلىقىمغا كىرمەيتتى .مىنىڭ خىيال كەپتىرىم تۇيۇقسىزلا بىزنىڭ ئۆيدىكى ئاكامنىڭ
ئەتىۋارلىق قىزىغا كىلىپ قوندى ،
ئاكامنىڭ بۇ قىزى تىخى 8 ئايلىق بولدى (بايامقى بالا بىلەن تەڭ ) ئاكام بازارلىق ھۆكۈمەتتە، يەڭگەم بولسا دوختۇرخانىدا
ئاياللار كىسەللىكى دوختۇرى ،بۇلار ئىككىلىسى خىزمەتتە بولغاچقا بالىسىنى باقىدىغان مەخسۇس ئادەم بار .كۈندە بىر قىتىم
قىزىتمىسىنى ئۆلچەپ تۇرىدۇ ،زۇكانداپ قالسىغۇ ئەسلا ، كىچىچە ئۇخلىماي ياتاققا ئالدۇرۇپ ،ئىككىسى نۆۋەتلىشىپ باقىدۇ
بىزنىڭ چوڭ ئۆدىكىلەرمۇ پۇتى كۆيگەن تۇخۇدەكلا بۇلۇپ قىلىشىمىز ..........
خىيالىم مانا شۇ يەرگە كەلگەندە ئۈزۈلۈپ قالدى .تۇيۇقسىز شوپۇرنىڭ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ ھەممىمىز ماشىنىغا
چىقىشتۇق .ئاھ خۇدا مىڭ شۈكىرى بۇ ئىككى بالا نىمىدىگەن چوڭ سىلىشتۇرما -ھە ؟
تۇنجى قىتىم ئەسەر يىزىشىم قاملاشمىغان بولسا مازاق قىلماڭلار -ھە ؟نىمىنى يىزىشنى بىلەلمەي قايىسى كۈنى كۆرگەن ئىشلىرىمنى يازدىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zishuijin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-29 11:13
|
|