ئۇشبۇ خىياللار ئىكىدە ئويغۇنۇپ كەتتىم،
نېمە قىلشىمنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ كەتتىم.
ئالدىم قولۇمغا چاقۇرغىنى نۇمۇرلار باستىم،
ئاھ ئاتا ئۆزۈڭ نەدە، دەپ گەپلەر ئەۋەتتىم.
ئوماق قىزىم مەن ساق – سالامەت،
ئۆي ئىچىمۇ تنچ-ئامان، ئانىڭىزمۇ ھەم.
نېمە بولدى پۇلىڭىز قالمىدىمۇ يە،
بارغۇ مەن يېنىڭىزدا، قىلماڭ ئەمدى غەم.
ئەتە بېرىپ سىزنى ئۆزۈم يوقلارمەن،
نېمە دېسىڭىز كېرەك يوق، سىزگە ئېلىپ بىرەرمەن.
مېنى بۇنداق ئەنسىرەتمەڭ جان قىزىم،
سىز ئۈچۈن مەن، بۇ جاندىنمۇ كېچەرمەن.
ئاڭلاپ ئاتام سۆزىنى شۇ مىنىۇتتا،
يانفونۇمنى تاشلىدىم دە، ئۆكسۈپ يىغلىدىم.
بىر ئاي بولدى كۆرمەپتىمەن ئاتامنى،
ئۆز-ئۆزۈمنى شۇ پەيىتتە تازا تىللىدىم.
چۈشتىن كىيىن سائەت بەشلەر بولغاندا،
دادام كەپتۇ ئانام بىلەن بىرلىشىپ.
كۆرۈپ شۇنداق يۈرەكلىرىم ئۆرۈلدى،
نەچچە كۈنكى كۆڭۈل يارام بىرلىشىپ.
ئېيتىڭلارچۇ دوستلىرىم،بۇ يەردە كىم ۋاپاسىز ،
قاچانغۇچە بىز شۇنداق يۆلىنىمىز ئۇلارغا.
ئاتام بار دەپ ئانام بار دەپ ئوينىدۇق،
كەتسە ئۇلار بىز قالمامدۇق يىگانە تاغ-باغلاردا.
ئىبرەت ئېلىڭ دوستلىرىم، مەندەك نادان قىزچاقتىن،
ۋاقتتم يوق، دەپ قاچماڭ ھەم ئۇلارنى سىز يوقلاشتىن.
بار چېغىدا ئۇلارنىڭ، قەدىرلەيلى بىزمۇ ھەم،
نېرى بولۇپ جەمئىيەتتكى ئەخلەت، چاۋار، قاششاقتىن.
مەنبە: قەلىمىم.