قەلىپلەردە پاكلىق قالمىدى..
جان-تەنلەردە ساقلىق قالمىدى، قەلىپلەردە پاكلىق قالمىدى. شۇ نەرسىنى ئەيتىمەن دوستۇم، ئۇيغۇرلاردا ھايا قالمىدى.
ھاياسىزلىق كۆپىيىپ كەتتى، قىلىقلىرى چېكىدىن ئاشتى. قىلىقلىرىدىن ئۇيانماي تېخى، نازىنىنلار تىنىنى ساتتى.
مانا بۇگۇن قارىسام دوستۇم، سەبىيلەرمۇ تاماكا چەكتى. كۆتۈرۋىلىپ قولىدا ھاراق، كوچىلاردا مەس بولۇپ ياتتى.
ئۇيغۇر دېگەن پاك مىللەت ئىدى، دېگەن سۆزنى كىم قىلغان ئىدى، ئەجداتلارمۇ ئۇزاقتىن بىرى، شۇ پاكلىقنى ساقلىغان ئىدى.
ئېچىنىمەن دوستۇم ساڭا، بۇ ئىللەتنى تاشلىغىن دەيمەن. ھايۋانلاردەك ياشىما ھەرگىز، غۇرۇرىڭنى ساقلىغىن دەيمەن.
ھايا يوقتا ، ئىمان يوقتۇر دەپ، بار ئىكەن ، كونىلار سۆزى. ھاياسىزنى سۇپۇرۇپ تاشلاپ، ئۆتسە دەيمەن مەرتلەرچە ئۇيغۇر......
مەنبە: خاتىرەمدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otluk1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-21 23:20
|